ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
شىركىتىم - دىكى يازمىلار
  • دۇنيادىكى ئەڭ تەلۋە مىليادىر

    ۋاقتى: 2015-12-21 ئاۋاتلىقى: 1505 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    دۇنيادىكى ئەڭ تەلۋە مىليادىر
    ئەگەر تارىختىكى پۇلنى قەغەزدەك خەجلەيدىغان بايۋەتچىلەرنى تەرتىپكە تىزساق ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغىنى خوۋارد.ھۇگىس، ئۇ لاسۋىگاستىكى بىر قانچە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى سېتىۋېلىپ قايسى پروگراممىنى قاچان كۆرمەكچى بولسا بىر تېلېڧون ئارقىلىقلا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
    ئۇ يەنە نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ بىر قىمارخانىنى سېتىۋالدى.
    ھۇگىس يەنە ئاياللارغىمۇ نۇرغۇن پۇلىنى خەجلىگەن. بىرلا ۋاقىتتا 80 دىن ئارتۇق ئايال بىلەن ئارىلاشقان. ئەينى ۋاقىتلاردا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئايال ئارتىسلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقان.
    ئۇ ئېلزابىت.تايلېر بىلەن ئارىلاشقان ۋاقىتتا بىۋاستە تايلېرنىڭ ئاپىسى بىلەن كۆرۈشۈپ مۇنداق دېدى: مەن قىزىڭىز بىلەن توي قىلىمەن. قوشۇلسىڭىز بىر مىليون پۇل بېرىمەن " خەلق پۇلىغا سۇندۇرساق يۈز مىليون يۈەن".
    ئوي...
  • ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﺭﻛﯩﻼﺭ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻛﭽﻰ

    ۋاقتى: 2015-12-19 ئاۋاتلىقى: 931 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﺭﻛﯩﻼﺭ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻛﭽﻰ


    12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18-ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﯞﻩﻧﺪﺍ ﮔﯘﺭﯗﻫﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﺨﯘﻱ ﮔﯘﺭﯗﻫﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺭﻫﺎﺑﺎ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﭘﺎﺭﺗﻜﻮﻣﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻫﻪﻳﺌﯩﺘﻰ ﺷﻪﯞﻛﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ، ﯞﻩﻧﺪﺍ ﭘﯘﻝ-ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﮔﯘﺭﯗﻫﻰ ﻟﯩﺪﯨﺮﻯ ﭼﯜ ﺩﯦﺠﯜﻥ (曲德君)، ﯞﻩﻧﺪﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﻳﻪﺭ-ﺯﯦﻤﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻟﯩﺪﯨﺮﻯ ﻟﻴﯘ ﺧﻪﻳﺒﻮ (刘海波)، ﺩﯦﺨﯘﻱ ﮔﯘﺭﯗﻫﻰ ﻣﯘﺩﯨﺮﯨﻴﻪﺕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﭼﻴﻪﻥ ﺟﯩﻨﻨﻪﻱ (钱金耐) ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ.


    ﺩﯦﺨﯘﻱ ﯞﻩﻧﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﭘﺎﺭﺍﯞﯗﺯ ﺳﻮﺩﺍ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻧﻰ ﯞﻩﻧﺪﺍ ﮔﯘﺭﯗﻫﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﺨﯘﻱ ﮔﯘﺭﯗﻫﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﺎ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 3.5 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯜﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻻﻻﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ-ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ، ﻣﻮﺩﺍ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭ، ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ، ﻛﯚﯕ...
  • ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشتىكى 10 سەۋەب

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 572 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4

    كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار كۆپ. ئامېرىكىدىكى كىچىك كارخانىلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى (SBA) نىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، كىچىك كارخانىلارنىڭ %90 ى ئىككى يىلدىلا ۋەيران بولىدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى، بۇنداق كارخانىلاردا خىرىسقا تاقابىل تۇرالىغۇدەك بىلىم ۋە تەجرىبە كەمچىل ئىكەن. يەكۈنلىنىشىچە، كىچىك كارخانىلار قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئون مەسىلىگە دۇچ كېلىدىكەن.

    تەييارلىق يېتەرلىك بولماسلىق

    ئىنچىكە پىلانلاش ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئاچقۇچ، ئەمما، بۇ ئادەتتە كارخانىنىڭ مۇقىملىقى ۋە پايدىسى ئارقىلىق ئەكس ئېتىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كارخانىچىلار ئىجادىيىتىنى بازارغا سېلىشقا ئالدىرايدۇ، ئەمما، زۆرۈر بولغان تەييارلىق خىزمەتلىرىگە سەل قارايدۇ.

    مەبلەغ يېتەرلىك بو...

  • ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە تېلېفون ئورنىتىڭ (11)

    ۋاقتى: 2015-09-11 ئاۋاتلىقى: 505 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 14
    بېشى «ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە بىر ماكان تېپىڭ (10)» بۇ يەردە!   ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە تېلېفون ئورنىتىڭ (11) مەيلى شىركەتكە ئۆي تاللاپ بولغان بولۇڭ ياكى تاللىماڭ، چوقۇم شىركەتكە بىر مۇقىم تېلېفون ئورنىتىڭ. مۇقىم تېلېفوننىڭ بىر نەچچە ئارتۇقچىلىقى بار، بىرىنچىدىن چىقىمى ئاز، ئادەتتە تورغا باغلىغىلى بولىدۇ، قوشۇمچە ھەققى يۇقىرى ئەمەس؛ ئىككىنچىدىن شىركەت نام كارتىسىغا باسقاندا، سىزنىڭ مۇقىم بىر خىزمەت ئورنىڭىزنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىپ، شىركەت ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن خىزمەتچىلەر سىرتكىلەر بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولغاندا مۇقىم تېلېفون ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ...
  • شىركەت قۇرۇشتىكى مەقسەت

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 873 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ئۇنىڭ مەقسىتى بىلەن قارارىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەمنىڭ مەقسىتى بىلەن قارارى بولسا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان مەقسەت ۋە ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ شىركەت قۇرۇشتىكى مەقسىتى پۇل تېپىپ باي بولۇشتىن ئىبارەت. لېكىن، ھەممە ئادەم پۇل تېپىش ئۈچۈنلا شىركەت قۇرمايدۇ. مەسىلەن، مەن ئوقۇغان بىر ماتېرىيالدا ئېيتىلىشىچە، تۆۋەندىكىسى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ شىركەت قۇرۇشتىكى مۇددىئاسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:  پۇل تېپىپ باي بولۇش  كەسىپتە يۇقىرى پەللىگە چىقىش  كەسىپ بىلەن تېخنولوگىيەدە يېڭىلىق يارىتىش  ئۆزى ياخشى كۆرگەن جايدا ياشاش  ئۆز تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلىش 
    ..... ئەگەر سىز ھازىر يا...
  • ئىگىلىك تىكلەش---ھەممە ئىشنىڭ بېشىنى باشلاش قىيىن، توختام تالىشىپ تاماق پۇلى تېپىش(09)

    ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 718 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 15
    بېشى: «ئىگىلىك تىكلەش---ياخشى بوغالتىر تەكلىپ قىلىش(08)» بۇ يەردە!

