Articles tagged with: Wedding
ئۇختۇرۇش »

تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر. پېقىر 6-ئايدا توي قىلغاندىن كىيىن بىر مەزگىل شىنجاڭدا بولدۇم ۋە توينىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن بلوگقا قارىيالمىدىم. كىيىنچە 7-ئايدا چىققان ئىشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن تور ئۈزۈلۈپ كەتتى. ۋەقەدىن كىيىن ئىچكىرگە كىلىپ بىر مەزگىل تۇردۇم، قايتىپ كىلىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشمغا سەل توختاشقا توغرا كەلدى، بىرئايدىن ئارتۇق ۋىزا ساقلاپ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بىرەر ھەپتىلەر بۇرۇن ئوڭۇشلۇق ھالدا مەكتىۋىمگە يېنىپ كەلدىم. ھازىر مەكتەپتە.
توي قىلغاندىن كىيىن توردا بىرىنچى قېتىم توينىڭ رەسىملىرىدىن بىرقىسمى تارقىتىلغاندىن كىيىنلا تور تاقىلىپ قىلىپ تويغا بارالمىغان نۇرغۇنلىغان تورداشلار توينىڭ ئەھۋالىنى كۆرەلمەي قالغان ئىدى. پېقىر كىيىنراق شۇ رەسىملەرنى ۋە باشقا رەسىملەرنى تورداشلارغا …
ئويلانمىلار »

ئۈتكەن ھەپتە مەن بىر ئۇيغۇرچە توي مۇراسىمىغا قاتناشتىم. توغرا، ھىچ بولمىغاندا توينىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ كىيىنكى يېرىمىغا تولۇق قاتناشتىم. كۈرەلەيسىز، ئۇيغۇر تويلىرى تولۇق ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ، كۈندۈزدە ۋە ئاخشامدىمۇ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.ھازىرسىز غەرىپتىكى تويلارنى كۈز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگەن بۇلسىڭىز ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. بۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ناھايتى قىزىقارلىق، بەكلا باشقىچە،ھاھا.
مەسىلەن، سىز غەرىپتە توي تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۋالسىڭىز ئۇنى كەم دىگەندە بىر ياكى بىر ئاي بۇرۇن تاپشۇرۋالىسىز. لېكىن مەن بۇ توينىڭ باغىقىنى توينىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى تاپشۇرۋالدىم، شۇنداقلا باشقىلار ئۈز قۇلى بىلەن بەردى تېخى.
ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

ئارلىقتا ئۇغۇل تەرەپ چۈش بىلەن بىرەر يەردە يىغىلىپ ئاغىنىلىرى بىلەن يىگىت ئولتۇرۇشى قىلىدۇ، قىزلارمۇ شۇندا قىلىدۇ ياكى قىز تەرەپ ئايرىم ”“توي قىلىدۇ“". چۈشتىن كىيىن سائەت 4 لەر بىلەن ئۈغۇل تەرەپ ئاغىنىلىرى بىلەن ئەتىگەندە نىكاھ ئۇقۇپ قويغان قىزىنى ئەمدى ئالغىلى كىلىدۇ، قىزنى ئالغىلى كەلگەندە قىز تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئانچە مۇنچە ياڭزا كۈرسىتىپ قويىدۇ، ئۇغۇل تەرەپمۇ سۇنىڭ ئېقىشىغا بېقىپ ئىش كۈرۈپ نىمە تەلەپ قىلسا شۇنى تالىشىپ ”“سودىلىشىپ“" بىرىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا بۇ ”“سۇدىدا“" كىلىشەلمەي ئىككى تەرەپنىڭ ئاغىنىلىرى سوقۇشۇپ قالىدىغان ئىشمۇ بۇلىدىكەن. مەنغۇ ئۈرۈمچىدە ھازىرغىچە تويدا سوقۇش كۈرۈپ باقمىدىم. لېكىن مەن ئاڭلىغان سۇقۇشۇپ قاپتۇ، ياكى سۇركىلىشىپ قاپتۇ دىگەن گەپلەر بۇلسا، زىددىيەت مۇشۇ