Articles tagged with: 10
ئۇختۇرۇش »
 
بىر ئايدىن بويان يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاشقا نامزات كۈرسىتىش باسقۇچلىرى تۈگەپ ھازىر بىلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىردى.مىھمانلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۈزى ياقتۇرىدىغان بلوگ ئۈچۈن بىلەت تاشلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەلۋەتتە، جېك بلوگى ئۈچۈن بىر بىلەت تاشلاپ قويمىىساڭلار بولماس،  قارىسام كەينىدە قاپتۇ. بىلەت تاشلاش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىپ يۈكسەل بىلوگىغا كىرسىڭىز  ئوڭ تەرەپتە نامزاتلىققا كۈرسىتىلگەن  24 بلوگنىڭULY دا يېزىلغان  تىزىملىگى بار. شۇ يەردىن بىلەت تاشلىساڭلار بۇلىدۇ. 
 

 Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.