باش بەت > ئۇنىۋېرسال > يەتتە روھال، يەتتە سەۋەپ
17ئاۋغۇست

يەتتە روھال، يەتتە سەۋەپ

يەتتە روھال، يەتتە سەۋەپ

جىمسارى
 

روھال دىگەن سۆز، جىمسارى ئىجات قىلغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، كىشىدىكى روھى ھالەت دىگەننى بىلدۈرىدۇ. بىز ھازىر، روھال دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرۈشتە، پىسىخولوگىيە دەپ ئاتاۋاتىمىز.

كىشىلەردە ھەر خىل روھال مەۋجۇد. ئەمما ئۇ، ئۆزگەرمەس ئەمەس. كىشىدىكى روھال، ئەھۋالىغا يارىشا  ئۆزگەرىپ تۇرۇدۇ. شۇڭا، كىشىدىكى روھال ياخشى ھەم ناچار بولۇدۇ.  كىشىدىكى روھالنىڭ ياخشى يامان بولۇشى، ئۇنىڭ بىلىشلىرىگە، ئەخلاقى تەربىلىنىشىگە، تەپەككۇرىغا باغلىق. باغداشتىكى بەزى ئەسەرلەر ۋە ئۇلارغا يازغان بىر قىسىم ئىنكاسلارغا قاراغاندا، بۇرادەرلەردە تۆۋەندىكىدەك يەتتە ناچار روھال ساقلانغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭ مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، يەنىلا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىكى روھالدا دەپ قارايمەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، يەتتە روھالنى ۋە ئۇنىڭ پەيدابولۇشىدىكى سەۋەپنى كۆرسەتتىم.

يەتتەروھال، يەتتە سەۋەپ

1. ھەمىشە خاپىخان روھالدا  بولساڭىز، كۆڭلى-كۆكسىڭىز كەڭ ئەمەس.

2. ھەمىشە ئىچى پۇشقان  روھالدا  بولساڭىز، سىز خۇشخۇي، مەرد ئەمەس.

3. ھەمىشە ئەندىكىش، تەشۋىش  روھالدا بولساڭىز، سىز بىمالال ھەم سالماق ئەمەس.

4. ھەمىشە قايغۇ-ھەسرەت روھالدا بولساڭىز، سىز قاتتىق ئىرادىلىك ئەمەس.

5. ھەمىشە خوشال خورام بولالماي غەمكىن روھالدا بولساڭىز، سىز باشقىلارغا ئىللىق ئەمەس.

6. ھەمىشە ھەسەتخور روھالدا بولساڭىز، سىز، ياخشى، مۇنەۋۋەر، ئاسىل  ئەمەس

7. ھەمىشە ئاغرىنىدىغان روھالدا بولساڭىز، سىزنىڭ قىلغانىڭىز ھەم كۆرگەنىڭىز كۆپ  ئەمەس.

 

يوقۇرىدا كۆرسەتىلگەن يەتتە روھال ۋە يەتتە سەۋەپ، مىنىڭ باغداش تورىدىكى بۇرادەرلەرنىڭ ئەھۋاللارىدىن  دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلغانلىرىمدىن  ئىبارەت. دىمەك، بىر كىشىدىكى روھالنىڭ قانداق بولۇشى، سىرتقى ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەتلا  ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.

كىشىلەردە  يەنە قانداق ناچار روھاللار ساقلانغان، بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 17-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 65 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=7247
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز