باش بەت > ئالەمنامە > ئالەمگە مۇقەددىمە
20ئاۋغۇست

ئالەمگە مۇقەددىمە

ئالەمگە مۇقەددىمە

جىمسارى

مەن تۇغۇلۇپ ئەس-ھۇشۇمنى بىلسەم، ئۇ ئالەم، بۇ ئالەم ياكى بولماسا، پانى ئالەم، باقى ئالەم دىگەندەك سۆزلەر بار ئىكەن. لېكىن ھازىرغىچە ئادەملەردە  ئالەم دىگەن سۆزنىڭ ۋە چۈشەنچەنىڭ قاچاندىن باشلاپ پەيدا بولغانلىقىنى تەخمىنى بولسىمۇ ئېنىق بىلمەدىم. بۇلار ھەققىدە ئىزدەنىش گەرچە قۇرساق باقىدىغانغا زۆرۆر ئەسقاتماسىمۇ، خېلى يىللار بولدى قۇرسۇقۇم تويۇپ، ئۇيقام قانغاندىن كىيىنلا يەنە شۇ ئالەم توغرىسىدا خىيال سۈرۈپ، ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىپ قالىمەن. شۇلارنىڭ بىرى، ئالەم دىگەن نىمە؟ دىگەن سۇئالدۇر.

1-ئالەم دىگەن سۆزگە ئىزاھات

«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە، ئالەم دىگەن سۆزگە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: « ئى [ئە] ① پۈتۈن مەۋجۇدات ، بارلىق كائىنات، دۇنيا، پۈتۈن جاھان، ② بۇ دۇنيا، ③ ۋەزىيەت، ھالەت، ④ كۆچمە. ۋاقىت، زامان». بۇ ئىزاھات، مىنىڭچە ئۇقۇمنى قالايماقان قىلىدۇ. شۇڭا، ئالەمشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئالەم دىگەن سۆزگە ئېنىق چۈشەنچە بېرىلىشى زۆرۆر. مىنىڭ چۈشەنچەمدە بارلىق دۇنيالار، ئۇلارنىڭ ئىچكى-تاشقىدىكى جىسىملار، ماددالار، ھەم چامان، زامانلار يىغىندىسى، ئالەم جۈملەسىگە كىرىدۇ. بۇ يەردىكى دۇنيا دىگەن سۆز بىلەن مەن  يۇلتۇزنى ئىپادىلەدىم ( كۆرسەتتىم). يەنى، تۇرغۇن يۇلتۇز، سەييارە يۇلتۇز، ھەمرا يۇلتۇز، قۇيرۇق يۇلتۇز دىگەندەك يۇلتۇزلار ئايرىم ئايرىم دۇنيا بولۇدۇ دەپ قارايمەن. قۇياش، زىمىن، ئاي دىگەنلەرنىڭ ئۆزى ئايرىم بىر يۇلتۇز ھەم بىر دۇنيادىن ئىبارەت. ھەر بىر دۇنيا، جىسىم، ماددا، چامان ۋە زاماندىن تۈزۈلگەن بولۇدۇ.

گوگىل تەرجىمانىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرچەدىكى ئالەم دىگەن سۆز، ئېنگىلىزچە، «universe»، خەنزۇچە، «宇宙»، ئەرەپچە، «الكون»، فارىسچە، «جھان»، ئەزەرچە، ئوردۇچە « kainat» دەپ ئاتىلىدىكەن.

شۇڭا، ئۇيغۇرچەدىكى ئالەم دىگەن ئوقۇمنى ئىپادىلەشتە، الكون، جھان، كائىنات، مەۋجۇدات، دۇنيا دىگەندەك سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قوللانماسلىقىمىز زۆرۆر دەپ قارايمەن.

 

2-ئالەم دىگەن نىمە؟

مىلادى يىل تۇرغۇزۇلغاندىن باشلاپ ھېساپلىساقمۇ، زىمىندىكى ئادەملەردە ئالەم چۈشەنچەسى ۋە ئاتالغۇسىنىڭ پەيدا بولغانىغا 2016 يىل بوپتۇ. مۇشۇ ئۇزۇن تارىخى جەرياندا، ئادەملەر ئالەم  دىگەن نىمە؟ دىگەن مەسىلە توغرىسىدا  ئىزدەنىشنى توختاتقانى يوق.