    ئىگىلىك تىكلەش---ھەممە ئىشنىڭ بېشىنى باشلاش قىيىن، توختام تالىشىپ تاماق پۇلى تېپىش(09) شىركەت ئىشقا كىرىشىپ، مالىيە تۈزۈمىمۇ ئورنىتىلىپ بولدى. ئەمدى كۆڭۈل قويۇپ تۈر قوبۇل قىلساق بولىدۇ. بىر يېڭى شىركەت بىر يىلدا بىر پۇڭ پۇل كىرىم قىلمىسىمۇ ئوخشاشلا تەننەرخ كېتىدۇ، مەن ئۆزۈم ھېسابلاپ باقسام، ئۈرۈمچىدە ئاز بولغاندىمۇ 6000 يۈەن كېتىدىكەن. مۇنداق مۆلچەرلىسەك، تاكسىغا ئولتۇرماي ئاممىۋىي ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ئىشلىتىپ، ئۆي ئىجارىگە ئالمىغاندا، توك سۇ پۇلىنى ئۆيدىكىلەر تاپشۇرۇپ تۇرسا ئاندىن ب...
  • سودا جېڭى: ھەرقانداق تۈردە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سودا ئاساسىي پىرىنسىپى

    ۋاقتى: 2015-08-28 ئاۋاتلىقى: 1041 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    مەن سودا ساھەسى بىلەن ئۇچراشقاندىن بۇيان، سانسىز ئادەملەرنىڭ ئۇتۇق قازانغىنىنى كۆردۈم، يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنىمۇ كۆردۈم؛ نۇرغۇن تۈرلەردىن نۇر چاقنىغىنىنى كۆردۈم، يەنە نۇرغۇن تۈرلەرنىڭ خۇنۈك تۇرغىنىنى كۆردۈم؛ بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەنمۇ پەقەتلا چەكسىز سودا دېڭىزىدىكى بىر كىچىك قۇشقاچ ئىدىم، كۆرۈپ چۈشىنەلمەيتتىم، كۆرۈپ تېگىگە يېتەلمەيتتىم، ھەمىشە ئۇتۇق قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇش تەلەي ياكى پۇرسەت ئامىلىدىن بولغان دەپ قارايتتىم. لېكىن مەن مەغلۇبىيەتنى شەخسەن ئۆزۈم باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇنىڭدىكى بەزى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىرىدىغان تەرەپلەرنى بايقىدىم، ئۆزۈم يەكۈنلەپ چىققان تەجرىبىگە تايىنىپ تۈرنى يۈرۈشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن تۈرنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇئەييەن قانۇنىيىتى بارلىقىنى بايقىدىم. مەن ئۆزۈممۇ بەزىلىرىنى يەكۈنلىدىم، ھەمدە كونكرېت خىزمەتتە ئەمە...
  • كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشتىكى پىرىنسىپ ۋە ئۇسۇللار

    ۋاقتى: 2015-08-25 ئاۋاتلىقى: 1087 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    1. كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشنىڭ ئادەتتىكى پىرىنسىپلىرى:
    (1) سوتسىيالىزمدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك. كارخانا خەلقنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ كارخانىلىرىدىكى ئەڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى، كارخانا تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروت قىلىش جەريانىدا، چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، جەمئىيەتنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تەمىنلىشى كېرەك. كارخانا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغاندا بۇنى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە قىبلىنامىسى قىلىپ، ئۇنى روشەن بولغان سوتسىيالىستىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىشى كېرەك.
      (2) كۈچەيتىشتە ئادەمنى ئاساس قىلىش كېرەك. مەدەنى...
  • ئەينى ۋاقىتتىكى شۈك بولۇپ قالغان بېلىق بۈگۈنكى كىتقا ئايلاندى

    ۋاقتى: 2015-08-23 ئاۋاتلىقى: 657 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2

    بېشى ««فەن پىڭ ئىشى» ۋە خەيئېر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى» بۇ يەردە!

     

     4. ئەينى ۋاقىتتىكى شۈك بولۇپ قالغان بېلىق بۈگۈنكى كىتقا ئايلاندى.


    «تەپەككۇر بولمىسا چىقىش يولى بولمايدۇ» ، خەيئېرنىڭ دېرىكتورى جاڭ رۈيمىن بازارنى ئېچىشتا مۇھىمى تەپەككۇر دەپ قارىدى. بىر قاتار خىزمەتلەر ئارقىلىق، ئەسلىدىكى خوڭ شىڭنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى خەيئېر مەدەنىيىتىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەپلىرىنى ھەمدە ياراتقان بازار ئۈنۈمىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. كارخانا بۆلۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، خەيئېر رىقابەت ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ،  ھەر  بەش كىلوگراملىق كىرئالغۇنىڭ زاپچاس تەننەرخىنى 15.3 يۈەن چۈشۈردى، ھەريىللىق 600 مىڭلىق مەھسۇلات مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاند...

  • «فەن پىڭ ئىشى» ۋە خەيئېر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى

    ۋاقتى: 2015-08-20 ئاۋاتلىقى: 572 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     بېشى «كارخانا مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ شەكىلسىز ئارقىلىق شەكىللىكنى جانلاندۇرۇش» بۇ يەردە!

     

    3. «فەن پىڭ ئىشى» ۋە خەيئېر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى


    خەيئېر باشقۇرۇشىدا «80/20» پرىنسىپى بار. كارخانىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق خاتالىقتا باشقۇرغۇچى %80 مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. قوشۇلغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە خەيئېر گۇرۇھى خوڭشىڭ كىرئالغۇ شىركىتىنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە قارىتا دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى ئېلىپ باردى. خوڭشىڭنىڭ ئاز بولمىغان رەھبەرلىرى ھاياجانلانغىنىدىن كارخانا تەرەققىياتىنىڭ ھالقىسى ئادەم، ئۇنىڭ ھالقىسى رەھبەرلەردە، خوڭشىڭ زاۋۇتىنىڭ مەسىلىسى شۇكى رەھبەرلەر ھەقىقىي ئىش قىلمىغان.(خەيئېر گېزىتى، 1995-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، 188...

  • كارخانىنىڭ مۇقىم تىجارەت قىلىشىدىكى يادرولۇق كۆرسەتكۈچ

    ۋاقتى: 2015-08-18 ئاۋاتلىقى: 603 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 7
    كارخانىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىگىنى ئۆلچەيدىغان كۈرسەتكۈچ ناھايىتى كۆپ، ئۇلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك: بىرىنچى: خادىملارنىڭ كەسپچانلىغى  خادىملارنىڭ كەسىپچانلىقى بىۋاسىتە ھالدا كارخانىنىڭ رىغبەتلەندۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشىلىغى، مۇكەممەل  بولغان كارخانا مەدەنىيىتى، خادىملارنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە ياخشى بولغان خۇجايىننىڭ بارلىغىنى بىلدۈرىدۇ. 

    يۇقىرىقى مەسىلىنى ئانالىز قىلغىنىمىزدا شۇنى ھېس قىلىمىزكى، خادىملارنىڭ كەسپچانلىقى خادىملارنىڭ ئۆزىدە ئەمەس بەلكى كارخانا خادىملار ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىگىدە. شۇنىڭ ئۈچۈن كارخانا خادىملارنىڭ كەسپچانلىقىنى يۇقىىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كارخانا مەدەنىيىتى ۋە قىممەت قارشىنى، رىغبەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسىنى، خادىملارنىڭ يۇقىر...

  • ئىگىلىك تىكلەش --- ئىشخانا ئەسلىھەلىرى سېتىۋېلىش (12)

    ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 655 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 27
    شىركەت ئېچىلىپ، كەسىپ باشلانغاندىن كېيىن، خىزمەتچى ئاستا ئاستا كۆپىيىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم ئىشخانا ئەسلىھەلىرى كېرەكلىك بولىدۇ. ئادەتتە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز، شىركەت ئىش باشلاپ ئۈچتىن بەشكىچە توختامغا ئىگە بولغان باسقۇچتا، ئىشخانا ئەسلىھەلىرىگە بولغان تەلەپ ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، قانچە تۆۋەن بولسا شۇنچە ياخشى، پۇلىنى قانچە تېجىسە شۇنچە ياخشى، ھەقىقى نەق پۇلغا ئېرىشكەندە ئاندىن بېزەشنى باشلىسا بولىدۇ. ئەگەر ئۆي ئىجارە ئېلىنغان بولسىمۇ لېكىن كېرەكلىك بولغان ئەسلىھەلەرنى چوقۇم سېتىۋېلىش كېرەك. ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى قەيەردىن سېتىۋالىمىز؟ بىرىنچىسى ئۆي جاھازا شەھەرچىسى، بۇ يەردە بەكلا قىممەت، تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئىككىنچىسى كومپيۇتېر دۇنياسى مەيدانى، ھەرخىل بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى بار، باھاسى ئەرزان، شۇنداقلا ئىشىكىگىچە ئېلىپ كېلىدۇ، مۇشۇ يەردىن سېتىۋ...
  • لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ (1)

    ۋاقتى: 2015-08-03 ئاۋاتلىقى: 898 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    1. شىركەت (كارخانا) ۋە خىزمەتچىنىڭ مۇناسىۋىتى 1) شىركەت (كارخانا) خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىككىنچى ئائىلىسى ھېسابلىنىدۇ. خىزمەتچى ھېسابلانغان بىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھاياتىمىزنىڭ كۆپ قىسمى شىركەتتە ئۆتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن ھاياتىمىزنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ. 2) شىركەت (كارخانا)خىزمەتچىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىدىغان سۇپىسى. خىزمەتچىلەرنىڭ قىممىتى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شىركەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ.
    كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغاندا، پەقەت شىركەت (كارخانا) يۈكسەلگەندىلا ئاندىن شۇ شىركەتتە ئىشلىگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بولغان تەرەققىيات سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ ھەمدە بىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىپ، ياخشىلاپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا شىركەتنىڭ مەنپەئىت...
  • ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە بىر ماكان تېپىڭ (10)

    ۋاقتى: 2015-07-30 ئاۋاتلىقى: 440 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 12
    ئەگەر ئەمدىلا ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغاندا، شىركەت ئۆي ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرمايدىغان بولسا تەننەرخ تېجىگىلى بولىدۇ. سىزنىڭ ئۆيىڭىز دەل مۇشۇ ئىگىلىك تىكلىگەن شىركەت بولسا، ئاۋۋال ئۆيدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاتا-ئانىڭىزنى ئارقا سەپ ۋە تورنى باشقۇرۇشقا قويسىڭىز، ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان زېھنىي كۈچى ۋە پۇلنى تىجەپ قالىسىز. ئەگەر ئۆيىڭىز شۇ يەردە بولمىغاندا، سىز ياتاقنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش بېجىرىش ئورنى قىلىپ چىقسىڭىز بولىدۇ، ئىشقىلىپ كۆپەيتىپ بېسىش ماشىنىسى، تېلېفون، قوشۇمچە تور خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ باشقۇرۇش ئىلكىڭىزدە بولىدۇ. ئەگەر شىركەت بىرىنچى، ئىككىنچى توختامنى ئورۇنلاپ بولغان بولسا، سىز ئاستا-ئاستا تۇرۇپ، بىر نەچچە ياتاقداش بىلەن بىرگە تۇرسا، يەنە كېلىپ بۇ يەرنى شىركەت قىلىپ ئىش بېجىرسە ئانچە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، بىز مە...
  • 90-يىللاردىن كېيىنكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرى

    ۋاقتى: 2015-07-30 ئاۋاتلىقى: 734 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    «ئەمەلىيەتتە مەن بىر ناھايىتى "ئىشەنچىسىز" ئادەم، بانكىدا ئىشلەپ باققان، ئاۋىستىرالىيەدە كالا بېقىپ باققان، خىزمەت تېپىش پىلان يېتەكچىسى بولغان، يەنە TVB جۇڭگو كۆرگەزمە ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ باققان، ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئويناپ باققان... كۆپچىلىك ساراڭلارچە GPA ئويناۋاتقاندا، مەن خىزمەت ئىزدەپ پىراكتىكا قىلىشنى باشلىۋەتكەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئىزدەشنى باشلىغاندا مەن GMAT ئويناپ Master (ئۇستاز) بولۇپ كەتكەن، كۆپچىلىك كەينى كەينىدىن خىزمەت قىلىپ بەزىسى ئاسپرانت ئىمتىھان بەرگەندە بولسا مەن ئىگىلىك تىكىلدىم...» «بەلكىم ۋاقىت، تەجرىبە ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، مەن كۆرگەن دۇنيا ۋە ئادەملەرمۇ ئوخشاش ئەمەس ئىدى، كىشىلىك قىممەت ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرىۋاتقان ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇشۇ يولدا مېڭىپ مۇشۇ يولىنى تاللىغىنىم ئۈچۈن ئەزەلدىن پۇش...
  • كارخانا مەدەنىيىتىمۇ يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئايلىنالايدۇ

    ۋاقتى: 2015-07-27 ئاۋاتلىقى: 550 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4
    كارخانا مەدەنىيىتى، كارخانىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا بارلىققا كەلگەن كارخانا تەشكىللەش روھى بايلىقىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، ئۇ ئورتاق نىشان، قىممەت قاراش، تىجارەت ئېڭى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئىستىلى، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى كارخانىنىڭ ئەڭ چوڭ كەلگۈسى نىشانىدىن كېلىدىغان بولۇپ، كارخانىنىڭ كۈندىلىك تىجارىتىدىكى ھەربىر تەپسىلات، ھەربىر ئىش ۋە ھەر بىر ئادەمگە چېتىشلىق بولىدۇ. كارخانىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا، شەكىلسىز مەدەنىيەت كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈچىنى يېغىپ ئىرادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى بولسا ھەرقانداق كارخانىنىڭ باشقا كارخانىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ھەربىر كارخانىدا ئۆزىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتى بولىدۇ، مەيلى ئۇ تەبىئىي شەكىللەنگەن بولسۇن ياكى سۈنئىي شەكىللەنگەن بولسۇن.  بىراق كارخانا مەدە...
  • ئىگىلىك تىكلەش---ئىشخانا بۇيۇملىرىنى ياخشى باشقۇرۇڭ (15)

    ۋاقتى: 2015-07-24 ئاۋاتلىقى: 617 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 8
    ئەلۋەتتە ئىشخانا ئىشخانا بۇيۇمىغا ئېھتىياجلىق، ھازىرقى دەۋردىكى ئىشخانا بۇيۇملىرى ناھايىتى كۆپ، ھەممىسى ئانچە چېلىقمايدىغان چىقىمنى پەيدا قىلىپ، يىغىپ كەلگەندە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مەن تۈرگە ئايرىپ سۆزلەپ بېرەي: بېسىش ماشىنا سىياسى، بېسىش قەغىزى، قەلەم، ئاق تاختىغا ماسلاشقان قارا مايلىق قەلەم، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قاتتىق تەلەپ بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ھۆججەت بىلەن ئالاقىلىشىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئىچكى ماتېرىيالنى ئاندىن بېسىپ چىقىرىش، ئامال بار قەغەزنىڭ ئىككى يۈزىگە بېسىش. باسما مىخ، ھەر خىل ماتېرىيال خالتىسى، ھەر خىل كىچىك قىسقۇچ، توپلام مىخى، قەغەز تىككۈچ، تامغا سۇرۇخ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، دائىم ئىشلىتىلىدۇ، بىراق ھەممىسىنى تېجەپ ئىشلىتىش كېرەك. ئېلان تاختىسى، تالون قىسقۇچ، ھېسابات خاتىرىسى، بۇلارنىمۇ سېتىۋېلىش كېرەك، بۇلارنى قوشۇپ كەلگەندە يەنە ئاز ...
  • ئىگىلىك تىكلەش---شىركەت قانداق قۇرۇلىدۇ؟ (1)

    ۋاقتى: 2015-07-24 ئاۋاتلىقى: 523 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 35
    دۆلىتىمىز ھەممىلا يەردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەشكە چاقىرىق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان تىپىك ئەندىزىنى تۇرغۇزدى، ئىش مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سىياسەتنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىشقىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولسا، مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ھەل قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئەھۋالنى ھەقىقىي يېزىپ، ھەقىقىي ئىگىلىك تىكلەشنى خالايدىغانلارغا  ئىگىلىك تىكلەشتە زادى قانچىلىك خەتەر بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىش زۆرۈردۇر. شۇنداق قىلسىڭىز بەزى مەسىلىلەردىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ.

    تۆۋەندە بىز شىركەت قۇرۇش ھەققىدىكى جەريان تەرتىپنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. بىزنىڭ بۇ يەردە تونۇشتۇردىغىنىمىز ئىگىلىك تىكلەپ شىركەت قۇرۇش. ھەرگىزمۇ كوچىدا يايما يېيىپ ئىگلىك تىكلەش ئەمەس، ئەلۋەتتە، بۇ خىل تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىگىلىك تىكلەشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق پايدىسى بار، ھەرىكەتچان...
  • ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنى چۈشىنىپ بېقىڭ

    ۋاقتى: 2015-07-22 ئاۋاتلىقى: 1226 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 16
    ...
  • ئىگىلىك تىكلەش --- كۈچ توپلاپ، ئۆز سېپىنى كېڭەيتىش(13)

    ۋاقتى: 2015-07-01 ئاۋاتلىقى: 551 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 10
    يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس، بىر ئەزىمەتنىڭ ئۈچ ئەگەشكۈچىسى بولۇر. شىركەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتە ئاز بولغاندىمۇ ئىككى ئادەم بولۇشى، بىر ئادەم كەسىپ ۋە سىرتقى ئالاقە (بىر قىسىم مەمۇمىي ئالاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن باج) ئىشلىرىغا مەسئۇل؛ يەنە بىرسى بولسا كەسىپ ئالاقە ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، تۈردىن مەسىلە چىقماسلىققا مەسئۇل بولىدۇ. گەرچە مەھسۇلات سېتىش بولسىمۇ، يەنىلا بىر ئادەم مال كىرگۈزۈش يولىغا، يەنە بىرسى سېتىشقا، يەنە بىر ئادەم ئورتاق باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولمىسا بولمايدۇ، ھەقىقەتەن قىيىن. ئۇنداقتا مۇشۇنداق شېرىك ھەمراھ قەيەردە؟ بىرىنچىسى بولسا شىركەت ئاچقان چاغدىكى شېرىك، شېرىكنىڭ پايدىسىمۇ مەسىلىسىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەگەر باشتىلا يالغۇز ئىش باشلىغان بولۇپ شېرىك يوق بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئائىلىڭىزدىكىلەرگە تايىنىپ تەرەققىي قىلىڭ. بىز جەمەت خاراكتېردىكى كارخانىدىن ئاغرى...
  • شىركەت رويخەت ئېلىش ۋاكالەتچىلىك شىركىتى تاللاش (05)

    ۋاقتى: 2015-06-29 ئاۋاتلىقى: 620 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 20
    بېشى: «ئىگىلىك تىكلەش---باج تۈرىنى ياخشى ئويلىشىش (04)» بۇ يەردە!
      شىركەت قۇرۇلۇش ئالدىدا، چوقۇم سودا سانائەت باشقۇرۇش ئورنىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بانكا ھېسابات نومۇرى ئاچقۇزۇش قاتارلىق بىر قاتار رەسمىيەت بېجىرىش كېرەك. ئۇنداقتا، بۇ يىلقى دۆلىتىمىز ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، شىركەتنى جانلاندۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا، رەسىمىيەت جەريانى تېخىمۇ تېز بولىدۇ، بىراق شىركەتنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى بىر رويخەت ئالدۇرۇش ۋاكالەتچىلىك شىركىتى تېپىش. بۇ رويخەت ئېلىش ۋاكالەتچىلىك شىركىتىنى خالىغان شەھەردە توردىن ئىزدەپ باقسا، ناھايىتى كۆپ تاپقىلى بولىدۇ، سىز ئۆيىڭىزگە يېقىن بولغان بىر مەسىلىھەت سور...
  • ئىگىلىك تىكلەش---قورساق بېقىش چوڭ مەسىلە (16)

    ۋاقتى: 2015-06-28 ئاۋاتلىقى: 609 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 13
    بېشى «ئىگىلىك تىكلەش---ئىشخانا بۇيۇملىرىنى ياخشى باشقۇرۇڭ» بۇ يەردە!
      يېڭى ئاچقان كىچىك شىركەت، بولۇپمۇ بىر نەچچە ياشلار شىركەت ئاچقان ئەھۋال ئاستىدا، ھەرگىزمۇ قورساق تويغۇزۇش مەسىلىسىگە سەل قارىماڭ. ئەگەر سىز ئائىلىدە ئىش بېجىرسىڭىز، شېرىك ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر سىرتتا خىزمەت بېجىرسىڭىز، چۈش كەچتە چوقۇم يېقىن ئەتراپتىكى تاماقخانىدىن تاماق يەيسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆي ئىجارە ئالغاندا چوقۇم تاماق مەسىلىنى ياخشى ئويلىمىسىڭىز بولمايدۇ. ئادەتتە ئىشخانا بىناسى ئەتراپىدا تاماقخانا ناھايىتى كۆپ، سىز چوقۇم ھەر بىر تاماقخانىنىڭ باھاسىنى بىلەن تونۇشۇپ، قۇرۇما تۈرى، تەمى قاتارلىق ئامىلنى بىلىشىڭىز كېرەك، چۈنك...
  • ماركا ھۇقۇقىنى بېكىتىش ۋە قوغداش: ماركا ۋاكالەتچىلىكىگە دائىر سوئال-جاۋابلار

    ۋاقتى: 2015-06-23 ئاۋاتلىقى: 513 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    1. ماركىنى نېمىشقا رويخەتكە ئالدۇرىمىز؟ رويخەتكە ئالدۇرماي ئىشلەتسەك بولمامدۇ؟
    ماركا-ئوخشاش تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان بەلگە، ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىكى مەقسەت ماركىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش بولۇپ، بۇنداق زۆرۈرىيەت بولمىسا رويخەتكە ئالدۇرماي ئىشلەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەمما باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان ماركىنى ئۆز مەيلىچە ئىشلەتكەنلەر ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىشى مۇمكىن.

    2. ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ قانداق يوللىرى بار؟ ۋاكالەتچىنى قانداق تاللاش كېرەك؟
    ماركا قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت ئىچىدىكى تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ماركا ئ...
  • شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ يوللىرى

    ۋاقتى: 2015-06-14 ئاۋاتلىقى: 730 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 22

    ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، ئۈمىدلىك، جاسارەتلىك، قەلبى ئۇلۇغۋار غايىلەر بىلەن تويۇنغان بىر تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىز زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ، دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ تەلىپى بويىچە تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە بولۇش، سىستېمىلاشقان سودا ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭىچە شىركەت، زاۋۇت، كارخانىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش، قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
    پېقىرمۇ بەزى سەۋەبلەر بىلەن بىر قانچە شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىشلىرى داۋامىدا بۇ ھەقتە ئانچە-مۇنچە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ قالدىم. شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئىشلاردا باشقىلارغىمۇ پايدىسى تىگىپ قالارمىكىن دەپ بۇ يازمىنى يازدىم. مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئەمىسە كەتتۇق:

    ئەلۋەتتە ئەڭ ئاۋۋال شىركەت نامى، شىركەت قانۇنىي ۋەكىلى، شىركەت مەبلىغى، شىركەت ئورنى (ئادرېس...

