5يانۋار
ئالەم توغرىسىدا گەپچەپ
ئالەم توغرىسىدا گەپچەپ
جىمسارى
بۈگۈن، شوق بىلەن جىم بۇرادەر باغداش بازارىدا ئۇچرۇشۇپ قالدى. ئۇلار تېنچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن، بىر خالى جايدىكى باغداش ناملىق چايخانىدا ئولتۇرۇپ يېڭىچە گەپچەپتە بولدى. مەزگۇر گەپچەپ، بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ باقىشى ئۈچۈن، ھوزورىڭىزلارغا سۇنۇلدى.
شوق: «گەپچەپ» دىگەن نىمە؟
جىم: ئا.رەھمەتۇللا ياساغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بۇ سۆزنىڭ مەناسى، سۇئال جاۋاپلىق سۆھبەت دىگەننى بىلدىرىدۇ. بۇ سۆزنى، ئېنگلىشچە، «دىئالوگ» دەيدىكەن.
شوق: ئالەم دىگەنىمىز نىمەكىن؟
جىم: ئىنسانلار بايقاغان ۋە بايقاماغان دۇنيالار يىغىندىسىنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى بولۇپ، ئادەتتە بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان« پانى ئالەم» ۋە «باقى ئالەم»لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شوق: ئۇنداقتا، «ئالەم» ئىككى خىل بولامدۇ؟
جىم: ئىككى خىل بولىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنىڭ بىرى «پاني ئالەم»، يەنە بىرى «باقي ئالەم».
شوق: «پاني ئالەم» دىگەن نىمە؟
جىم: چامانى ۋە زامانى بولغان ئالەم. ئىنسانلار بايقاغان ئالەم. ئىنسانلار بايقاغان دۇنيالار يىغىندىسى. فىزىكادىكى ئالەم.
شوق: «باقى ئالەم»دىگەن نىمە؟
جىم: زامانى ۋە چامانى بايقالمىغان ياكى يوق ئالەم. پەلسەپەدىكى ئالەم. مەۋھۇم ئالەم.
شوق: «چامان» دىگەن نىمە؟
جىم: بىز ھازىر دەۋاتقان «ماكان»نى ياكى «دائىرە»، «بوشلۇق»نى كۆرسەتىدۇ.
شوق: چۈشەنمىدىم؟
جىم: «چامان» دىگەنىمىز، ئىگىزلىكى، ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكى بولغان «دائىرە» ياكى «بوشلۇق». بۇ سۆز، فىزىكا ياكى پەلىسەپەدە كۆپ قوللۇنىلىدۇ.
شوق: نىمە ئۈچۈن، ماكان دەپ قوللانماي، چامان دەپ قوللۇنىسىز؟
جىم: ماكان دىگەن سۆز، ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانىۋارلار توپى بولغان، بىرى بىرىنى شەرت قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەمىنلەشنى تەڭ ئالىپ بارادىغان بىر زىددىيەتلىك گەۋدەنىڭ چامانىنى كۆرسەتىدۇ. بۇ سۆز، بىئولوگىيە ئىلىمدا قوللۇنىلىدۇ. دىمەك، ماكان بىلەن چامان كۆرسەتىدىغان ئوبىكتى ئوخشامايدۇ. پەرقلىنىشى كېرەك.
شوق: «زامان» دىگەن نىمە؟
جىم: بارلىق ئوبىكتىپ شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولۇش تەرتىۋى ھەم جەريانىنىڭ ئۇزۇن قىسقالىقىنى كۆرسەتىدىغان ۋاقىت يۇنىتى (بىرلىكى). بۇ سۆز، پەلىسەپە ۋە فىزىكىدا كۆپرەك قوللۇنىلىدۇ.
شوق: زامان چەكلىك بولامدۇ ياكى چەكسىز بولامدۇ؟
جىم: زامان دىگەن سۆزدە، ئىككى خىل ئۇقۇم بار. بۇنىڭ بىرى، ئابىستراكىت ۋاقىت ئۇقۇمى، بۇ ئۇقۇمدا، زامان، چەكسىز بولۇدۇ. يەنى باشلىنىشى ۋە ئاخىرى بولمايدۇ. ئىككىنچىسى، كونكىرىتنى ۋاقىت ئۇقۇمى، بۇنىڭدا، زامان چەكلىك بولۇدۇ.
شوق: «زامانى يوق چامان» دىگەن نىمە؟
جىم: «زامان» بىلەن «چامان» ئىككىسى، بىر شەيئىدە تەڭلا بولىدۇ. بۇلارنى بىر بىرىدىن ئايرىۋىتىشقا بولمايدۇ. دىمەك، چامانى بار شەيئىنىڭ زامانى بار، زامانى بولىدىكەن، ئۇنىڭ چامانى ھەم بار بولىدۇ. «زامانى يوق چامان» دىگىنىم، «باشلانغان زامانى نامەلۇم بولغان، تېخى ئىنسانلار بايقاماغان بىر چامان ». مەۋھۇم ئالەم. باقى ئالەمنى كۆرسەتىدۇ.
شوق: دۇنيا دىگەن نىمە؟
جىم: پانى ئالەمدىكى مەلۇم زامانى ۋە چامانى بولغان ماددى جىسىم. ئىنساننىڭ ئىچكى ئاڭ ۋە ھېسياتلىرى.
شوق: ئۇنداقتا، دۇنيا ئىككى خىل بولامدۇ؟
جىم: ئىككى خىل بولىدۇ. دۇنيا، قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، ماددى دۇنيا. روھى دۇنيا دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. دۇنيا، چامانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن، ماكرو دۇنيا، مىكرو دۇنيا دەپ ئايرىلىدۇ.
شوق: ماددى دۇنيا دىگەن نىمە؟
جىم: ئىنسان يەتتە ئەزاسى ياكى ئەسۋاپ ئۈسكۈنىلەر ياردىمىدە بىلەلەيدىغان ماددىلارنىڭ ئومۇمىسى.
شوق: روھى دۇنيا دىگەن نىمە؟
جىم: پەقەتلا، ئىنساننىڭ مىڭىسىدە بولىدىغان ئاڭ ۋە ھېسياتلارنىڭ ئومۇمىسى.
شوق: ماكرو دۇنيا دىگەن نىمە؟
جىم: چامانى كىچىك بولغاندا، ھۈجەيرىدىن تارتىپ، چامانى چوڭ بولغاندا، بىر پلانىت ياكى يۇلتۇز(تۇرغۇن يۇلتۇز،سەييارە يۇلتۇزدىگەندەك) غىچە بولغان دۇنيا.
شوق: ماكرو دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ چېكى نىمە؟
جىم: بىر پلانىت ياكى يۇلتۇز. بىۋاستە رولى بويىچە، ئىنسانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ چوڭ ماكرو دۇنيا، قۇياش. ئۇنىڭدىن قالسا، زىمىن.
شوق: مىكرو دۇنيا دىگەن نىمە؟
جىم: چامانى ھۈجەيرىدىن كىچىك بولغان دۇنيا. مەسىلەن، ئاتوم، يادرو، ئېلىكترون، پروتون دىگەندەك. ئەمما، ئىنسانلار ھازىرغىچە مىكرو دۇنيانىڭ چېكىگە يەتكەنى يوق. بۇ مىكرو دۇنيانى پەقەت ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە تايىنىپ بىلگىلى بولىدۇ.
شوق: ئالەم چوڭمۇ ياكى دۇنيا چوڭمۇ؟
جىم: ئەلۋەتتە ئالەم چوڭ. شۇڭا، دۇنيالار يىغىندىسىنى ئالەم دەيمىز.
شوق: بىز قايسى ئالەمدە ياشاۋاتىمىز؟
جىم: زىمىنلەمدە.
شوق: زىمىنلەم دىگەن نىمە؟
جىم: زىمىن بىلەن ئاينى ئاساس قىلغان بىر سىستېمانى كۆرسەتىدۇ. بۇنى مەن زىمىنلەم دەپ ئاتادىم.
شوق: زىمىنلەم قەيەردە؟
جىم: قۇياشلەمدە.
شوق: قۇياشلەم دىگەن نىمە؟
جىم: بىز دەۋاتقان قۇياش سىستېماسى. قۇياش كونتروللىقىدىكى چامان. بۇنى مەن قۇياشلەم دەپ ئاتادىم.
شوق: قۇياشلەم قەيەردە؟
جىم: سامالەمدە.
شوق: سامالەم دىگەن نىمە؟
جىم: مىليونلىغان «قۇياشلەم»لەر توپى. ياكى بىز دەۋاتقان سامان يولى سىستېماسى. بۇنى مەن، سامالەم دەپ ئاتىدىم.
شوق: سامالەم قەيەردە؟
جىم: مالەمدە.
شوق: مالەم دىگەن نىمە؟
جىم: مىليونلىغان «سامالەم»لەر توپى. بۇنى مەن، مالەم دەپ ئاتادىم.
شوق: مالەم قەيەردە؟
جىم: نامالەمدە.
شوق: نامالەم دىگەن نىمە؟
جىم: مىليونلىغان «مالەم»لەر توپى. بۇنى مەن، نامالەم دەپ ئاتادىم.
