ئامرىكىلىق نەزىرىدىكى ئۇيغۇر تويلىرى : Weddings in Uyghur Style on An American's Eye
ئۇيغۇرچە توي
ئۈتكەن ھەپتە مەن بىر ئۇيغۇرچە توي مۇراسىمىغا قاتناشتىم. توغرا، ھىچ بولمىغاندا توينىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ كىيىنكى يېرىمىغا تولۇق قاتناشتىم. كۈرەلەيسىز، ئۇيغۇر تويلىرى تولۇق ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ، كۈندۈزدە ۋە ئاخشامدىمۇ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.
ھازىرسىز غەرىپتىكى تويلارنى كۈز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگەن بۇلسىڭىز ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. بۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ناھايتى قىزىقارلىق، بەكلا باشقىچە،ھاھا.
مەسىلەن، سىز غەرىپتە توي تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۋالسىڭىز ئۇنى كەم دىگەندە بىر ياكى بىر ئاي بۇرۇن تاپشۇرۋالىسىز. لېكىن مەن بۇ توينىڭ باغىقىنى توينىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى تاپشۇرۋالدىم، شۇنداقلا باشقىلار ئۈز قۇلى بىلەن بەردى تېخى.
يەنە بىر ئوخشىمايدىغان يىرى، ھەقىقى تەكلىپنامىنى ئوقۇپ چۈشىنىش. ئەگەر سىز غەرىپتە توي باغىقى تاپشۇرۋالسىڭىز، ئۇنىڭدا توي سائەت ئىككىدە باشلىنىدۇ دىيىلگەن بولسا، سىز چوقۇم تويغا سائەت ئىككىدىن بۇرۇن بارىسىز. لېكىن ئۇيغۇر تويلىرىدا ۋاقىتنى بەلكىم ئىككىدە دىيىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ يەردە دىيىلگەن ئىككى " تاماق شۇ ۋاقىتتا تەييار بۇلىدۇ" دىگەننى كۈرسىتىدۇ. شۇڭا سىز بۇرۇنراق تاماق يىيىشنى خالىسڭىز شۇ ۋاقىتقا كەلسىڭىز بۇلىدۇ. لېكىن كۆپىنچە مىھمانلار سائەت 4-5 لەر ئەتراپىدا كىلىدۇ.
يەنە بىر ئوخشىمايدىغان يىرى، ئۇيغۇر تويلىرىدىكى مىھمانلار ئىككىگە بۈلىۋىتىلىدۇ: ئاياللار بىر يەردە (كۈپىنچە قىزنىڭ ئۈيىدە) ، ئەرلەر بىر يەردە ( كۈپىنچە يىگىتنىڭ ئۈيىدە) . ئايرىتىۋىلگەن بۇ ئىككى تەبرىكلەش ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن ، يەنى تاماق تارتىش. ئۇندىن باشقا، بۇ تاماقمۇ ئوخشاش بۇلۇشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ پولۇ دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تاماق، بۇ تاماق گۇرۇچ، ماي، گوش، سەۋزە، بەزى مىۋىلەر مەسىلەن قۇرۇق ئۈزۈم ياكى خورما قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىتىلىدۇ.
توينىڭ ئەمەلى مۇراسىمىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. غەرىپتە. مۇراسىم چاقىرىلغان ھەممە مىھمانلار بىلەن بىرلىكتە چىركاۋدا ئۈتكۈزۇلىدۇ ھەمدە بىر پوپ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇيغۇر تويلىرىدا، دىنى مۇراسىم توينىڭ تۇنجى كۈنىنىڭ ئەتىگەنلىكى ئۈتكۈزىلىدۇ. بارلىق ئەرلەر بۇنىڭغا قاتنىشىدۇ ھەمدە شۇ يەردىكى مەسچىتنىڭ ئىمامى (دىنى رەھبىرى) مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. قىز ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى شۇنداقلا يەنە بىر نەچچە ئايالمۇ ئۇ يەردە بۇلىدۇ. لېكىن ئۇلار ئەرلەر كۈرەلمەيدىغان، لېكىن ئىمامنى ئاڭلىغىلى بۇلىدىغان يەنە بىر ئۈيدە بۇلىدۇ.
توينىڭ غەرىپنىڭ تويلىرىغا قارىماققا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر يىرى (شۇنداقتىمۇ خېلى ئوخشىمايدۇ) : ئۇسۇل ئويناش. غەرىپنىڭ تويلىرىدا كۈپىنچە مۇراسىمدىن كىيىن كۈتۈۋىلىش بۇلىدۇ. كۈتۈۋىلىشتا مىھمانلار ئۇسۇل ئوينايدۇ. ئۇيغۇر تويلىرى بولسا بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندىكى دىنى مۇراسىمدىن باشقا پۈتۈن ئىككى كۈن توينىڭ ھەممىسى توختىماي داۋاملىشىدىغان كۈتۈۋىلىش. مىھمانلار كىلىپ كىتىپ تۇرىدۇ، بەزىلەر تاۋاقتا پولۇ يىيىش ئۈچۈن ئۇزۇنراق تۇرىدۇ، يەنە باشقىلار پۈتۈن كۈن تۇرىدۇ.
قاراڭغۇ چۈششى ئۇسۇلنىڭ باشلىنىدىغىندىن دىرەك بىرىدۇ.
( تويلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئۈيلەردە ئۈتكۈزىلىدىغان بولغاچقا مەن بۇ يەردە سىزلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈيى توغرىلىق سۈزلەپ بەرمىسەم بولمايدۇ. تىپىك ئۇيغۇر ئۇيىنىڭ ئالدى ئىشىكى كوچىغا قارايدۇ ھەم تام بىلەن قاشالىنىدۇ. ئىشىكتىن كىرسىڭىزلا كۆرىدىغىنىكىز ئۈينىڭ ھويلىسى، ھويلىدا كۆپىنچە ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر ياكى ئانار دەرىخى بۇلىدۇ. ئۈيلەرنىڭ تاملىرى ۋە ئىشىكلىرى ھەممىسى بولۇپ U ياكى L شەكلىگە ئوخشايدۇ، ئىشىكلەر ھويلىغا قارايدۇ. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادە ئەھۋالىغا قاراپ، بەزى ئۇينىڭ ئىككىنچى قەۋىتى بۇلۇشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا يەنە ئۈگزىدە نەرسە كىرەك ساقلايدىغان قازناق بۇلىدۇ، بەزىدە يەنە كەپتەرخانا بۇلۇشى مۇمكىن. قىسقىسى، تويدىكى ناخشا ئۇسۇل ئەنە شۇ ھويلىدا بۇلىدۇ)
يىگىت تەرەپ كىچىكرەك مۇزىكا ئەترىتى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ تويدا مىللى ناخشا مۇزىكىلارنى چالغۇزىدۇ. مىھمانلار يېرىم سائەتتىن
بىر سائەتكىچە ئۇسۇل ئوينايدۇ، يىگىت بىلەن قىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مىھمانلارنىڭ ئۇسۇلىنى كۈرىدۇ. (ئاڭلىسام ئاياللار تەرەپمۇ ئۇسۇل ئوينايدىكەن، لېكىن ماڭا كۈرۈشكە نىسىپ بولمىدى، ھەي!!..) . بىر نەچچە ياش بالىلار ئوتتۇرىدا ئوسۇل ئويناۋاتقانلارنىڭ چۈرىسىدە تۇرۇپ ئۇلارغا شوينىغا ئوخشاش ئېتىلىپ چىقىدىغان نەرسىلەرنى چاچىدۇ. ياشتا چوڭراقلىرىنى ياش بالىلار ئوسۇلغا چاقىرىدۇ ۋە قىززىقتۇرىدۇ، بەزىدە راستىنلا ئۇلارنى تارتىپ ئۇسۇلغا قېتىۋالىدۇ. مىنىڭچە ئۇلارئۈزىنى ئۇسۇل ئوينىغۇسى يۇقتەك قىلىپ كۈرسىتىدىكەن. چۇنكى ئۇلار ئۇتتۇرىغا چۈشسىلا باشقا ئويناۋاتقانلارغا ئوخشاش ئۇسۇلغا كىرى
پلا كىتىدىكەن.