  • شىركەت دېگەن نېمە؟

    ۋاقتى: 2015-06-14 ئاۋاتلىقى: 497 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    شىركەت قۇرغاندا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئەگەر شىركەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمىسە، بۇ  ئىنتايىن كۈلكىلىك ئىش بولىدۇ. لېكىن، رېئال تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ شىركەت توغرىسىدىكى ئۇقۇمى ئېنىق ئەمەس.
    1. شىركەت قانۇنىي ئىگە بولۇپ، مۇستەقىللىققا ئىگە. شىركەتنىڭ مۇستەقىل مال-مۈلكى، تەشكىلىي ئاپپاراتى، نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى بولىدۇ، مۇستەقىل ھەق تەلەپ ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
    3. شىركەت پايدا ئېلىشىنى مەقسەت قىلغان ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ قانۇنىي ئىگىسى، پايدا ئېلىش كارخانىنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. ئۇنداق بولۇشى، ھەر قانداق بىر شىركەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇ...
  • ئىگىلىك ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەغنى قانداق مۆلچەرلەش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-05-18 ئاۋاتلىقى: 585 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 8

    بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بىز دائىم «مۇنداق ئىگىلىككە بىر قانچە مىڭ مەبلەخ سالسا بولىدۇ.» ياكى بولمىسا «مەلۇم بىر ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر قانچە تۇمەن مەبلەخ سېلىپ ئۆزى كىچىك دۇكان ئاچسا بولىدۇ.»، «بىر قانچە مىڭ يۈەن مەبلەخ سېلىپ زاۋۇت قۇرغىلى بولىدۇ.» دېگەندەك خىلمۇ–خىل تۇردىكى تەشۋىقات ئېلانلىرىنى كۆرىمىز. بۇ خىلدىكى ئاز مەبلەخ سالىدىغان ئادەتتىكى تۇرلەر نۇرغۇنلىغان دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەرنىڭ تۇنجى قەدەمدە تاللايدىغان مەبلەخ سېلىش شەكلى ھېسابلىنىدۇ. بىراق بۇ خىلدىكى تۆۋەن مىقداردا مەبلەخ سالىدىغان تۇرلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان خەۋپ خەتەرگە نىسبەتەن ئىگىلىك تىكلىگۇچىلەر مۇنداق بىر مۇھىم نۇقتىغا سەل قارىغان بولۇپ، مەلۇم بىر تۇردە ئىش باشلاپ پۇل تېپىشقا باشلىغاندىن كېيىن سالىدىغان مەبلەخ ئېلاندا دېگەن ئاشۇ ساندىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. شۇڭلا...

  • شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-05-11 ئاۋاتلىقى: 1001 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە خىزمەت تېپىش مەسىلىسىدۇر. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئېرىشىدىغان خىزمەت جەھەتتىكى ئىستىقبالىنىڭ قاراڭغۇلۇقى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى ۋە قىزغىنلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانچە كىتاب ئوقۇماسلىقىغىمۇ بىر مۇھىم سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت پۇرسىتىنىڭ بار-يوقلۇقى، خىزمەت بولغاندا قانداقراق خىزمەتنىڭ بولۇشى ئۇلارنىڭ كىشىلىك تالانت - قابىلىيىتى، ئوقۇغان مەكتىپى، ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسى قاتارلىقلار بىلەن دېگەندەك ئوڭ تاناسىپ بولمىغاچقا، نۇرغۇن ياشلار مەكتەپ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمەي، گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسى ھەر خىل سوئاللار بىلەن توشۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ سوئاللارغ...
  • شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى

    ۋاقتى: 2015-04-02 ئاۋاتلىقى: 727 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    شىنجاڭ ئەلدوست بىئو-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، داۋالاش  ۋە ئەلا مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۇرگەن خۇسۇسىي  ئىگىلىكتىكى ئۇنىۋېرسال  كارخانا.
    ئەلدوست شىركىتى دەسلەپتە ئەلدوست سودا چەكلىك شىركىتى نامىدا 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قورۇلغان، ئۆز ۋاقتىدا ئىشخانا كۆلىمى 300 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بەشلا ئىشچى-خىزمەتچىسى بار ئىدى. داۋالاشقا ئىشلىتىلگەن مەھسۇلات بىرلا خىل بولۇپ، ئاساسلىقى راك، دىئابېت، قان قويۇلۇش، قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىلا داۋالايتتى. كېيىن «بارلىقىمىز بىمارلار ئۈچۈن!» دېگەن شۇئارنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلىپ، پىشقان تېخنىكا سەۋىيەسى، قىزغىن ئەتراپلىق مۇلازىمىتى، مۇۋاپىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، يۈكسەك تېببى ئەخلاقى بىلەن كەڭ بىمارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە...
  • ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە شېرىك تاللاش (2)

    ۋاقتى: 2015-03-31 ئاۋاتلىقى: 710 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 21
    بىرىنچى بۆلىكى: ئىگىلىك تىكلەش---شىركەت قانداق قۇرۇلىدۇ؟ (1) بۇ يەردە!
      شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ناھايىتى ئاددى، رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن ئاۋۋال، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز يالغۇز قىلىشىنى ياكى بىر نەچچە ئادەم بىلەن بىرگە قىلىشنى ئويلىشىشىڭىز كېرەك.  كۆپ ساندىكى شىركەتنىڭ كەسىپ+بازار ۋە باشقا مالىيە ئىشلىرىنى باشقىلارغا كۆتىرە بەرسە بولىدۇ، مەمۇرىيەت ۋە ئارقا سەپ تەمىنات ئىشلىرىنى بىرگە ئېلىپ بارسا بولىدۇ، لېكىن ئاز بولغاندىمۇ بىر تېخنىكا باشقۇرغۇچى، بىر ئاساسلىق بازار باشقۇرغۇچىنىڭ ئىشىنى ئايرىمىسا بولمايدۇ، كۆپلىگەن كەسىپ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل ۋەزىپە ئايرىشقا بىر ئادەم ماس كەلمەيدۇ، چوقۇم مۇۋاپىق شېرىك بولۇشى كېرەك. شۇن...
  • داڭلىق ماركا ۋە مەدەنىيەتنىڭ پەرقى

    ۋاقتى: 2015-03-26 ئاۋاتلىقى: 796 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
     داڭلىق ماركىنىڭ يارىتىلىشى كاخانا مەدەنىيىتىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. كارخانا مەدەنىيىتى شۇ كارخانىنىڭ قانداق ئىگىلىك باشقۇرۇش پەلسەپىسىنى يولغا قويغانلىقىدىن، شۇنداقلا كارخانىنىڭ ھازىرقى زامان كارخانا تۈزۈمىنى تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق نىشانغا يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى شىركەتنىڭ قىممەت قارىشى، ھازىرقى زامان كارخانىلىرىنىڭ داڭلىق ماركا تىجارىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ چەكلەش، يېتەكلەش، بېرىكىش، ئۇيۇشتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش رولى بار.
    داڭلىق ماركىنىڭ ئۆزىدە مەدەنىيەت خاسلىق ئۇقۇمى بولىدۇ، مەدەنىيەت داڭلىق ماركىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئەسلىدىلا بار بولغان تەرىپى، ئۇ داڭلىق ماركىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. داڭلىق ماركا كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى، ئۇ كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. داڭ...
  • ئىگىلىك تىكلەش---باج ئىدارىسىگە بېرىپ مەلۇم قىلىش(07)

    ۋاقتى: 2015-03-24 ئاۋاتلىقى: 644 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 14
    شىركەت قۇرغاندىن كېيىن چوقۇم باج تىزىملىتىش، جەدۋەل تولدۇرۇش كېرەك، يەرلىك باج دۆلەتلىك باجنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئۇچۇرنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا تولدۇرۇشقا، ماركا بېجى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشقىلىپ بىر قاتار رەسمىيەت بېجىرىلىدۇ، ئاز بولغاندىمۇ ئىككى كۈنلۈك ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ تېخى تېز ھېسابلىنىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە چۈشتىن كېيىن بارسا ئىشنى ئاسان تۈگەتكىلى بولمايدىكەن. سىز بارمىسىڭىز، باج  ئىدارىسىدىن تېلېفون قىلىپ ئالدىرىتىدۇ، ئەگەر سىز ئارقىغا سۆرەپ بارمىسىڭىز، كېيىن بېجىرىش تەس بولىدۇ. ئادەتتىكى كىچىك شىركەتتە، بىرىنچى يىلىدا باج تەكشۈرۈلمەيدۇ، مەبلەغ سېلىپ بىر ئاز ئۆزىنى ئوڭشالغاندىن كېيىن، سىزدىن قۇسۇر ئىزدىشى ناھايىتى ئاسانغا توختايدۇ. شىركەت يېڭىدىن قۇرۇلغاندا، باج ئىدارىسى شىركەت ئورنىغا قارايدۇ، ئاساسلىقى سىزنىڭ قۇرۇق...
  • كارخانا مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ شەكىلسىز ئارقىلىق شەكىللىكنى جانلاندۇرۇش

    ۋاقتى: 2014-03-12 ئاۋاتلىقى: 404 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «خەيئېرنىڭ نەزەرىيەسى» بۇ يەردە!