بۇ جەرياندا، ئالەم دىگەن نىمە؟ دىگەن سۇئالغا ھەر خىل پەرەزلەر، تەبىرلەر مەيدانغا كەلگەن. مىنىڭ چۈشەنچەمدە، بۇلاردىكى ئىككى خىل قاراش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىرى، «بارلىق مەخلۇقات »  ئالەم دەپ ئاتىلىدۇ.  بۇ خىل قاراش، ئىلاھى دىنلاردىن كەلگەن. ئىسلام دىنىدا، مەخلۇق دىگەن سۆز، خۇدا ياراتقان ياكى ياساغان دىگەن مەنادا چۈشەنىمىز. دىمەك، ئالەم، خۇدانىڭ كەشپىياتىدۇر.  زىمىن،  بارلىق دۇنيالار (يۇلتۇزلار)، ئاسمانلار، جانىۋارلار، ئادەملەر، جىسىملار خۇدا تەرەپىدىن ياراتىلغان. دىمەك بۇنىڭدىن، خۇدا ياراتقان بارلىق مەخلۇقات يىغىندىسى ئالەم دەپ ئاتىلىدۇ دىگەن تەبىرنى چىقارغالى بولۇدۇ.

ئىككىنچىسى، ئادەملەر بايقاغان ھەم بايقاماغان ياكى ئادەملەر بىلگەن- بىلمەگەن، كۆرگەن-كۆرمەگەن، سەزگەن-سەزمەگەن، ھېس قىلغان-قىلماغان «مەۋجۇد» لارنىڭ ئومۇمىسى، ئالەم دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراش، ئادەملەرنىڭ ئەمەلىيەتلەردىن بىلگەنلىرى ئاساسىدا ئادەملەر تەرەپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ چۈشەنچەنى مۇنداق تەبىرلەشكە بولۇدۇ: «زامان، چامان ۋە ماددانىڭ ئومۇمىسى»  ئالەم دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ يەردە گەرچە ئالەمگە ئىككى خىل سۆز تەبىرى بولغان بولسامۇ، مەن، ماھىيەتتە بىلدۈردىغان مەناسى بىرلا دەپ قارايمەن. شۇڭا، ئالەم دىگەن سۆزنى بىز گەرچە ئەرەپ تىلىدىن قۇبۇل قىلغان بولساقمۇ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە مۇنداق تەبىر بەردىم:، دۇنيالارنىڭ يىغىندىسى، ئالەم دەپ ئاتىلىدۇ.

بىزنىڭ ئىسلام دىن ئەقىدەمىزدە، ئالەم ئىككى بولۇدۇ. بۇنىڭ بىرى پانى ئالەم. ئىككىنچىسى باقى ئالەم. مىنىڭ چۈشەنچەمدە، پانى ئالەم دىگەنىمىز، ئىنسانلار قاچان بولسۇن بىلەلەيدىغان ئالەمنى كۆرسەتىدۇ. باقى ئالەم دىگەنىمىز، ئىنسانلار قاچان بولسۇن، بىلەلمەيدىغان ئالەمنى كۆرسەتىدۇ. دىن، پەلىسەپە، ئەدەبىياتتا دىيىلگەن ئالەم سۆزى، كۆپۈنچە ئىككى ئالەمنى كۆرسەتىدۇ. ئاسترونومىيە، فىزىكا، جۇغراپىيەدىكى ئالەم سۆزى، پانى ئالەمنى كۆرسەتىدۇ. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردىكى ئالەم دىگەنىمىز، ئەنە شۇ پانى ئالەمنى كۆرسەتىدۇ.

ئۇنداقتا، ئالەم قانداق پەيدا بولغان ياكى ياراتىلغان؟ بۇنىڭغا قىزىقساڭىز، كىيىنكى نۆۋەتتە ھوزورىڭىزلارغا سۇنۇلىدىغان «ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى» ناملىق ئەسەرگە دىققەت قىلغايسىز.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 74 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=7251
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز