2014ئاۋغۇست13
«ھايۋان ياكى ھايۋانلار» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، ھايۋانات ئىچىدىكى ئانا سۈتىنى ئىمىپ چوڭ بولىدىغانلارنىڭ ئومۇمى نامىنى بىلدىرەدى. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ياكى سۈت ئەمگۈچىلەر» دەپمۇ ئاتالغان. تولۇقسىز مەنبەلەرگە قارىغاندا، بارلىق ھايۋان تەبىقەسى، 3 شاختەبىقەگە، 29 جەمەتكە، 153 ئائىلەگە، 1229 رۇققا ئايرىلىدىكەن. بۇلارنىڭ ئومۇمى زات سانى، 5416 (5500) خىل بولىدىكەن. شىنجاڭدىكى ھايۋانلارنىڭ 7 جەمەتى، 23 ئائىلەسى، 162 خىل زاتى، 52 شاخزاتى بار ئىكەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، پەقەتلا ھايۋانلارنىڭ 29 جەمەتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە، خەنزۇچە ناملارى كۆرسەتىلدى. مەزگۇر ئەسەردىكى لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملارى، مەنبەلەرگە ئاساسەن ئالىندى، ئۇيغۇرچە ناملارى، ئا. رەھمەتۇللانىڭ «ھايۋانات ناملارىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى» بويىچە ئاتالدى. مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.
2014ئاۋغۇست11
ئاقشاترۇق، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ئاق قارىغاي ئۇرۇقدىشى» دەپ ئاتالغان. ئاقشاترۇق گىيالارى، يەنە ئاقشاتلار دەپمۇ ئاتالادى. مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمغا قاراغاندا، دۇنياغا تارقالغان ئاقشاتلارنىڭ 48 زاتى، 12 شاخزاتى بار ئىكەن. بۇلارنى 1- جەدۋەلدە تىزىپ كۆرسەتتىم.
2014ئاۋغۇست3
«دورانۇن» دىگەن سۆز، مەن يىڭىدىن ياساغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، «دورالاردىكى ئۆلچەم قانۇن » دىگەن مەنانى بىلدىرەدىغان سۆزلەر گۇرۇپپاسىدىن ئىخچاملانىپ ياسالدى. دىمەك، بىر دۆلەت، رايون ياكى مىللەت مىقياسىدا رۇيخەتكە ئالىنغان دورالارنىڭ ئۆلچەمى، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەرى ھەم ئۇنى تەكشۈرۈشتىكى ئۆلچەم قانۇن ، ئۇيغۇرچە «دورانۇن» دەپ ئاتالدى. ئۇيغۇرچە «دورانۇن» دىگەن سۆزنى خەنزۇچىغا ئاۋدارساق، «药典»، ئېنگلىشچىغا ئاۋدارساق، « Pharmacopoeia » بولادى.
2014ئاۋغۇست2
بۇنىڭدىن بۇرۇن مىنىڭ چۈشەنچەم بويىچە، ھەنۋار ياكى كەسپار ئىلىم-بىلىملەردىن مەلۇمات ھەم تەلىمات بەرىدىغان توپلامغا «ئىلبىمات» دىگەن ئىسىم قويۇلۇپ، بىر پارچە ئەسەر تورىستان «ئاكادېمىيە» دە نەشىر قىلىنغان ئىدى. ئەندى بۈگۈن يازىلغان مەزگۇر ئەسەر، ئۇيغۇرچە «ئىلبىمات » نى، قانداق يازىش توغراسىدا ئىزدەنگەن سىناق بولۇپ، «گ» ھەرىپىدە سىناق قىلىپ بىر پارچە مەزمۇننى يازىپ باقتىم.
2014ئاۋغۇست2
يەربويى 3000 مېتىردىن ئىگىز بولغان تاغلاردا توخۇيمەتنىڭ قىرغاۋۇلئىلەسىگە تەۋە بولغان بىر خىل پەرەندە زاتى ياشايدۇ. مەزگۇر پەرەندە زاتىنى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «ئۇلار» دەپ ئاتاشقان. مىنىڭچە بولغاندا، «ئۇلار» دىگەن نامدا ئەمەس، «ئولاي» دىگەن نامدا ئاتالسا توغرا بولادى. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئولاينىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، ئولاي زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارىنى كۆرسەتتىم.
2014ئاۋغۇست1
«ئىزدىنىش» ناملىق تورىستاننىڭ 2014- يىللىق 25-چىللە سانىدا، « ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ – «قامۇس» ئېلان قىلىندى» دىگەن ماۋزودىكى كاتتا خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم ھەم مەزگۇر خەۋەردىن سۈيۈندۈم، ھەمدە بۇ نەتىجەنى ياراتقان [« ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى»] گە كۆڭلۈمدە بارىكاللا ئېيتتىم. ئەمما، مەزگۇر خەۋەردە ئۇيغۇرچە دىيىلگەن، « ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتىرىدىكى، قامۇس» دىگەن 2 سۆز كۆڭلۈمنى بەكلا غەش قىلدى. پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدىغان توردا، ئۇيغۇر تىلى دەپ مۇشۇنداق سۆزلەرنى قوللانساق بولماغىدەك دىگەن تۇنۇشقا كەلىپ قالدىم. شۇڭا، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلاشىش ئۈچۈن، « ئېنسىكلوپېدىيە» دىگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە «ئىلبىمات» دەپ ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.