Articles tagged with: چەتكە چىقىش
Headline, چەتئەلگە چىقىش »

1. ئامرىكىدا تىل مەكتەپتە ئوقۇش
ئامرىكىدا ئىنگىلىس تىلى تەربىيەلەش مەكتەپلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ھەممە شىتاتلاردا ئاساسەن بار، شۇنداقلا ھازىر بۇ ئارقىلىق ۋىزا ئىلىپ كەلمەكمۇ ئۇنچە تەس ئەمەس. ئادەتتىكى كۇرس خاراكتىرلىق مەكتەپلەرمۇ بار، مەخسۇسلاشقان تىل تەربىيەلەش مەكتەپلىرىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى چوڭ ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ تارمىقىدىكى مۇنتىزىم تىل مەكتىۋىمۇ بار. چەتئەلدىن كىلىپ ئوقۇغانلار كەم دىگەندە ھەپتىسىگە 20 سائەتتىن ئارتۇق دەرىس ئوقۇشى كىرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئوقۇغۇچى ۋىزىسى ئېلىپ ئامرىكىغا كەلسە بۇلىدۇ. ئوقۇش ۋاقتى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە بولسا ۋىزا ئېلىشتا كۆپ توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدۇ. ئوقۇش پۇلى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سۈپىتى، مەكتەپنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېچىلغانلىغى، مەكتەپنىڭ قايسى ئورۇنغا جايلاشقانلىغى دىگەندەك ئامىللارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. ئەرزان بولغاندا خەنزۇلار ئاچقان تىل مەكتەپلىرى بۇلىدۇ، ئوقۇش پۇلى ئايلىقى 500 دوللار ئەتراپىدا، لېكىن ئوقۇتقۇچىمۇ خەنزۇ بۇلۇشى مۇمكىن. بۇلار ئامرىكىغا كىلىۋىلىشنى مەقسەت قىلغانلارغا ماس كىلىدۇ.
Headline, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »

ئىش تېپىش فرانسىيەدە بىر ئاز تەس. لېكىن ئىشنىڭ خاراكتېرىغا باغلىق ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىن مۇتلەق كۆپچىلىكى موتو مىنىپ تاماق توشۇيدىغان ئىش قىلىدۇ. بۇ خىل ئىشنى ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا بىر بىرىگە ئۇچۇر بېرىپ تېپىشىپ بېرىدۇ. يازدا يېزىلارغا چىقىپ مىۋە ئۈزۈش ئىشلىرىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. قىزلاردىن تولىسى خەنزۇلارنىڭ ماگىزىنلىرىدا پىركازچىكلىق قىلىشىدۇ ياكى رېستورانلاردا كۈتكۈچى بولىدۇ. بۇ خىل ئىشلارنىمۇ ئۆز ئارا ئۇچۇر بېرىش ئارقىلىق تاپقىلى بولىدۇ. پارىژ رايونىدىن باشقا يەرلەردە بۇنداق ئىشلارنىمۇ تېپىش تەس. بۇنداق ئوقۇغۇچىلىق خىزمەتلىرىدە سائىتىگە 8 ياۋرو ئىش ھەققى ئالىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن شەخسى دەرسخانە شىركەتلىرى بولۇپ، تىل دەرسى ياكى باشقا دەرسلەرنى بەرسىمۇ، بۇنىڭ ھەققى بىر ئاز يۇقىرى ھەم يېنىك بولىدۇ. لېكىن، خەنزۇ تىلى ئاساسەن دەرس تىزىملىكىدە يوق. باشقا دەرسلەرنى بېرىش ئۈچۈن، يېتەرلىك فرانسۇز تىلى سەۋىيىسى بولۇشى كېرەك. يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېزدىن ھەم ئەرزان تىل ئېگەللىشىدىكى يەنە بىر پۇرسەت، ”ئائىلىدە تۇرۇش“.
ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلگە چىقىش »

جۇڭگۇدا تېببىي كەسىپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش يوللىرى
يازغۇچى: مەمەت ئەمىن
ئامېرىكىدىكى تېببىي مەكتەپ تۈزۈمى
ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپ (مەدىكال سچوئول) دا ئوقۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن 4 يىللىق ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىشى كېرەك. ئادەتتە مەلۇم كەسپنى ئوقۇغان ئوقۇغۇچى ئاندىن تېببىي مەكتەپكە كىرەلەيدۇ دەيدىغان ئېنىق بەلگىلىمە بولمىسىمۇ، بىراق، تېببىي مەكتەپكە كىرمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلار كەم دېگەندە چوقۇم تەبىئى پەندە ئوقۇغان بولۇشى كېرەك، ئۇندىن باشقا مېدىتسىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەنلەردە يەنى بىئولوگىيە، خىمىيە، بىئوخىمىيە، مىكروبىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېببىي مەكتەپكە كىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇش كېرەك، …