ئۇلار ئۇسۇلنى خېلى ئوزۇن ئوينىدۇق دەپ قارىغاندا ، يىگىتنى ئېلىپ ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ماشىنىغا چىقىرىدۇ. ئاندىن ھەممەيلەن باشقا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلارغا چىقىدۇ، ئەر تەرەپتىكى يىغىلىشنىڭ مىھمانلىرىنىڭ ماشىنىلىرى ئۇزۇن پويىز بولۇپ يىلانسىمان ھالدا پۈتۈن شەھەرنى چۈرگىلەيدۇ. بىرىنچى ماشىنىدا ناغرا ۋە سۇناي چالىدىغانلار ئولتۇرۇپ باشتىن ئاخىر توختىماي چېلىپ پۈتۈن ماشىنىلار شەھەرنى ئالدىرىماي چۈرگىلەپ ئاخىرى يەنە بايا ئۇسۇل ئوينىغان يەرگە قايتىپ كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توينىڭ بىرىنچى كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
توينىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ ئاساسەن بىرىنچى كۈنىگە ئوخشاش ئۈتىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر كىلىپ ئولتۇرۇپ كىتىدۇ، بەزىلەر پولو يەپلا كىتىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇزاق ئولتۇرىدۇ. بۇ كۈننىڭ ئاخشىمىمۇ بىرىنچى كۈنىگە ئوخشاش بۇلىدۇ. لېكىن ماشنىدا شەھەرنى چۈرگىلەپلا قايتىپ كەلگەننىڭ ئورنىغا ماشىنىا كارۋىنى قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. ياش باللا يىگىتنى كۈتىرىپ قىز تەرەپنىڭ ئىشگە ئالدىغا كىلىپ، قىزنىڭ ئاتا ئانىسىدىن قىزنى بىرىشنى سورايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلار باشتا ئۇنىمايدۇ، شۇڭا ئەرلەر تالادا ئۇسۇل ئوينايدۇ، ئاخىر قىز چىقىدۇ ۋە يىگىتنىڭ ئۈيىگە ئېلىپ كىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن توي تۈگەيدۇ.
يۇقارقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ تويىنى مەن ئەڭ ئاددىلاشتۇرۇپ بايان قىلغىنىم. ئەگەر تولۇق جەريانىنى كۈرىمەن دىسىڭىز ئەلۋەتتە ئۈزىڭىز كىلىپ قاتناشمىسڭىز بولمايدۇ. ئەگەر كىلەلمىسىڭىز مەن بىر نەچچە يىل بۇرۇن بىر تويغا قاتناشقاندا سۈرەتكە ئېلىپ قويغان مۇنى قىسقا ھۈججەتنى كۈرۈپ قويۇڭ( Jeck ئىلاۋىسى: ھۈججەت چىقمىدى) ، بۇ تويمۇ مەن ئۈتكەن ھەپتە قاتناشقان تويغا ئوخشايدۇ: تاماق بار، ناخشا - مۇزىكا بار، خوشاللىق بار.
تۈگىدى.
ئاندىن ئىككى ئامرىكىلىق بۇ يازمىغا ئىنكاس يېزىپتۇ:
بىرىنچى ئىنكاس: شۇنداق رەڭدار ھالدا تەسۋىرلەپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ئاندىن ئاۋۇ ھۆججەت ئەمەلى قىلىپ كۈرسىتىپتۇ، توينى ئىككى كۈن تەبرىكلىسە بەك پەيزى بۇلىدىغاندەك قىلىدۇ. تاماقلارنى تېتىپ باققاندەك بولدۇم. ماشىنىلار توپا تۇزۇتۇۋىتىپتۇ. ھاۋا سوغۇقمۇ نىمە؟ ھەممەيلەن چاپان ۋە باش كىيىم كىيىۋاپتۇ. مۇزىكىنىڭ ئاھاڭى، جۇڭگۇ مۇزىكىلىرىغا، يەنە ئوتتۇرا شەرىقنىڭ مۇزىكىلىرىغا، يەنە تېخى ئىندىيانلارنىڭ مۇزىكىسىغا ئوخشايدىكەن.
ئىككىنچى ئىنكاس: مەن بۇلارنى ۋىدىئو دا كۈرگەن. مىنىڭ دوستۇم ماڭا ئۈزىنىڭ 3 يېرىم سائەتلىك قىلىپ ئىشلەنگەن توي ۋە كۈتۈۋىلىش مۇراسىمىنى كۈرسەتكەن. شۇنداق قىزىقارلىق ئىكەن. مىنىڭ شۇنداق ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناشنى ئۈگەنگۈم كەلدى.
