ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى
ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى
جىمسارى
ئالەمنىڭ پەيدا بولغان جەرياننى كۆرگەن ئادەمزاتى يوق. ھەم تەپسىلى خاتىرلەنگەن كىتاپلارمۇ يوق. شۇڭا، ئالەم قانداق يارالغان؟ دىگەن مەسىلە، ئادەمزاتى پەقەت ئىلاھى كىتاپلاردىن ئاڭلىغانلىرىدىن، ئەمەلىيەتتىكى بايقاشلىرىدىن قىلىنغان پەرەز، قىياس ھەم ئىزدەنىۋاتقان مەسەلىدۇر.
1-ئالەم قانداق پەيدا بولغان؟
مۇشۇ ئۆتكەن ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى، ئالەم قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن مەسەلىدە ھەر خىل پەرەزلەر بولۇنغان ئىكەن. بولۇنغان پەرەزلەرگە قاراغاندا، مۇنداق ئىككى خىل پەرەز ئاساسى ئورۇندا تۇرۇدۇ. بۇنىڭ بىرى، ئالەمنى ئاللاھ ياكى خۇدا ياراتقان. ئىككىنچىسى، ئالەم، دانوم پارتلاپ پەيدا بولغان.
ئالەمنى، خۇدا ياراتقان دىگەن گەپنى، قۇرئان ۋە ئىنجىلدىن ئىبارەت ئىلاھى كىتاپلاردا قەيىت قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، ئۇنىڭدا، خۇدانىڭ ئالەمنى ئالتە-يەتتە كۈندە ياراتقانلىقىدەك قىسقا بايانلار بار ئىكەن. ئەمما، ئالەمنى قاچان ياراتقان؟ ئالەمنىڭ چوڭلىقى قانچەلىك؟ دىگەنگە ئوخشاش جاۋاپلارنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.
ئالەمنى ئاللاھ ياكى خۇدا ياراتقان دىگەن قاراشنى، ئادەملەر دىننى قاراش دەپ ئاتىغان. بۇخىل قاراشنى بەزىى ئادەملەر خاتا دەپ قارايدۇ، بەزى ئادەملەر توغرا دەپ قارايدۇ. مىنىڭچە، بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ ھەممەسى ئادەملەردىكى ھېسسى تۇيغۇ بولۇپ، توغرا ياكى خاتا دەپ ئېيتىشقا ھازىرغىچە ئادەمزاتىنىڭ تولۇق ئىسپاتى يوق. ئىنسانلار گەرچە نۇرغۇن ئىلمىي پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئالەمنى ئاللاھ ياراتقان دىگەن چۈشەنچەنى ئىنكار قىلالمايمىز. بىز بۇنىڭغا شەكسىزئىشەنىمىز. مەزگۇر ئەسەر، دىننى نوقتىدىن ئەمەس، پەقەتلا تەبىئەت ئىلىمدىكى ئىزدەنىشلەر ئۈستىدىلا توختالغانلىقتىن، بۇ ھەقتە كۆپ توختىلالمايمەن.
ئەمدى دانوم پارتلاپ ئالەم يارالغان دىگەن پەرەزنى ئادەملەر ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنى ئادەملەر، ئىلىمىي قاراش دەپ ئاتايدۇ.
ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، بىلگىيە ئاسترونومى ھەم ئالەمشۇناسى « Lemaitre Georges» دىگەن كىشى 1932-يىلى تۈنجى قىتىم، ئالەملىك پارتلاش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن. 1946-يىلى، ئامېرىكا يادرو فىزىكشۇناسى George Gamow دىگەن كىشى، ئالەملىك پارتلاش نەزەرىيەسىنى رەسمى يۇسۇندا ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلارنىڭ ئالەملىك پارتلاش نەزەرىيەسى مۇنداق قاراغان: بۇنىڭدىن ئون مىليارتتىن كۆپ يىل بۇرۇن، دانوم پارتلاشتىن ئالەم پەيدا بولغان دەپ قىياس قىلىنغان. دانوم دىگەن سۆز، جىمسارى ئىجات قىلغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ مەناسى، زىچلىقى ناھايىتى يوقۇرى بولغان ئىپتىدائى ئوت شار، دىگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇنى، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، غەيرى نۇقتا دەپ ئاتىغانلارمۇ بار.
2-ئالەمنىڭ دانوم پارتلاشتىن ھاسىل بولغانلىقىدىكى 4 ئىسپات
شۇنداق قىلىپ، ئالەم، بۇنىڭدىن ئاز بولغاندىمۇ تەخمىنەن 15 مىليارت يىل بۇرۇن دانوم پارتلاشتىن پەيدا بولغان دىگەن قىياس، ھازىرقى دەۋرىمىزدە كۆپ ئادەم قۇبۇل قىلغان، ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئىلمىي قاراش بولۇپ قالغان. دانوم پارتلاشتىن ئالەم پەيدا بولغان دىگەن قىياسنىڭ نەزەرىيەسى، ئەمەلى كۈزۈتۈپ ئۆلچەنگەن تۆۋەندىكى 4 ھادىسەنى بىردەك چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.
بىرىنچىسى، دانوم پارتلاشتىن ئالەم پەيدا بولغان دىگەن قىياستا، بارلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلار، ئالەم تېمپىراتۇرىسى پەسەيگەندىن كىيىن پەيدا بولغان دەپ قارايدىكەن. شۇڭا، ئالەمدىكى ھەر قانداق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆمىر ياشى، ئالەم تېمپىراتۇرسى پەسەيگەن ۋاقىتتىن ھازىرغىچە بولغان ۋاقىت ئارىلىقىدىن قىسقا بولۇدۇ، يەنى 15 مىليارت يىلدىن قىسقا بولۇدۇ دەپ قىياس قىلغان. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆلچىگەن مەلۇماتلار بۇنى ئىسپاتلىغان.
ئىككىنچىسى، دانوم پارتلاشتىن ئالەم پەيدا بولغان دىگەن قىياستا، سىپىكتىرال قىزىل (Spectral redshift)سىلجىش ھادىسەسى بولۇدىكەن. ئاسترونوملار سامالەم سىرتىدىكى ئالەم دۇنيالىرىدىن، سىپىكتىرال قىزىل سىلجىش ھادىسەسىنى ئۆلچەپ چىققان. ئالەمدە سىپىكتىرال قىزىل سىلجىشنىڭ مەۋجۇدلىقى، ئالەمنىڭ كەڭەيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.
ئۈچىنچىسى، دانوم پارتلاش نەزەرىيەسىدە، دەسلەپكى ۋاقىتلاردا تېمپىراتۇرا ناھايىت يوقۇرى بولۇپ، گېلىينىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى كۆپ ئۆنۈملۈك بولۇدۇ دەپ قارالغان. ئالىملارنىڭ ئۆلچەپ ھېساپلاشلىرىغا قاراغاندا، ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىدا گېلىي ناھايىتى مول ئىكەن. كۆپۈنچەسىدە 30% بار ئىكەن. تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىكى يادرو رىئاكسىيە ھادىسەسىنىڭ داۋاملىشىشىمۇ، گېلىينىڭ كۆپلىكىنى ئىسپاتلايدىكەن.
تۆتىنچىسى، ئالەمنىڭ كەڭەيىۋاتقانلىقى ھەم گېلىينىڭ موللىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ئاساسىدا، ئالەمنىڭ ھەر بىر تارىخى دەۋرىدىكى تېمپىراتورسىنى كۆنكىرىت ئۆلچەپ چىققىلى بولۇدىكەن. دانوم پارتلاش نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ئالەمنىڭ باشلىنىشى بولمايدىكەن، بەلكى پەيدا بولۇپ، يوقۇلۇپ يەنە پەيدا بولۇپ دەۋىرلىنىپ تۇرىدىكەن.
تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسەتىلگەنى، ئالەمدە دانومنىڭ پارتلاش مودىلى ئىكەن. (تەسىم بەيدۇ تورىدىن تاللاندى)
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى بايقىغان بايقاشلىرى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان قىياسى، ئالەم، ئالەم دانومى پارتلاشتىن ھاسىل بولغان، ئۇنىڭ باشلىنىشى يوق، ئاخىرلىشىشى يوق، دەۋىرلىنىپ تۇرۇدۇ دەپ قارالماقتا.
ئۇنداقتا ئالەم نىمەلەردىن تۈزۈلگەن؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، ئالەمنىڭ تەركىۋى تۈزۈلىشى ناملىق ئەسەرگە نەزەرىڭىزنى ئاغدۇرغايسىز.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 21-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 94 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=7255
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!