خەتكۈش ‘شىنجاڭدىكى 1-ئاسرال پەرەندىلەر’
2014ماي24

شىنجاڭدىكى «1-ئاسرال پەرەندەلەر »

«پەرەندە ياكى پەرەندەلەر» دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ھايۋانات ئىچىدىكى ئىككى پۇتلۇق، ئىككى قاناتلىق، مۇڭگۇز تۇمشۇقلۇق، تۇرغۇن تېمپراتورلۇق، تۇخۇم تۇغۇپ كۆپۈيىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان ئۇمۇرتقالىق ھايۋاناتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆزنى، ئا.ر.جىمسارى، ھايۋاناتنامەگە ئائىت ئەسەرلەردە تۈنجى بولۇپ قوللانغان. پەرەندە ياكى پەرەندەلەر دىگەن سۆزنى بىلدۈرۈشتە، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «قۇش، قۇشلار» دەپ قوللۇنىۋاتىمىز. قۇش ياكى قۇشلار دىگەن سۆز، مىنىڭچە پەرەندەلەر ئىچىدىكى يىرتقۇچلىرىنى كۆرسۈتىدۇ. بۇ سۆزنى، پەرەندەلەرنى بىلدۈرىدىغان ئومۇمى نام قىلىپ قوللۇنۇش توغرا ئەمەس.

«1-ئاسرال پەرەندىلەر»(Ⅰ级保护鸟类种) دىگەن سۆز، «بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرايدىغان ياكى پەرۋىش قىلىدىغان پەرەندىلەر» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. «1-ئاسرال پەرەندىلەر»، ئادەتتە، ئېقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقاتتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ياۋىسىيوق، دەلخەۋپتە ياكى ئالخەۋپتە پەرەندە زاتلارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشايدىغان، بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرايدىغان پەرەندىلەر تىزىملىكى كۆرسۈتىلدى.