Articles tagged with: Alim Ehet
ئىلىم-پەن, ئىلھام »
ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئىچىدە Uighursoft نى ۋە بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىمىغانلار بولمىسا كېرەك. Uighursoft شىركىتى ۋە ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلىك كۇلۇبىمىزغا ئەزا بولۇپ كىرگەن بىر يىلدىن بۇيان كىچىك پېئىل، سەمىمىي بولۇپ تورداشلار سورىغان سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ،2005-يىلى تەلەپچان سەھىپە باشقۇرغۇچى بولۇپ باھالاندى. بىلىك كۇلۇبى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىلەن ئۇيغۇرسوفت نىڭ قوللىغۇچىللىرى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناپ ھەم بىلىك كۇلۇبى ئۈچۈن ھەم ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەتلەرنى ياراتتى.
يېقىندا كۇلۇبىمىزدىكى Bihlan ئەپەندى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ ، مەن باشتىن ئاخىر تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئەمەلىيەتنى …
ئىلىم-پەن, ئىلھام, جەميەتكە نەزەر, خەۋەر »
«جوڭگۇ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» نىڭ بىرى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم.
بۈگۈن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جوڭگۇ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى، يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەھەت جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياشنىڭ بىرسى بولۇپ باھالاندى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 نەپەر IT (ئۇچۇر تېخنىكىسى)دىكى ئەزىمەتلەر شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىگە جەم بولدى. ئۇچۇر ۋە سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى، جىنەن شەھرىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار كۈتىۋېلىش زىياپىتى بەردى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شەندوڭ سارىيىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، «يۇمشاق …
ئىلىم-پەن, ئىلھام, جەميەتكە نەزەر »
جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر ياش – ئالىم ئەھەت.
ئالىم ئەھەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1973-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ شايار ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «قوللىنىشچان ماتېماتىكا» كەسپىدە ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 2009-يىلى «كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى» ماگىستېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى IT ياشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئالىم ئەھەت 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى ماتېماتىكا فاكولتېتى) ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ماتېماتىكا كەسپىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن سىرت …