ئىنكاسلار تۈگىدى:
Jeck مۇلاھىزىسى: بۇ يازمىنىڭ ئىگىسى توغرىىلىق ئىزدىنىپ بېقىشىمغا قارىغاندا ئۇ ئامرىكىلىق بولۇپ قەشقەر تەرەپلەردە، بولۇپمۇ قەشقەر شەھەر ئىچى، يەركەن، بەلكىم يەنە قاغىلىق ئەتراپىدا تۇرۇپتۇ. قارىغاندا بۇ توي قەشقەرنىڭ ناھىيلىرىنىڭ بىرەر يېزىلىرىدا بولغان ئوخشايدۇ. خوتەننىڭ يېزىلىرىدىمۇ ئىسىمدە قېلىشىچە توي ئىككى كۈن بۇلىدۇ. لېكىن مەن قاتنىشىپ باقمىغان. قەشقەرنىڭ شەھەر ئىچىدە توي قانداق بۇلىدۇ تازا بىلىپ كەتمەيمەن. لېكىن پەرىزىمچە ئۇ يەردىمۇ توي رىستۇراندا بۇلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئاپتۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تويى مۇشۇنداق بۇلىدۇ دەپ يېزىلارنىڭ تويىنى نەزەرگە توتقان بۇلۇشى مۇمكىن. مەنغۇ يېزىلاردىمۇ تويلار رىستۇراندا بۇلىدىغان بولۇپ كەتتى دەپ ئاڭلىدىم. ئىشقىلىپ يازغۇچى بىزنىڭ تويلىرىمىزنىڭ يېزىلاردىكى ئەسلى قىياپىتىنى كۈرۈپتۇ. ئاپتۇر ئۇيغۇرچىنىمۇ خېلى ياخشى ئۈگەنگەندەك قىلىدۇ. ئۇ ھېلىمۇ شۇ تەرەپلەردە بولۇپ قالسا، تەسىرى بولمىسۇن دەپ ئەسلى مەنبەنى يوللىمىدىم.
مەن ئىككى يىللار بۇرۇن ئۇيغۇر تويلىرى توغرىلىق بىر قىسىم كۈز قاراشلىرىمنى يېزىپ ئۈتكەن ئىدىم. قىززىقسىڭىز بۇ يەردىن كۈرۈڭ.
more.asp?name=Jeck&id=541
Hello Tursunjan, I just have found your blog on the web, I am very glad to see your blog, I will be your visitor from this moment and wish to get valuable information from you.your sincerely Lost friend israpel, Hotan.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ ئامىرىكېلىق بىزنىڭ توينى خېلى ئەتراپلىق كۆزىتىپتۇ جۇمۇ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن جىك بىلوگىنى ياقتۇرۇپ قالدىم، بۇ بىلوگدا تېخىمۇ يېڭى تىما ۋە نادىر يازمىلارنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تويغا ئىككى سائەت كېچىكىپ بارىدۇ دىمەي،ئىنتايىن سىلىق سۈپەتلەپتۇ!!!شۇنداقمۇ؟؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنجان ئەپەندى، تېنىڭىز سالامەت ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق كىتىۋاتقاندۇ. مەن بۇ تىمىڭىزنى پۈتۈن تورداشلاردىن كينرەك كۆرگەن بولساممۇ شۇنداق ئىجتىھات بىلەن ئوقۇپ چىقتىم، ئوقۇپ چىقىپ بىر نەرسىدىن خوش بولۇپ قالدىم، يەنى تويىمىزدىكى زور ئىسراپخورلۇقنى بۇ چەتئەللىك بايقىيالماپتۇ، ھەرھالدا ياخشى تەرەپلىرىنى كۆپرەك كۆرۈپتۇ، مەن بەكمۇ خۇشال بولدۇم، ھەم ئامىرىكىلىقنىڭ كۆزىدىكى ئۇيغۇر تويلىرىنىڭ ئېسىللىكىدىن شۇنداق خۇشال بولىۋالدىم، رەھمەت، قەلىمىڭىزنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئۆمۈد قىلمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇستدېكسې غۇلجنڭ كينكسې پوچتلار خوتەننڭ كيملرنڭ تۇزلشې ئوخشمايدۇ مەن شنجاڭنڭ كۆپ جايلردا تورغان ھازرمۇ مەن خوتەندە
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشې
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنجان ئەپەندې بلۇەگڭز ھەققەتەن ياخشكەن سزنڭ بلوگڭزغا ئەزا بۇلۇپ سز بكەن بر پكرداش بولغۇم بار منڭ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مىلليىچە توي مۇراسىمىمىزنىڭ بەزى ئادەتلىرى ماڭا ئانچە ياقمايدۇ ، بۇلۇپمۇ ۋاقىت قارشى …
يەنە سوۋغا-سالام دىگەندەكلەر ….
بىلوگىڭىز ياخشىكەن .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشې بوپتۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشې بوپتۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسىز! جاپا چېكىپسىز، رەھمەت.
سىز تەرجىمە قىلىپ يوللىغان بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم. خۇددى بىر پىيالە ئېسىل چاي ئىچكەندەك بولدۇم. بۇ ئەلۋەتتە، ماقالىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ۋە ياكى مەزمۇنىغا بېرىلگەن باھا ئەمەس. سىزنىڭ ئۇيغۇر تورداشلرنى بىر چەت ئەللىكنىڭ كۆزىدىكى ئۇيغۇر تويى توغرىسىدىكى ئۇچۇر بىلەن ۋاقىپلاندۇرغىنىڭىزدا. قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، يېڭى – يېڭى ئۇچۇرلر بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر تويلىرى ماكان، ئورۇن، شارائىت دېگەندەك نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاز – تول پەرقلىنىشى مۇمكىن. لېكىن ئىشىنىمەنكى تۈپ نېگىزى بىر.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھىممىتىڭىزەھە رەھمەت ،كۆپىرەك تەرجىمە قىلىپ تۇرارسىز
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن يېڭىدىن بلوگ بوشلۇقى ئالغان ئىدىم، خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە يېزىقتا ئىشلىگۈم كەلمىدى، ماڭا ئۇيغۇرچە يېزىقنى قانداق كۆرسىتىش، بلوگقا مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلەر ھەققىدە تەلىم بەرگەن بولسىڭىز!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ تەبئىي قەشقەرنىڭ تويى!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ساندۇق ئاچىدىغان ئادەت غۇلجىلقلاردا كۆپرەك،مىنىڭچە بۇ توي غۇلجنىڭ يىزىلىرىدا ئۆتكۇزگەن توي بولسا كىرەك.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ساندۇق ئاچىدىغان ئادەت غۇلجىلقلاردا كۆپرەك،مىنىڭچە بۇ توي غۇلجنىڭ يىزىلىرىدا ئۆتكۇزگەن توي بولسا كىرەك.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇ سىز جىك ئەپەندى بۇ تىمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان تىما بوپتۇ
\http://www.ulinix.cnتىمۇ سىزنىڭ تىمىلىرىڭىز بار كەن مانا
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻼﺭ
تىمىڭىزنى بلوگىمدا ئلان قىلدىم خاپا بولمايدىغانسىز ھە؟؟؟http://karakqi.blogbus.com/logs/28380811.html
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشى يىزىپسىز。。。。يەنە يىزىڭ 。。。
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مېىڭچە بۇ ئامرىكىلىق بىزنى تۇلۇق چۈشەمىگەنلىققى
بىر تەرەپلىك كۆرقاراش
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم تۇرسۇنجان.<<جڭ>> ئەپەندۇم .سىزنىڭ بۇتىمىڭز بەك ياخشى يوللونۇپتۇ مومكن بولسا شۇ تەرەپتىكلەر.يەنى ئۆزىڭىز توغورلۇق يىزىپ قوياسىز .ماقا ئەمىسە.كىين ئامىرىكىغا چىققان دا كۆرۇشەيلى………..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يازمىڭىزنى كۆردۈم . بەك ياخشى يوللاپسىز . رەھمەت !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسىز جېك ئەپەندىم!
بىلوگىڭىز ناھايىتى ياخشىكەن، لىكىن خەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بەك كىچىك ،ئوقىغاندا كۆز ئاغرىپ كىتىدىكەن. مۇمكىن بولسا خەت شەكلى چوڭراق بولسا.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىس مىگىز تۇر سۇنجان مۇ
سىزنى بىرسىگە بەك ئوخشات تىم
ئامال بولغان بولسا رەسىمىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولات تىم .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
خاپا بولمىسىگىز پېنيىنچە خەت يازگان بولسىگىز بوپ تىكەن .
سىز چەتەلدە نىمە ئىش قىلىسىز ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىز بىز يازغان خەتلەرنى چەت ئەلدە تۇرۇپ كۆرۇپ تۇرامسىز ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
كلللل
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
منېڭچە سېز ئامرېكېدا شۇنداقمۇ بۇتېمنې ياخشې يوللاپسېز! بېز ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق .ئېنكاسلار بولسا ئېغېر كۇرمەي يەنە يوللاسېز! يەنە بېز ىگە ئامرېكادېكې تۇرمۇشڭېز توغرۇلۇقمۇ سۆزلەپ بېرەسېز !!! خەيېر_خوش ئامان بولۇڭ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ توي قەشقەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن بىرەرسىدە بولغاندەك تۇرامدۇ نېمە…بىر يەرلىرى ھېچ ئوخشىمىغاندەك!!..
بلوگ ئەمدى مۇقىم بولغۇدەك دە جېك قارىم، مۇبارەك بولسۇن!
شىپاخانامنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قوياملا؟ ( ئامرىكىدا ئىچىلامدۇ يوق بىلمىدىم.)
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇمكىن بولسا بەتنىڭ رەڭگى سېرىق رەڭدە ئەمەس باشقا بىرخىل رەڭدە بولغان بولسا تېخمۇ ياخشى بۇلاتتىكەن. ئادەمنىڭ كۆزىدىن بەك ياش چىقىرۋىتىدىكەن. ئادەمنىڭ كۆزىگە ئارام بەرگىدەك رەڭدە بولغان بولسا ھە!!!!!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇبارەك بولسۇن!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ قانداراق.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
تائاملارنىڭ ئىچىدە لەغمەننى بەك ياقتۇرىمەن، كېچىكىمدىمۇ شۇنداق، ھازىرمۇ شۇنداق، كۈندە يېسەممۇ زېرىكمەيمەن دەپ ئويلايمەن. نۇرغۇن دوسلىرىممۇ شۇنداق، لەغمەننى ياقتۇرمايمەن دېگەننى ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ، ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن، مىنىڭ سورايدىغىم، ئەگەر بىز مەلۇم كەسىپكە ياكى ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ...
@بابىل, يولداش بابىل،سىز ماقالىنىڭ قانداق يېزىلدىغانلىقىنى، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز. بىلەرمەنلىكنى ئاز قىلىپ جىق كىتاب ئوقۇڭ، ئامان بولۇڭ !
چەلپەكچى «موللا»لارنى تىللايدىغان بەزى ئادەملەر بار، ئۇلار سەمىمىيەتسىز ھالدا قارىسىغىلا تىللايدۇ، ئۇلارنى مېنىڭ تىللىغۇم كەپ كېتىدۇ ۋە مۇنبەرلەردە تىللاپمۇ سالىمەن؛ ...
بۇ تېمىنى ئوقۇپ چىقتىم... ئىككىلا خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ جەمئىيەتتە كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆردۈم... تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ، ئۆمىرىدە بىر قېتىم كۆتىنى يۇيماي ...
ئابدۇۋەلى ئاكا ،خاتىرجەم بۇلۇڭ ،بزدە قۇربان ھېيت مودا،ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقىنىمغا ئالتە يىل بۇلۇپ قالدى ، ھەريىلقى ھىيتنى مەكتەپتە ئۈتكۈزۋەتىمىز ، ئۇيغۇر ...
ئابدۇۋەلى ئاكىمىزنىڭ ئەسەرلىرى مىنى بەكمۇ قايىل قىلىدۇ ،قۇلۇڭىزغا ېەرت بەرمىسۇن ئۇلۇغ ئاللا!
--ئۇ چاغدا يازلىق تەتىل قىلىپ ھونولۇلۇدىن ئۈرۈمچىگە قايىتقىنىمغا بىر ئايچە بولغانىدى. -- مەن2007-يىلى ئىيۇندا ئامېرىكىغا ئۇقۇشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ................... مانا بۇلار ...
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ: Facebook، RenRen, QQ
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel