خەتكۈش ‘ئاشىق’
2014فېۋرال19

قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم

مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، ئۆيىمىزدە ئالتۇن چۇكا (زىقچە ئالتۇن)، ئالتۇنخش (چوڭ سەرەڭگە قېپىدەك خىش ئالتۇن)، ھالقا، ئۈزۈك ۋە بىلەيزۈك، چاشتەنگە دىگەندەك نەرسىلەر بولاتتى. بۇلارنى دادام، ئانام، ئاتام ، ئاپاملار، ئالتۇن-كۈمۈش جابدۇشلار دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇم بىلەيزۇك، قۇرۇم ئۈزۈك، قۇرۇم غاڭزا، قۇرۇم تۇمار، ھېقىق تەفسىي، ياقۇت ھالقا دەپ ئاتايدىغان تاش زىننەت بۇيۇملىرى بار ئىدى. بۇلارنى، ئاشىق جابدۇشلار دەپ ئاتايتتى. بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆيىمىزدە 1965- يىلغىچە بارلىقىنى بىلىمەن، ئۇنىڭدىن كىيىن كۆرۈپ باقمىدىم. ئەلۋەتتە، 1974-يىلغىچە بۇلارنى كۆرۈپ قويۇش ھەم ئۇلارنىڭ نامىنى ئاڭلاپ قويۇشتىن باشقا، مىنىڭدە بۇلار توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچە يوق ئىدى. مۇشۇ يېقىنقى 5-6 يىل مابەينىدە، مەن كۆرۈپ، ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئالتۇن جابدۇشلار، ئاشىق جابدۇشلارنىڭ باھاسى تېز ئۆرلەپ كەتتى. ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان ئاتام-ئاپام ئىسىمگە كەلگەندە، بەزىدە مەن ئۆيدە ئوينايدىغان بۇ جابدۇشلارمۇ يادىمغا كىلىپ قالىدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بېرى، مەن كىچىكىمدە ئاڭلايدىغان قۇرۇم بىلەيزۈك، قۇرۇم تۇمار، ئاشىق جابدۇش دىگەندەك ئىسىملار توغرىسىدا ئويلاپ قالدىم، ئىزدىنىپمۇ باقتىم. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇلار توغرىسىدىكى چۈشەنچەلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.