     

     2. كارخانا مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ شەكىلسىز ئارقىلىق شەكىللىكنى جانلاندۇرۇش


    1995-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى چىڭداۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، خوڭشىڭ زاۋۇتى قەرزلىرى بىلەن خەيئېرگە تەۋە بولدى. خەيئېرنىڭ خوڭشىڭ زاۋۇتىغا بولغان ئۆزگەرتىشى ئىككى قەەمگە بۆلۈم مېڭىلدى: ئالدى بىلەن خەيئېر كارخانا مەدەنىيىتى مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى خىزمەتچىلەرگە خەيئېرنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىپ، ئەسلىدىكى مەسلىھەت دەلىللەش مەركىزىدىن سۈپەت كونترول قىلش خادىملىرىنى ئاجراتتى. ئىككىنچى قەدەمدە خەيئېر سۈپەت كاپالەت سىستېمىسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، زاۋۇتنىڭ بارلىق ھالقىلىرىنى تەكشۈردى.


    ...

  • خەيئېرنىڭ نەزەرىيەسى

    ۋاقتى: 2014-03-11 ئاۋاتلىقى: 412 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     2. خەيئېرنىڭ «شۈك بولۇپ قالغان بېلىقنى يېيىش» نەزەرىيەسى


    كىشىلەر ئادەتتە كارخانىلار ئارىسىدىكى قوشۇۋېلىشنى بېلىقنىڭ بېلىق يېيىشىگە ئوخشىتىدۇ، ياكى چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يەيدۇ ياكى كىچىك بېلىق چوڭ بېلىقنى يەيدۇ.


    خەلقئارالىق نۇقتىدىن ئېيتقاندا كارخانىلارنى قوشۇۋېلىشنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ:


    بىرىنچى، «چوڭ بېلىقنىڭ كىچىك بېلىقنى يېيىشى». بۇ ۋاقىتتا تېخنىكا ئامىلى تېخى رىقابەتنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلىغا ئايلانمىغان، كارخانىنىڭ كاپىتال ساقلانمىسى، تىجارەتنىڭ كۆلىمى رىقابەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بەلگىلەيدۇ، قوشۇۋېلىشنىڭ ئاساسلىق شەكلى چوڭ كارخانىلار كىچىك كارخانىلارنى قوشۇۋالىدۇ.


    ئىككىنچى، «تېز بېلىقنىڭ ئاستا بېلىقنى يېيىشى». بۇ ۋاقىتتا تېخنىكا ئامىلىنىڭ تەسىرى كاپىتالنىڭ تەسىرىدىن ھالقىپ ھەل قىلغۇچ ئامىلغا ئايلانغان، كىم ت...

  • مەدەنىيەت كوللېكتىپ تەرەققىياتىنىڭ جېنىدۇر

    ۋاقتى: 2013-12-12 ئاۋاتلىقى: 462 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 15
    ئىنتېل شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى  ئىنتېل شىركىتى 1968-يىلى روبېرت . نويىس (Noyce Robert)، گوردون مور (Moore Gordon) ۋە ئەندىي . گروۋ (Grove Andy) تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 1971-يىلى يەر شارىدا تۇنجى بولۇپ مىكرو تېخنىكىسىنى كەشپ قىلىپ شىركەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان، شۇنداقلا دۇنيا تورى ۋە كومپيۇتېر ئىنقىلابىنى قوزغاپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ سانائىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئىنتېل شىركىتى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا داڭق چىقىرىپ، دۇنياۋى پەن-تېخنىكا باشلامچىلاردىن بولۇپ قالغان، بۇ شىركەت ھازىر 44 يىللىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازار يېتەكلەش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، 100 مىڭغا يېقىن خىزمەتچىسى بار.  ئىنتېل شىركىتى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى خىزمەتچىلە...
  • شىركەت تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى

    ۋاقتى: 2013-10-26 ئاۋاتلىقى: 461 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ياۋروپا، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 40 يىل، ياپونىيەدە 30 يىل ئەتراپىدا بولۇپ ئەسىر ھالقىيدىغان شىركەتلەرمۇ بىرقەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ئەمما دۆلىتىمىز دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۆمرى 3.7 يىل، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى بولسا ئاران2.9 يىل ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇنداقتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىيلار باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۆمرى قانچىلىك؟ مېنىڭچە بۇ سوئالنىڭ جاۋابى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان مىللىي كارخانىلار قۇرۇلۇپ، كارخانىچىلار ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ كارخانىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىمىقى بىرقەدەر قىيىن بولۇۋاتىدۇ.
    خوش، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بولۇپمۇ مىللىي كارخانىلارنىڭ ئۆمرى نېمىشقا شۇنچىۋالا قىسقا بولىدۇ؟
    مېنىڭچە تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپ ...
  • دۇردانە مەسلىھەتچىلىكى: باشقۇرۇش تەسىراتى

    ۋاقتى: 2013-07-14 ئاۋاتلىقى: 394 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3
    بىر كارخانا خۇجايىنى بىلەن پاراڭلىشپ قالدىم، ئۇنىڭدىن سىز كارخانا باشقۇرۇشقا قانداق قارايسىز دەپ سورىغان ئىدىم ، ئۇ ماڭا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇختىلارنى شەرھىيلەپ بەردى. ئەگەر مۇۋاپىق بولسا كۈرۈپ قويۇڭ. 1. كارخانا خۇجايىنى ئىنچىكە ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك (1) كارخانىدىكى ئىنچىكە ھالقىلارنى چىڭ تۇتقىنىڭىزدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىغا بار خەتەردىن خالى بولالايسىز. (2) ھەر ۋاقىت ئۈلگە بولۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ھەر      قايسى ئىش ھالقىلىرىغا سەل قارىسىڭىز، خىزمەتچىلەرمۇ شۇ يولغا كىرىپ قالىدۇ-دە،     خىزمەتنىڭ  ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.  2. مەسئۇلىيەت، ھوقوق ۋە مەجبۇرىيەت يۈرۈشلۈك بولۇش كېرەك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھوقوق...
  • ئىگىلىك تىكلەش --- يىغىندى تەننەرخ تالونىنى توپلاش (14)

    ۋاقتى: 2013-05-30 ئاۋاتلىقى: 407 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4
    شىركەتنىڭ يۈرۈشۈشى ئۈچۈن تەننەرخ كېتىدۇ، بىراق ھەممىلا تەننەرخ بوغالتىرلىق خاتىرىسىگە يېزىلمايدۇ. مەسىلەن باشقىلارنى مېھمان قىلىپ يېگەن تاماق پۇلى، پائالىيەت ھەققى قاتارلىقلار. ئادەتتە توختام ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %0.5 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، يەنى بىر توختام 100 تۈمەن بولسا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، 5000 يۈەنلىك سودا چىقىمىنى ئاتچوت قىلغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە شۇنىسى ئېنىقكى خەجلىگەن پۇل پەقەت شۇنچىلىك بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ تالوننى چوقۇم ئېلىش كېرەك، كىچىك شىركەت ئادەتتە ھېسابلىغان تەننەرخ مەسىلىسى چوڭ بولمايدۇ، شىركەت چوڭايغاندا بولسا، مالىيە كەسكىنلىشىپ، تىزگىنلەش بىرئاز قىيىن بولىدۇ. بوغالتىرلىققا شەرتسىز تەننەرخ ھېساباتىغا كىرگۈزۈلدىغىنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. مائاش، كۆپلىگەن كىچىك شىركەت كىشى بېشىغا قاراپ ھېسابلايدۇ، يالغاندىن خىزمەتچى مائاشى بېكىتىش ئارقىلىق، پۇلنى ئايلاند...
  • ھازىرقى زامان كارخانا باشقۇرۇشنىڭ يادروسى

    ۋاقتى: 2013-05-11 ئاۋاتلىقى: 438 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 6
    ھازىرقى زامان كارخانا باشقۇرۇشنىڭ يادروسى
    ____ھازىرقى زامان كارخانا باشقۇرۇشنىڭ يادروسى ۋە جەۋھىرى

    مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخاناشۇناس ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ماھىر بولىدۇ. ئۇلار ئەڭ مۇھىم بولغان ئۇسۇلنىڭ مەلۇم بىر مەنپەئەت ياكى يوشۇرۇن پايدىنى ئاساسلىق شەكىل قىلىپ جەلپ قىلىش، يىغىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى بولسا باشقۇرۇش قاتلىمى ئەزالىرىنىڭ ھەر خىل مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا ئۇزۇنغىچە بىرلىشىپ ئورتاقلىشىشى، ئۆزىنىڭ پىكىر يۆنىلىشى بويىچە تەرەققىي قىلىپ، قارار چىقىرىشى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ ۋاقىتتىكى ئەزالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولغاندا بۇ خىل زىددىيەت كارخانا ۋە ئۆزىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە توقۇنۇشنى ھەل قىلىپ، "كوللېكتىپ روھىنى جارى قىلدۇرۇش"...
  • بەش چوڭ كەڭ تارقالغان كارخانا مەدەنىيىتى

    ۋاقتى: 2013-05-04 ئاۋاتلىقى: 515 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    ھازىرقى زامان جۇڭگو ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇتۇق قازانغان كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھازىرقى زامان كارخانىلىرىنى پايدىلىنىشقا بولىدىغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى.
    1. مىنشېڭ مەدەنىيىتى: مىنشېڭ كارخانىسى تەرەققىياتىنىڭ شۇنچە تېز بولۇشىنىڭ سەۋەبى بۇنىڭ قۇرغۇچىسى لۇ زوفۇنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. لۇ زوفۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىجارەت ئەمەلىيىتىدە، ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى دەل ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى رولىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدۇر. مەسىلەن، ئۇ كارخانىنىڭ خىزمەتچىلەرگە بولغان ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانا ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ قوش يۆنىلىشلىك قاتنىشىشىنى ئىلھاملاندۇرغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق بىر داڭلىق شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان: شىركەتنىڭ مەسىلىسىنى خىز...
  • ئىگىلىك تىكلەش---ياخشى بوغالتىر تەكلىپ قىلىش(08)

    ۋاقتى: 2013-04-20 ئاۋاتلىقى: 486 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 12
    شىركەتتە بوغالتىر بولمىسا بولمايدۇ. بوغالتىر ئاساسلىقى قانداق قىلىپ قانۇنلۇق ھالدا باجنى ئازايتىشتا سىزگە ياردەم بېرىدۇ، شىركەتتىكى ھەقىقى تەننەرخكە كەلسەك بۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس.
    ئادەتتە ئەمدىلا قۇرۇلغان شىركەتكە كەسپى بوغالتىر تەكلىپ قىلىش ھاجەتسىز، بوغالتىرلىق ۋاكالەتچى شىركىتى ئىزدىسىڭىز، ئۇلار سىزگە ھېسابات قىلىپ بېرىدۇ، سىز ئۇلارغا تەلەپ قويۇپ قايسى تەرەپلەردىن سىزنىڭ كىرىمىڭىزنىڭ ئازلاپ كەتكىنىنى بىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى بۇ تەرەپلەردىن تىجارەت تاپاۋەت بېجىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ يەنە كىرىم بېجىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، %25 بولىدۇ.
    ئادەتتە شىركەت كۈندىلىك تىجارەت تەننەرخىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى بەش خىل بولۇپ: كوماندىروپكا چىقىمى، قاتناش چىقىمى، ئادەم كۈچى بايلقى چىقىمى، ئىشخانا بۇيۇمى چىقىمى، ئۆي ئىجارە سۇ توك ھەققى چىقىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا...
  • ئىگىلىك تىكلەش---بانكىغا بېرىپ ئاساسى ئىسچوت ھەل قىلىش(06)

    ۋاقتى: 2013-04-13 ئاۋاتلىقى: 491 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 8
    شىركەت ئاچقاندىن كېيىن چوقۇم بانكىغا بېرىپ ئاساسى ئىسچوت (ھېسابات) ۋە ئادەتتىكى ئىسچوت ئېچىش كېرەك. بۇ يەردىكى ئىشلارنى ھەل قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، مۇنداقچە بولغاندا ئاساسى ئىسچوتنى بىر بانكىدىن ئاچسا، يەنە بىر ئادەتتىكى ئىسچوتىنى باشقا بانكىغا بېرىپ بېجىرسىمۇ بولىدۇ، ھېساباتنى ئوخشاشلا ئادەتتىكى ئىسچوت بىلەن ئېلىپ بارسىمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ. بۇ تەرەپنى مالىيە ئىش بېجىرگۈچىمۇ ياخشى بىلىپ كەتمىگەچكە ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچى ئارقىلىق بېجىرسە بولىدۇ، ئىش قىلىپ ئاخىرىدا پۇل تاپشۇرىدىغان ئىش، ئاساسى ئىسچوت باشقۇرۇش ھەققى ھەر ئايدا 120 يۈەن. ئاندىن توردا مەخپىي نومۇر ماشىنىسى سېتىۋالسا تەخمىنەن 580 يۈەن. ئەگەر بانكا ئۆي بىلەن ياكى شىركەت بىلەن يېقىن بولسا، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا خېلى كۆپ ۋاقىت تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، بۇ شىركەت ئاچقاندا چوقۇم ئويلاپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە. ناھايىتى...
  • كارخانا ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش دوكلاتى

    ۋاقتى: 2013-04-04 ئاۋاتلىقى: 435 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3
    ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش دوكلاتى، باج ئىشلىرى ئورنى (باجغا چېتىلىدىغان  بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ دوكلات قىلىش ھوقۇقى يوق) كارخانا تاپاۋەت بېجىغا قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، كارخانىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۇشىدىن كېيىن چىقىرىلىدىغان كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېسابابات دوكلاتى بولۇپ، ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش باج تاپشۇرغۇچى باج يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە، باج قانۇنى، قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆزلۈكىدىن يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىنى ھېسابلاپ ۋە تاپشۇرۇپ، ئايلىق ۋە پەسىللىك ئالدىن تاپشۇرغان تاپاۋەت بېجىغا ئاساسەن، شۇ يىللىق تولۇقلاشقا تېگىشلىك ياكى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك سوممىنى بېكىتىش، ھەمدە يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجى باج مەلۇم قىلىش جەدۋىلىن...
  • ئىگىلىك تىكلەش---باج تۈرىنى ياخشى ئويلىشىش (04)

    ۋاقتى: 2013-03-30 ئاۋاتلىقى: 471 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 6
    كۆپلىگەن كىشىلەر شىركەت قۇرۇشتىن ئىلگىرى، مالىيە ۋە باجغا نىسبەتەن ھېچنىمە بىلمەيدۇ. بۇ تەرەپتە ئەمدىلا شىركەت قۇرغانلارمۇ ئوخشاشلا خەۋەرسىز بولىدۇ. جۇڭگونىڭ باج تۈرى كۆپ، ئەگەر ئىچكىرىلەپ ئۈگەنمىگەندە راستىنلا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر دوستۇم بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇ مەندىن بۇ تۈر نەچچە پۇل دەپ سورىدى، مەن تىلىمنىڭ ئۇچىدىلا 10 تۈمەن دېدىم، ئۇ يەنە ئۇنداقتا تەننەرخى قانچىلىك دەپ سورىدى، مەن ئۇنىڭغا تەخمىنەن 3 تۈمەن دەپ جاۋاب بەردىم، ۋاھ، سەن ھەقىقەتەن كۆپ پۇل تاپالايدىكەنسەن! دېدى ئۇ.
    مۇشۇ تۈردىلا 7 تۈمەن كىرىم بولىدىكەن ئەمەسمۇ!
    بۇ ئاغىنە باجنى چۈشەنمەيدىكەن، بىرىنچى ئەگەر سىز مۇلازىمەت كەسپىدە بولسىڭىز، ھەر بىر توختام ئۈچۈن %5.8 بۇيىچە تىجارەت بېجى (يەرلىك باج)، يەنى كىرىمنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ 6 پىرسەنتى دۆلەتنىڭ پۇلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن 3 تۈ...
  • ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە ئىسىم قويۇش (03)

    ۋاقتى: 2013-03-23 ئاۋاتلىقى: 604 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 37
    بېشى: «ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە شېرىك تاللاش» بۇ يەردە!
      شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن ئاۋۋال، چوقۇم شىركەتكە بىر ياخشى ئىسىم قويۇش كېرەك. ئىسىم قويۇشتا كۆزدە تۇتىدىغان ئامىل ناھايىتى كۆپ: 1. تىجارەت دائىرىسى: ئوخشاش بولمىغان تىجارەت دائىرىسى كەينىدىكى شىركەتنىڭ ئىسىمى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسلەن تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دەپ ئاتسىڭىز، ئۇنداقتا سىز يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال ئىشلەپ مەھسۇلات ساتالىسىڭىز، مۇلازىمەت قىلسىڭىز بولىدۇ. بىراق باشقۇرۇش مەسىلىھەت سوراش شىركىتى بولسا مەھسۇلات سېتىشقا ماس كەلمەيدۇ. بەزى ساھە، مەسىلەن تەربىيەلەش شىركىتى، چوقۇم سالاھىيەت ۋە ئىقتىدار ئىلتىماسى سۇ...
  • جۇڭگودىكى دەسلەپ قۇرۇلغان 17 شىركەتنىڭ مەغلۇپ بولۇش تارىخى (3)

    ۋاقتى: 2013-03-07 ئاۋاتلىقى: 438 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    بېشى بۇ يەردە!

    15. تەۋسىيە رەسىم (推图)
    تەۋسىيە رەسىمگە ئاساس سالغۇچى گۇرۇپپىسى لەن گاڭنىڭ توردىكى CEO ۋاڭ فېڭ مەبلەغ سالغاندىن كېيىن، گۇرۇپپا 2011-يىلى يېڭى يىلدىن باشلاپ ئېچىشنى باشلاپ، بىر ئايدىن كېيىن ئىشلىتىلىشچان ماگېزىنغا تىزىمغا ئالدۇردى. مەغلۇبىيەتنىڭ ساۋىقى: رىقابەت جەھەتتىدىن ئېشىپ كېتىش ۋە ماتزوۋ ئېفىكىت (Matthew Effect) تەسىرى سۈرەتكە تارتىپ ھۇزۇرلىنىش تۈرىنىڭ ئىشلىتىلىشى قورال تۈرىدىكىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ ۋەكىلى. Instagram ۋە Color ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو بازىرى 2011-يىلىدا تەۋسىيە رەسىم (推图)، رەسىم م...
  • كارخانىچىلىقىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە مۇلاھىزە

    ۋاقتى: 2013-03-07 ئاۋاتلىقى: 575 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 8
    كارخانىچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى
    خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي پائالىيەت سەۋىيەسىگە ئاساسلانغاندا، كارخانىچىلىقىمىز تېخى دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. كارخانىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى باسقۇچى ئادەتتە بىر دۆلەت ياكى بىر رايوندا سانائەتلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئاساسەن ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلىنىدۇ. كارخانىچىلىقىمىزنىڭ دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن كۆزىتىشكە بولىدۇ:
    بىرىنچى، زامانىۋى تۈزۈمدىكى كارخانىلارنىڭ سانى ئاز. ھەقىقىي مەنىدىكى كارخانىچىلىق پائالىيىتىمىزنىڭ باشلانغىنىغا ئۇزاق بولمىدى، كارخانىچىلار قوشۇنىمۇ شەكىللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىرقى كارخانىچىلار قوشۇنى، ئاساسلىقى، ئىككى مەنبەدىن، بىرى، سودىگەرلەرنىڭ شىركەت قۇرۇپ، كارخانىچىلىق بىلەن شۇغ...
  • مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈڭ

    ۋاقتى: 2013-02-05 ئاۋاتلىقى: 529 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4

    بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىشىلىك ھاياتتا مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈش تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشتا كىشىنى ئارىسالدىلىق، قامغاق مىجەزلىكتىن ساقلاپ، مۇۋەپپەقىيەتكە باشلايدۇ. بۇنداق خاراكتېر يېتىلدۈرەلمىگەنلەردە كۆزىتىش، پەرق ئېتىش، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى كەم بولىدۇ. ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلىماسلىق، دورامچىلىق قىلىش، سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھامان كىشىنىڭ ھايات يولىغا پېشكەللىك پەيدا قىلىدۇ.

    جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر كىشىلەر ئارىسىدا ‹‹مودا›› ئېقىمى كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئالماقتا. بۇنداق ئېقىمغا ئەگەشكەنلەر تۇرمۇشتا تەمتىرەيدۇ، نەتىجىدە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى مەنىۋى كۈچتىن ئايرىلىپ قېلىپ، تۇرمۇشتا قايمۇقىدۇ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ.

    بىر كىشى سەپەردە ...

  • تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ تۈرلىنىش جەدۋىلى

    ۋاقتى: 2013-01-19 ئاۋاتلىقى: 488 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4
    تۈرلەر تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ تەپسىلىي ئايرىمىسى 1-تۈر خىمىيە سانائەت بۇيۇملىرى، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمەيىۋى ئوغۇت قاتارلىقلار 2-تۈر سىر، رەڭ، بوياق، ھاك، يېمەكلىكنىڭ رەڭ خۇرۇچى، دېۋىرقاي قاتارلىقلار 3-تۈر سوپۇن، گىرىم بۇيۇملىرى، چىش پاستىسى، ئاياغ مېيى، ئەنبەر، دات ئاتالغۇ 4-تۈر سانائەتتە ئىشلىتىدىغان ياغ، ئاپتۇل، سەنەركە، بېنزىن، كىرسىن، توك، شام 5-تۈر دورا، دورا ماتېرىيالى، بوۋاقلار يېمەكلىكى، دېزىنفېكسىيە، تازىلىق بۇيۇملىرى 6-تۈر تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان بەش خىل مېتال بۇيۇملىرى، سىم، قۇلۇپ، تۇرۇبا 7-تۈر كىرئالغۇ، ئىستانوك، ماددا ۋە موتۇر، دېھقانچىلىق سايمانلىرى، چىشلىق چاق ...
جەمئىي 1 بەت/48پارچە ئۇچۇر