شوق: نامالەم قەيەردە؟
جىم: جاھالەمدە.
شوق: جاھالەم دىگەن نىمە؟
جىم: مىليونلىغان «نامالەم»لەر توپى. بۇنى مەن جاھالەم دەپ ئاتادىم.
شوق: جاھالەم قەيەردە؟
جىم: ئومئالەمدە،
شوق: ئومئالەم دىگەن نىمە؟
جىم: مىليونلىغان «جاھالەم»لەر توپى. بۇنى مەن ئومئالەم دەپ ئاتادىم.
شوق: ئومئالەم قەيەردە؟
جىم: پانى ئالەمدە.
شوق: پانى ئالەم دىگەن نىمە؟
جىم: ئىنسانلارنىڭ ھازىرغىچە بايقىغان ئالەمنىڭ بىر بۆلىكىنى پانى ئالەم دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ياكى فىزىكىدىكى ئالەم بولۇدۇ.
شوق: پانى ئالەم قانچىلىك چوڭلۇقتا؟
جىم: ماتىرىياللاردىن بېلىشىمچە، ئىنسانلار ئالەمگە قويۇپ بەرگەن چامانكا دۇربۈن بىلەن كۈزەتكەن ئارىلىق، 12 مىليارت نۇر يىل كېلىدىغان يىراقلىققا يەتكەن.
شوق: «چامانكا دۇربۇن» دىگەن نىمە؟
جىم: ئادەملەر ياساغان، سۈنئى ھەمرا، ئالەم پونكىتى دىگەندەك ئالەم چامانىدا ئۇچۇپ يۈرۇيدىغان ماشىنا، ئەسۋاپلارنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشىنى «چامانكا» دەپ ئاتادىم. دۇربۇننى بىلىسىز. ئەنە شۇ چامانكالارغا ئورنۇتىلغان چوڭ دۇربۇننى «چامانكا دۇربۇن» دەپ ئاتادىم. ناسادىكى چامانكادۇربۇننى، قېرىندىشىمىز، ئەركىن سىدىق ئنجېنىر ياسايدۇ.
شوق: نۇر يىل دىگەن نىمە؟
جىم: ئاسترونومىيەدە قوللۇنىدىغان ئۇزۇنلۇق يۇنىتى (ئۆلچەم بىرلىكى ياكى مىقدار) نامى. نۇر، بىر سىكونتتا، 300مىڭ كلومېتىر مۇساپىنى باسىدۇ. 60 سكونت بىر مىنۇت، 60 مىنۇت بىرسائەت، 24 سائەت بىر كۈن، 365 كۈن بىر يىل. نۇرنىڭ بىر يىل ئىچىدە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە ئارىلىقى بىر نۇر يىل دەپ ئاتالغان.
شوق: پانى ئالەم ، قەيەردە؟
جىم: ئالەمدە.
شوق: ئالەمنىڭ قەيەرىدە ؟
جىم: ئەگەر بىز تۇرغان زىمىننى مەرگەز قىلىپ قارىساق، بىز دەۋاتقان پانى ئالەم، ھازىرچە ئالەمنىڭ ئوتتۇرسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.
شوق: ئالەم قەيەردە؟
جىم: تەپەككۇردە.
شوق: تەپەككۈر قەيەردە؟
جىم: باشتا.
شوق: باش قەيەردە؟
جىم: سىز ۋە مەندەك ئادەمدە.
شوق: ئادەم قەيەردە؟
جىم: ھازىر زىمىندا. (زىمىن دۇنيادا، يەر شارىدا).
شوق: زىمىندىن باشقا دۇنيادا ئادەم بارمۇ؟
جىم: كىشىلەر پەرەز قىلىشىدۇ، ئەمما ئېنىق ئەمەس.
شوق: سىز يوقۇرىدا نۇغۇن ئالەملەرنىڭ گىپىنى قىلدىڭىز، ئالەم بىرمۇ ياكى كۆپمۇ؟
جىم: ئالەم بىر. ئەمما، چۈشۈنۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئالەمنى بۆلەكلەرگە ئايرىشقا توغرى كېلىدۇ. شۇڭا مەن ئالەمنى ھازىرچە يەتتە ئالەمگە بۆلدۈم.
شوق: سىز دەۋاتقان يەتتە ئالەم قايسىلار؟
جىم: يوقۇرىدا دىيىلىپ بولدى. بۇ يەتتە ئالەمنىڭ ناملىرى: زىمىنلەم، قۇياشلەم، سامالەم، مالەم، نامالەم، جاھالەم، ئومئالەم دەپ ئاتالدى.
(داۋامى بار)
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 05-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 32 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=6737
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!