يەتتە كىشى يەتتەنى قىلىدۇ
يەتتە كىشى يەتتەنى قىلىدۇ
جىمسارى
بىز كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا ھەر خىل كىشىلەرنى ئۇچراتىمىز. بەزىلىرىنىڭ باشقىلار ھەۋەس قىلغىدەك ياخشى تەرەپلىرى بار. بەزىلىرىنىڭ ئادەم ئىبرەت ئالغىدەك ناچار تەرەپلىرى بار. مۇشۇ ناچار تەرەپلەرنى يىغىنچاقلاپ شۇنداق يەكۈنگە كەلدىم، يەتتە خىل كىشى، يەتتە خىل ئىشنى قىلىدىكەن. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. رەزىل كىشى، ئاداۋەت ساقلايدۇ.
2. دۆت كىشى، ئاسان خاپا بولۇدۇ.
3. شەرمەندە كىشى، ئاسان ئاچچىقلايدۇ.
4. ئامەتسىز كىشى، ئازراق زىيانغا ئاھ ئۇرىدۇ..
5. كۆڭلى گاداي كىشى، سەدىقە بەرمەيدۇ.
6. ئەقىلسىز كىشى، بوپا يۈكلىۋالىدۇ..
7. ئېتىقاتسىز كىشى، خاتانى كۆپ قىلىدۇ.
يوقۇرىدا، يەتتە خىل كىشىنىڭ يەتتەدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتىم. سىزنىڭمۇ ئويلىغانلىرىڭىز بولسا، يەتتەنى قانچە قىلساڭىز ئىختىيار ئۆزىڭىزدە. قېنى مەرھەمەت.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 17-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 66 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=7243
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!