ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە بىر ماكان تېپىڭ (10)

ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە بىر ماكان تېپىڭ (10)

ۋاقتى: 2016-10-14 ئاۋاتلىقى: 483 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەگەر ئەمدىلا ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغاندا، شىركەت ئۆي ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرمايدىغان بولسا تەننەرخ تېجىگىلى بولىدۇ. سىزنىڭ ئۆيىڭىز دەل مۇشۇ ئىگىلىك تىكلىگەن شىركەت بولسا، ئاۋۋال ئۆيدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاتا-ئانىڭىزنى ئارقا سەپ ۋە تورنى باشقۇرۇشقا قويسىڭىز، ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان زېھنىي كۈچى ۋە پۇلنى تىجەپ قالىسىز.
ئەگەر ئۆيىڭىز شۇ يەردە بولمىغاندا، سىز ياتاقنى ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش بېجىرىش ئورنى قىلىپ چىقسىڭىز بولىدۇ، ئىشقىلىپ كۆپەيتىپ بېسىش ماشىنىسى، تېلېفون، قوشۇمچە تور خاتىرە كومپيۇتېر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ باشقۇرۇش ئىلكىڭىزدە بولىدۇ.
ئەگەر شىركەت بىرىنچى، ئىككىنچى توختامنى ئورۇنلاپ بولغان بولسا، سىز ئاستا-ئاستا تۇرۇپ، بىر نەچچە ياتاقداش بىلەن بىرگە تۇرسا، يەنە كېلىپ بۇ يەرنى شىركەت قىلىپ ئىش بېجىرسە ئانچە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، بىز مەڭگۈ مۇشۇنداق مۇنتىزىم بولمىغان ئەترەت بولۇپ قالىمىز.
تېخىمۇ جاننى ئالىدىغىنى، سىز سىرتتىن باشقا شېرىك ياكى خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا شۇنى بايقايسىز، ناھايىتى ئاددى، ھېچكىممۇ ياتاقنى شىركەت قىلغان شىركەتتە تەرەققى قىلىشنى خالىمايدۇ، بۇنداق ئىگىلىك تىكلەش ئەترىتىنىڭ ئىش ھەققى قاتارلىق تەرەپلەردىن سۆزلەپ خىزمەتچىنى تۇتۇپ قېلىشىمۇ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ.
تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سىزنىڭ خېرىدارىڭىز شىركەتكە بېرىپ سىز بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشمەكچى بولغاندا، سىز ئۇ چاغدا ناھايىتى ئوسال بولمامسىز؟ گەرچە خېرىدار سىزنىڭ ئەمدىلا ئىش باشلىغانلىقىڭىزنى بىلسىمۇ، لېكىن شىركەت شىركەتتەك بولۇشى كېرەكتە. خېرىدار بۇ ھالەتنى كۆرگەندىن كېيىن بەلكىم كېيىنكى خىزمەتنى تاماملاشقا ئىشەنچىسىنى يوقىتىشى مۇمكىن.
پەقەت يۇقىرىقى تۇيغۇنىڭ بىرى بولغاندا، سىز چوقۇم شىركەت ئۈچۈن ئۆي ئىجارە ئېلىشنى ئويلايسىز.
قەيەرنى ئىجارىگە ئېلىش كېرەك؟ ئىشخانا بىناسى، سىرتقى كۆرۈنۈشى ئېسىل بولۇشى كېرەك. بۇ يەردە ئولتۇرغاندا، تەبئىيلا بىر خىل قابىل تۇيغۇ بولۇپ، مەھسۇلات ئېلىپ ساتسىمۇ، كېيىم ئېلىپ ساتسىمۇ، ئوخشاش، باھاسى ھەرگىز تۆۋەن بولمايدۇ. بىراق ئىشخانا بىناسىنىڭ ئىجارە ھەققى يۇقىرى بولۇپ قالماي يەنە خوجىلىق ھەققىمۇ يۇقىرى، ئادەتتە 25-45 كۋادرات مېتر بولسا ئايدا باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرۇلىدۇ، سىز پەقەت 30 كۋادرات مېتر ئۆي ئىجارىگە ئالسىڭىزمۇ ئۇنىڭ ھەققى ئادەمنى قورقىتىدۇ.
#p#
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، ئادەتتىكى ئۆينى ئىجارىگە ئېلىشنى ئويلايسىز، بولۇپمۇ ئىشخانا قىلىشقا ماس كېلىدىغان پۇقرالار ئۆيىنى تاللايسىز. بۇ خىل ئۆي ئادەتتە يول بويىغا جايلاشقان، كوچا دوقمۇشىدا بولىدۇ، قارىماققا ئىشخانا بىناسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، بىراق ئىجارە ھەققى قىممەت ئەمەس، خوجىلىق ھەققى پەقەت تاۋار ئۆي بويىچە ئېلىنىدۇ.
ئەگەر مۇشۇنداق ئۆينى ئىجارە ئېلىشقىمۇ كۈچىڭىز يەتمىسە ئۇنداقتا يەنە بىر قەدەم چېكىنىپ، تېزدىن مۇھىتى ياخشى بولغان ئولتۇراق رايون ئىچىدىن ئىجارە ئېلىڭ، بۇ يەرنىڭ باھاسى تېخىلا تۆۋەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆي ئىچى چوقۇم ئاددى بېزەلگەن بولۇشى كېرەك، چۈنكى شىركەت ئۈچۈن ئىجارە ھەققى تۆۋەن بولۇپ قالماستىن يەنە چوقۇم بېزەلگەن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنداق بولمىغاندا، يەنە بېزەپ بولغىچە شىركەت باشقا جايغا يۆتكىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
بۇنداق ئۆينى قايسى جايدىن تاپالايسىز؟
سىز ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ ئەتراپىدا تونۇشتۇرغۇچى شىركەت بولسا، تونۇشتۇرغۇچى شىركەت بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلۋالسىڭىز، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈنۈم يارىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى.
چوقۇم ئۆي مەنبەسىگە قاراش كېرەك، ئاز بولغاندىمۇ 10 يۈرۈش ئۆي بولغاندا، ئۆي ئىگىسىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئىجارە ھەققىنى تېجىگىلى بولىدۇ، ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۆي ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئەڭ ياخشى بولغىنى ئىككى تەرەپنى رازى قىلغان شەرت ئاستىدا، تەننەرخ قانچە تۆۋەن بولسا شۇنچە ياخشى، ھەر بىر ئىنچىكە ئەھۋالغا قاراشنىڭ ھاجىتى يوق، كېيىن پۇل تاپقاندا يەنە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ!
ئىجارە ھەققىنى چوقۇم سۆزلىشىش كېرەك، پەسىلدە بىر قېتىم تۆلەشنى قولغا كەلتۈرسە ئەڭ ياخشى، يەنە رەنە پۇلىنىمۇ سۆزلىشىش كېرەك، بەك يۇقىرى بولسا بولمايدۇ، ئادەتتە ئىككى ئايلىق ئىجارە پۇلىغا تەڭ بولسا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا سۇ توك گاز ھەققىنى چوقۇم ئېنىق قىلىش كېرەك، ئەسلىدە ئۆتۈپ كەتكەن سانغا ئوبدان قاراڭ، ھازىرقى ئىجارە ئۆلچىمىدىمۇ شۇ بويىچە قىلغان بولسا ھېچقانداق مەسىلە يوق.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى