2013-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى نىڭ ئارخىپلىرى
2013مارت30

شىنجاڭدا قۇرۇلغان ئاپتونۇم رايونلۇق تەبىستانلار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، ئېلىمىزدىكى تەبىستانلار كۆپ قۇرۇلغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىزاڭ ئاپتونۇم رايوندىن قالسا 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن. 2010-يىلغىچە شىنجاڭدا قۇرۇلغان تەبىستان، 35 يەتكەن. 2008-يىلدىن بۇرۇن، مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تەبىستانلارنىڭ كۆپۈنچىسىگە بارغان ھەم بۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولغان. شىنجاڭدىكى 8 ئورۇندا قۇرۇلغان دۆلەتلىك تەبىستانلارنىڭ نامى، جايلاشقان ئورنى، يەرمەيدانى، مۇھاپىزەت ئوبىكتى قاتارلىق موھىم مەلۇماتلاربېرىلگەن ئەسەرىم، ئاكادېمىيە تور بېكىتىنىڭ 2013-يىل 24-مارت نەشىرىدە، قىسقىچە بايان قىلىنغان ئىدى[،2،1]. بۇ قېتىم نەشىر قىلىنغان مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، شىنجاڭدا قۇرۇلغان ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك 22 تەبىستاننىڭ جايلاشقان ئورنى، قۇرۇلغان ۋاقتى، يەر مەيدانى ۋە مۇھاپىزەت ئوبىكتى قاتارلىق مەلۇماتلار قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلدى. ئاپتونۇم رايونلۇق تەبىستانلارنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىكى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. مەزگۇر ئەسەردىكى ناملىرىنى ۋە بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى، ئۆزەم مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىسىملارنى قويۇپ ئاتىدىم. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بەزىلىرىنى، بەلكىم مەن تۈنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولۇشىم مۇمكىن. شۇڭا، مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلىرى بولسا تۈزۈتۈش پىكىرى بېرىشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.