باش بەت > ئالەمنامە > ئالەم نىمەلەردىن تۈزۈلگەن؟
22ئاۋغۇست

ئالەم نىمەلەردىن تۈزۈلگەن؟

ئالەم نىمەلەردىن تۈزۈلگەن؟

جىمسارى

ئالەم نىمەلەردىن تۈزۈلگەن؟ دىگەن مەسىلە، ئەڭ ئاز ھېساپلىغاندىمۇ  2000 يىلدىن بۇيان ئىنسانلار ئىزدەنىپ كەلىۋاتقان مەسەلىلەرنىڭ بىرى. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، توردىن تۆۋەندىكى رىسىمنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭدا، ئالەمنىڭ تەركىۋى كۆرسەتىلگەن ئىكەن.

alem terkivi

 بۇ رەسىمدىكى مەلۇماتلارغا قاراغاندا، ئالەم مۇنداق 6 ماددادىن تۇزۇلگەن ئىكەن.

1. ئېغىر ماددالار (Heavy elements،重元素)

زىمىن، ئاي، قۇيرۇق يۇلتۇز دىگەندەك سەييارە يۇلتۇزلارنىڭ ھەممەسى تۆمۈر، ماگنىي، كۆمۈش، كالىتسى دىگەندەك ئېغىر ئېلىمىنىتلاردىن تەركىپ تاپقان ئىكەن. مانا مۇشۇنداق ئېغىر ئېلىمىنىتلىق دۇنيالار، ئالەم ئومۇمى تەركىۋىنىڭ 0.03%نى ئىگەللەيدىكەن.

2. سىرلىق نېترونلار (Ghostly neutrinos،神秘的中微子)

فىزىكا ياكى خېمىيەدە، تۇراقلىق بولغان بىتەرەپ نىتىرۇنلارنىڭ ماسساسى كىچىك ھەم ئېلىكتىر زەرەتلىرى بولمايدىكەن. ئەمما ئۇلار، ھەرىكەتكە ھەم ئېنىرگىيەگە ئىگە ئىكەن. سىرلىق نېترونلار، زەئىپكۈچ بىلەن جەزبەكۈچنىڭ (تارتىش كۈچ دەۋاتىمىز) تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. مانا مۇشۇنداق سىرلىق نىتىرونلار، ئالەم ئومۇمى تەركىۋىنىڭ 0.3% نى ئىگەللەيدىكەن.

3. دۇنيالار  (Stars:恒星)

مەن ئالدىنقى ئەسەرىمدە، ھەر بىر يۇلتۇزنى بىر دۇنيا بولۇدۇ دەپ كۆرسەتكەن ئىدىم. ئالەمدىكى بارلىق دۇنيالار (يۇلتۇزلار)، ئالەمنىڭ ئومۇمى تەركىۋىنىڭ 0.5% نى ئىگەللەيدىكەن.

4. ئەركىن ھىدروگىن ۋە گېلىي ئېلىمىنىتلىرى (Free hydrogen and helium:自由的氢元素和氦元素)

ھىدروگىن بىلەن گېلىينىڭ ئېلىمىنىت ئاتومىدىكى مەلۇماتلارغا قاراغاندا، ئۇلاردىكى نېترون ۋە پروتون سانى ئاز بولغانلىقتىن، ئۇلار ئېغىر ئېلىمىنىتلارغا كىرمەيدىكەن. ئەمما، ھىدروگىن بىلەن گېلىي ئالەمدە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئالەم ئومۇمى تەركىۋىنىڭ 4% نى ئىگەللەيدىكەن.

5. خۇپىيان ماددا (Dark matter، 暗物质)

مەلۇماتلارغا قاراغاندا، ئالەملەر ئاراسىدا ناھايىتى كۆپ ماددالار (زەررەلەر) تارقالغان. ئەمما بۇلارنى بىۋاستە ئۆلچەگىلى بولمايدىكەن . ئەمما، تەتقىقاتلاردا ئالەملەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ھەرىكەتىدە بۇ ماددالار مەۋجۇد دەپ قارالغان. شۇڭا، بۇ خىل ماددالارنى مەن خۇپىيان ماددالار دەپ ئاتادىم. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، قارا ماددا، قاراڭغۇ ماددا دىگەندەك ناملاردا ئاتالغاندەك قىلىدۇ. مىنىڭ بىلىشىمچە، دۆلىتىمىز، مۇشۇ خۇپىيان زەررەلەرنى بايقاش ياكى ئۆلچەش ئۈچۈن بۇيىل باشىدا ئالەمگە بىر مەخسۇس چامانكا قويۇپ بەرگەن. مەنبەگە قاراغاندا، خۇپىيان ماددالار، ئالەم ئومۇمى تەركىۋىنىڭ 30% نى ئىگەللەيدىكەن.

6. خۇپىيان ئېنىرگىيە (Dark energy، 暗能量)

ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، ئېنىيشتەيىن ئومۇمى نىسبىلىك نەزەرىيەسىدە، خۇپىيان ئېنىرگىيەنى قىياس قىلغان ئىكەن. ئەمما، بۇ خىل ئېنىرگىيەن تېخى بىۋاستە ئۆلچەنمىگەندەك قىلىدۇ. شۇڭا، ئالەمنىڭ كەڭەيىۋاتقان ئالامەتىدىن قىياس قىلىنشچە، بۇ خىل ئېنىرگىيە، ئالەمنىڭ كۆرۈنمەس بۆلەكلىرىنى ھاسىل قىلغان بولۇشى مۇمكىنكەن. بۇ خىل كۆرغنمەس ئېنىرگىيەنى مەن، خۇپىيان ئېنىرگىيە دەپ ئاتادىم. يوقۇرىدا كۆرسەتىلگەن بەش خىل ماددا، جەزبەكۈچ (تارتىش، شۈمۈرۈش كۈچى) ھاسىل قىلىدىكەن. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، خۇپىيان ئېنىرگىيە، تەزبەكۈچ (تەزدۈرۈش، يەكلەش، قېچىش كۈچى) ھاسىل قىلىدىكەن. مەنبەگە قاراغاندا، خۇپىيان ئېنىرگىيە، ئالەم ئومۇمى تەركىۋىنىڭ 65% نى ئىگەللەيدىكەن.

ئەمدىكى مەسىلە، ئالەم دانومى قاچان پارتلىغان؟ ھازىر ئالەمنىڭ پارتلاش دولقۇنى توختاپ قالدىمۇ-يوق؟ ئالەمنىڭ چوڭلىقى قانچەلىك؟ دىگەن سۇئاللارغا جاۋاپ تاپىشتۇر. بۇنىڭغا قىزىقساڭىز، ئالەم قاچان پارتلىغان؟ ناملىق ئەسەرنى كۆرۈپ باقارسىز.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 22-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 90 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=7269
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز