قاپلان
雪豹
ئا.ر.بوستانىي
بايان ئاۋۋال
قاپلان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشايدىغان ئارسلانئىلەدىكى (ئارسلان ئائىلىسىدىكى) بىر يىرتقۇچ ھايۋان زاتىنىڭ نامى. قاپلاننى، تىلىمىزدا يىلپىز، ئىلپىز، قار ئىلپىزى، ئاق يولۋاس، ئاق يىلپىز دىگەندەك ناملاردا ئاتالغانلىقىنى ئاڭلىدىم ھەم مەنبە ئەسەرلەردىن كۆردۈم. قاپلاننىڭ مۇنداق كۆپ خىل ناملاردا ئاتىلىشى، قاپلان توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەرنىڭ ھەر خىل ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن 1980-يىلى يايلاق تەكشۈرۈشتە قاپلاننى تاغدا كۆرگەن، مالچىلارنىڭ قولىدىكى قاپلان تېرىسىنىمۇ كۆرگەن. ياش ۋاقتىدا ئوۋچىلىق قىلغان دادامدىن قاپلان توغرىسىدا كۆپ ئاڭلىغان. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، مەنبەلەرگە ئاساسەن، قاپلان توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى بايان قىلدىم.
1. قاپلاننىڭ نەسەب تەۋەلىكى
قاپلاننى، تۈرلەشنامە (تاكسونومىيە ياكى كلاسسفىكاتسىيە) تەرتىۋى بويىچە تۇرلىسەك ۋە ھايۋانات نامىنى قويۇش ھەم يازىش قائىدىسى بويىچە ئاتىساق ھەم يازساق تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
مىقياس نامى: ھايۋانات مىقياس، [动物界]
قەبىلە نامى: تارچابىلە تارچاھايۋانات قەبىلەسى)، [脊索动物们]
شاخقەبىلە نامى: ئۇمۇرتقاشاخبىلە ( ئۇمۇرتقالىق ھايۋانات شاخ قەبىلەسى)، [脊椎动物亚门]
تەبىقە نامى: ھايۋانبىقە (سۈت ئەمگۈچى ھايۋانات تەبىقەسى)، [哺乳纲]
جەمەت نامى: يىرتقۇچمەت (يىرتقۇچ<گۆشخور> ھايۋان جەمەتى)، [食肉目]
ئائىلە نامى: ئارسلانئىلە (ئارسلانلار ئائىلىسى)، [猫科]
شاخئائىلە نامى: يىلپىزشاخئىلە (يىلپىزلارشاخ ئائىلىسى)، [豹亚科]
رۇق نامى: قاپلانرۇق (قاپلان رۇقى)، [雪豹属]
زات نامى: قاپلان قاپلانى (قاپلان)، [雪豹]
دىمەك، يوقۇرىدا تىزىلغان قاپلان نەسەبىنى تۈرلەشكە قارىغاندا، قاپلان، كىشىلەر ئاتاۋاتقان يىلپىز، ئىلپىز، قار يىلپىزى، ئاق يولۋاس، ئاق يىلپىز دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان ھايۋان زاتى ئەمەس. ئۇنىڭ توغرا ئاتىلىشى «قاپلان» بولىدۇ. ھايۋانات زاتىنىڭ نامىنى يازغاندا، رۇق نامى ئالدىغا، سۈپەت نامى كەينىگە يازىلىدۇ دەپ قارىغان ئىدىم. شۇ سەۋەپتىن، ئىلمىي قائىدە بويىچە، قاپلانرۇقدىكى زات نامى، قاپلان قاپلانى دەپ ئاتىلىشى ھەم يازىلىشى كېرەك. ئەمما، قاپلانرۇقتا تا ھازىرغىچە بىرلا زاتى بايقالغانلىقتىن، پەرقلەندۈرۈپ ئاتايدىغان يەنە بىر زاتى يوق. شۇڭا، قاپلان دىگەن زات نامى، رۇقنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
2. قاپلاننىڭ ئالاھىدىلىكى
مەن 1979-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە بايىنبۇلاق رايونىدا يايلاق تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان ئىدىم. شۇ چاغلاردا، 60 ياش ئەتراپىدىكى قاپلانچال دەپ ئاتىلىدىغان بىر قازاق چارۋىچى بىلەن تۇنۇشتۇم. بۇ كىشىنىڭ بويى تەخمىنەن 1.6 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، پۇت ۋە قوللىرى يۇغان قاۋۇل ئىكەن. ئاۋازى سەل ئىنچىكەرەك بولۇپ، ئىنجىقلاۋىراق سۆزلەيدىكەن. ئۆزى قىزىقچى ھەم چەبدەس تىتىك ئىكەن. مەن بۇ كىشىدىن نىمە ئۈچۈن قاپلانچال دەپ ئىسىم قويۇلغانلىقىنى سورىسام، ئۇ كىشى كۈلۈپ كىتىپ، مىنىڭ ئىسمىم ئەسلىدە قۇۋەتبېك ئىكەن، كىيىن كىشىلەر مىنىڭ تۇرقۇم قاپلانغا ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن، مىنىڭ ئىسمىم قاپلان، قاپلانچال بولۇپ قالغان دىدى.
قاپلان، يىلپىز ۋە يولۋاسقا قارىغاندا، جۇغى كىچىكرەك، پۇتلىرى قىسقاراق ھەم يۇغان كېلىدۇ. قۇيرۇقى توم ھەم ئۇزۇن كېلىدۇ. بەدەن رەڭگىنىڭ تېگى ئاقۇشكۈلرەڭ، ئۈستى قارا تەڭگىلىك بولىدۇ. قۇيرۇقى ئاقكۈلرەڭ ئۈستىدە قارا چەمبەرسىمان سىزىقچە كېلىدۇ. 1980-يىلى، 7-ئاي ئوتتۇرلىرى، ساغىدۇللا قۇمان، مۆڭكۈبويۇن، تالتا ۋە مەن بولۇپ بەش كىشى، بايىنبۇلاقنىڭ تېكەس بىلەن باي ناھىيەسىنىڭ تۇتاشقان يېرىدىكى 3200 مېتىر ئىگىزلىكتىكى خورخات دەپ ئاتىلىدىغان تاغ يايلاقلىرىنى تەكشۈرۈشتە، ئەتتىگەن سەھەردە، بىر قاپلاننىڭ تاغ يامزىلىدىن پەسكە قاراپ، بىر توپ تاغۆچكەنى قوغلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق. قاپلان، تاغ يوقۇرسىدىن پەسكە قاراپ شۇنداق تېز يۈگرەيدىكەن. ئەمما، تاغۆچكەلەر بىلەن ئارىلىقى يىراقلاپ، تۇتالمىدى. بىر چاغدا، قاپلان غايىپ بولدى. رەھمەتلىك ساغىدۇللانىڭ بوينىدىن ئايرىمايدىغان بىر رەسىم تارتىش ئاپاراتى بولىدىغان. ئۇ كىشى بۇ كۆرۈنۈشلەرنى رەسىمگە تارتقاندەك قىلغان ئىدى. كىيىن لېنتىنى يۇدۇرساق، رەسىملەرنىڭ بەزىسى باشى يوق قاپقارا تۇتۇق تاغ يامزىلى، بەزىلىرىنىڭ ئارانلا تاغ چوققىسى بىلەن ئاسمان كۆرۈندى. قاپلان ۋە تاغۆچكەلەر رەسىمدە يوق. شۇنداق قىلىپ، بۇ قىممەتلىك كۆرۈنۈش پەقەت ئېسىمىزدىلا قالدى.
مۇڭغۇل سەپەرداشلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، 1976-يىلى، بىر قاپلان، يايلاۋاتقان قوتاز پادىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 10 نەچچە قوتاز تاغدىن قۇلاپ چۈشۈپ ئۆلۈپ قالغان ئىكەن.
1980-يىلى، كۇچادىن بايىنبۇلاققا سودا قىلغىلى كەلگەن بىر كىشى بىزنىڭ پونكىتىمىزغا كەلدى. ئۇنىڭ ئات قوشقان كىچىك ھاراۋاسىدا بىر ئاشلانغان قاپلان تېرىسى بار ئىكەن. بۇنىڭغا قىزىقىپ نەدىن تاپقانلىقىنى سورىسام، كۇچالىق بىر ئاغىنەمدىن ئەتىيازدا سېتىۋالدىم دىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇ ئاغىنىسى بايدىن دىدىمۇ ياكى ئاقسۇدىن دىدىمۇ بىر يەردىن ئاشلانغان پېتى سېتىۋاپتىكەن. مەن سېتىۋالاي دىسەم، مىنىڭ بېلىم ۋە پۇتۇم ئاغرىيدۇ، بايىنبۇلاق بەك سوغۇق يەر. بۇنىڭدىن ئايرىلسام كۇچاغا كىتەلمەيمەن دەپ ئۆزرە ئېيتىپ ئۇنىمىدى.
مەنبەلەرگە قارىغاندا، قاپلان تېنىنىڭ ئوزۇنلىقى (باشىدىن قۇيرۇق ئۇچچىغىچە) 2.1 مېتىردىن، 2.55 مېتىرغىچە كېلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 1 مېتىردىن ئاشىدىكەن. بويىنىڭ ئىگىزلىكى 60 سانتىمېتىردەك بولۇپ، تەن ئېغىرلىقى 30-75 كىلوگىرام كېلىدىكەن.
Uncial uncial, 雪豹, Kaplan (Kaplan kaplani) ![]() ![]() ![]() |
3. قاپلاننىڭ تارقىلىشى ۋە ئۆمىرى
قاپلان، باشتاغلارنى ماكان قىلغان ھايۋان زاتى. مەنبەلەرگە قارىغاندا، قاپلان، پەقەتلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشتاغلار بىلەن تىبەت تاغلەڭلىرىدە ياشايدىكەن. قاپلان دۇنيا بويىچە، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 دۆلەتكە تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 8 دۆلەت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بىلەن چىگرىداش كېلىدۇ.
مەنبەلەرگە قارىغاندا، قاپلان، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ، تىبەت، شەنشى، نىڭشىيا، گەنسۇ، كۆكنۇر (چىڭخەي)، ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونۇم رايونلىرىدا بايقالغانلىقى خاتىرلەنگەن.
مەنبەلەرگە قارىغاندا، قاپلان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ بەيتىكتاغ، ئالتايتاغ، بارلۇقتاغ، تەڭرىتاغ، پامىر تاغلەڭلىرى، قۇرۇم-قاراقۇرۇم تاغلىرى ۋە ئالتۇنتاغ قاتارلىق تاغلاردا ياشىغانلىقى بايقالغان. دادامنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا (دادام، <ئاپامنىڭ ئاتىسى>، 1964-يىلى 99 ياشىدا ۋاپات بولغان)، 1920-يىللىرى ئەتراپىدا، جىمسارنىڭ بوغدا تېغىدىن قاپقان قويۇپ بىر قاپلان ئوۋلىۋاپتىكەن. ئۇنىڭ تېرىسىنى بەش كالىغا تىگىشىپ، بىر قىسىم گۆشى بىلەن سۆڭەكلىرىنى 12 سەر ئالتۇنغا بىر خەنزۇ تىۋىپ سېتىۋاپتىكەن. ئۆزى، ئازراق گۆشىنى ئېلىپ قېلىپ قۇرۇتۇپ قاق قىلىپ يىگەن ئىكەن. دادامنىڭ دىيىشىچە، قاپلاننىڭ بارلىق تېنى قىممەتلىك دورا ئىكەن، پۇت، قول، بەل ئاغرىقى، بۆرەك ئاغرىقى، ياشلارنىڭ ئورنىغا سىيگەك كىسىلى، قېرىلارنىڭ كىچىسى تۇلا سىيگىسى كېلىدىغان، سۈيدۈك تۇتالمايدىغان كىسەللىرىگە داۋا بولىدىكەن. ئۇنىڭ تېرىسى ئۆيدە بولسا، بالا قازادىن ساقلىنىدىكەن. ئۇنىڭ قۇيرۇقىنى، بويۇن ۋە مۈرە قىسىملىرى ئاغرىيدىغانلار بوينىغا يۆگۈۋالسا مەنپەئەت قىلىدىكەن. ھەم ئاغىچە خېنىملارنىڭ قىممەتلىك كىيىم پاسونى بولىدىكەن. ئەمما، قاپلاننى ئوۋلىماسلىق كېرەك ئىكەن. بەك لازىم بولۇپ قالسا، بىر پالگان بىر ئۆمرىدە بىردىن كۆپ ئوۋلىماسلىق لازىمكەن. بولمىسا، ئوۋلىغۇچىنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئالاچىپار چاۋىرىپ، گەپ قىلسا چىقىراپ گەپ قىلىدىغان، ئوقىتى ئىلگىرى باسمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى قاپلانلار سانى، دۇنيادىكى بارلىق قاپلان سانىنىڭ 30-40 % نى ئىگەللەيدىكەن. قاپلاننىڭ ياشاش ئۆمىرى10-12 يىلچە بولىدىكەن.
قاپلان، دۇنيا تەبىستان بىرلەشمىسى (IUCN) نىڭ «قىزىل كىتاب»ىغا، «دەلخەۋپتە ھايۋانات ۋە گىياھلارنىڭ خەلقئارالىق سودا ئەھدىنامىسى» (CITES) غا ، بىرىنچى دەرىجىدە قوغدايدىغان ھايۋان زاتىغا كىرگۈزۈلگەن. دۆلىتىمىزنىڭ قىزىل كىتاۋىغىمۇ بىرىنچى دەرىجىدە قوغدايدىغان ھايۋان زاتى قىلىپ رۇيخەتكە ئالىنغان. دىمەك، قاپلان ھازىر، پۈتۈن دۇنيا قوغدايدىغان قىممەتلىك دەلخەۋپتە ھايۋان زاتىغا ئايلاندى. كىمكى قاپلاننى ئوغۇرلۇقچە ئوۋلايدىكەن، ئۇ كىشى، پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئالدىدا گۇناكارغا ئايلىنىپ جازاغا تارتىلىدۇ.
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا دىيىلگەنلەر، مىنىڭ قاپلان توغرىسىدىكى كۆرگەن، ئاڭلىغان، ئوقۇغان بىلگەنلىرىمدىن قىسقىچە باياندىن ئىبارەت. مەزگۇر ئەسەرنى ئوقۇغان بۇرادەر، ئازتۇلا بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇنداق بولسىمۇ، باشقا بۇرادەرلەرنىڭ قاپلان توغرىسىدا بىلگەنلىرىنى يازىپ قويسا، مەزگۇر ئەسەردىكى كام قالغان ياكى خاتا بولۇپ قالغان چۈشەنچىلەرنى تولۇقلاشقا ۋە تۈزۈتۈشكە پايدىسى بار دەپ قارايمەن.
مەنبە ئەسەرلەر
1. ھايۋانات ناملىرىنى ئاتاش ۋە يازىش قائىدىسى، ئاكادېمىيە تور بېكىتى.
2. 马鸣,徐峰、程云 等 著, 新疆雪豹,科学出版社,201年3月
3. 百度网
4. 蓝色动物学网站
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 23-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 538 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2864
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
بىر پارچە باھا يېزىلدى
كۆرسىتىش يوشۇرۇش 1 trackbacks