ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
مەبلەغشۇناسلىق - دىكى يازمىلار
  • ئىشەنچلىك مەبلەغ سالغۇچىنى قانداق تېپىش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 693 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    يېتىلىۋاتقان كارخانىلاردىكى CEO لار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە زور خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. بەزىدە ئۇلار خېرىدارلارغا تايانسا ياكى بانكىدىن قەرز ئالسا ۋە ياكى ئىشەنچلىك مەبلەغ سالغۇچىغا تايانسا بولىدۇ. تەبىئىيكى، كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە باشقىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا، مەبلەغ سالغۇچى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىشەنچلىك مەبلەغ سالغۇچى تاپالىسىڭىز ئوقىتىڭىزنى يۈرۈشتۈرۈپلا قالماي، سىجىل مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيسىز.

    كارخانىچى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مەبلەغ سالغۇچىنى قانداق تاللىشى كېرەك؟
    رۇس مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۈچ خىل بولىدۇ:
    مول بىلىمگە ئىگە بولغاندىن تاشقىرى، مەھسۇلاتىڭىزغا ۋە كەسپىڭىزگە قىزىقىدۇ؛
  • بىرىنچى ئەۋلاد پۇل كىرىزىسى مودېلىنىڭ ئالاھىدىلىكى

    ۋاقتى: 2015-08-30 ئاۋاتلىقى: 611 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    بىرىنچى ئەۋلاد پۇل كىرىزىسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار: 1. ئۇ پۇل كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ماكرو ئىقتىساد سىياسىتى ۋە مۇقىم پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىنىڭ بىردەك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز بولغان كىرېدىتنىڭ كېڭىيىش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي ئىقتىسادنىڭ ناچارلىشىشى پۇل كىرىزىسى يۈز بېرىشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى دەپ قارايدۇ. 2. كىرىزىس يۈز بېرىش پىرىنسىپىدا ئۇ بىر تەرەپتىن كىرېدىت كېڭىيىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تەكىتلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ھايانكەشلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زاپاسنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەككە تۆۋەنلىشىنى كىرىزىس يۈز بېرىشنىڭ ئادەتتىكى جەريانى دەپ قارايدۇ. بىراق كىرېدىت كېڭىيىشى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە پۇل كىرىزىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە بەك ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەن ۋە فورمۇلالاشتۇرۇۋەتكەن....
  • ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    ۋاقتى: 2015-08-23 ئاۋاتلىقى: 871 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4
    كىشىلەر ئالتۇندىن ياسالغان تۈرلۈك زىننەت بۇيۇملىرىنى ئالتۇن دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىز تىلغا ئېلىۋاتقان مەبلەغ سېلىش خاراكتېرلىك ئالتۇن ئەمەس. خاتىرىلەش تۈرىدىكى زىقچە ئالتۇنلار ۋە باشقا زىقچە ئالتۇنلارنىڭ قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، قىممىتىنى ساقلىغىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ باھاسى ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋالغۇشىغا باغلىق بولماستىن، يىغىپ ساقلاش قىممىتى ۋە بەدىئىي قىممىتىگە باغلىق بولىدۇ. شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنداق ئالتۇننى سېتىۋالغاندا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىن شەكىللەنگەن پايدىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمايدۇ.   ھەقىقىي مەنىدىكى مەبلەغ سېلىش خاراكتېرلىك ئالتۇننىڭ سودا تەننەرخى تۆۋەن بولۇش، ئالتۇن باھاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ۋە ئېنىق سېتىۋېلىش يولى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا ئالتۇنغا مەبلەغ سالىدىغان تۈرلەر سودا بانكىلىرى ۋاكالىت...
  • ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ يوشۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىدىن سوراشقا تېگىشلىك بەش سوئالى

    ۋاقتى: 2015-07-07 ئاۋاتلىقى: 712 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ يوشۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىدىن سوراشقا تېگىشلىك بەش سوئالى

     كىرىش سۆز: مەبلەغ توپلاش ئەمەلىيەتتە بىر قوش يۆنىلىشلىك تاللاش، ئاساسلىق ئارقا كۆرۈنۈش تەكشۈرۈشىدىن سىرت، ئىگىلىك تىكلىگۈچى يوشۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىدىن سوراشقا تېگىشلىك ياكى سورىمىسا بولمايدىغان بەش سوئال بار.
    شىركەتنىڭ كۆپ قىسىم ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى بىر قېتىملىق مەبلەغگە ئالماشتۇرماقچى بولغىنىڭىزدا، سىز قانداق قىلىپ مەبلەغ سالغۇچىنى توغرا تاللىغىنىڭىزنى بىلەلەيسىز؟     گەرچە مەبلەغ توپلاش قارىماققا مەبلەغ سالغۇچىغا ئېرىشىش باسقۇچىغا ئوخشىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر قوش يۆنىلىشلىك تاللاشتۇر. مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مەبلەغ سالغۇدەك پۇلى بولۇشى ھەرگىزمۇ شۇ كىشى ۋە ياكى شۇ شىركەتنىڭ سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە ماس كېلىپ، سىزگە مۇۋاپىق قوشۇمچە قىممەت يارىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ۋەكىللىك...
  • دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 23ى ئۈرۈمچىدىن «ماكان تۇتتى»

    ۋاقتى: 2015-06-29 ئاۋاتلىقى: 726 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 43

     


    خەلقئارا چوڭ بازارغا جايلاشقان «كەررىفور» تاللا بازىرى


    دۇنيادىكى 12-كۈچلۈك كارخانا «ھەممىباب»، 39-كۈچلۈك كارخانا «كەررىفور» قاتارلىق دۇنيادىكى چوڭ كارخانا-چوڭ گۇرۇھلار ئۈرۈمچىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرى بويىچە بۇ مەركىزىي شەھەردە ماكانلىشىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
    31-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2012-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىدە رايون سىرتىدىن ئەمەلىي نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 38 مىليارد 745 مىليون يۈەن بولۇپ، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 23 ى بۇ مەركىزىي شەھەردىن « ماكان تۇتقان». «دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 23 ى، &laqu...

  • بېل گايتىس مەبلەغ سېلىپ «كەيپىيات ئۆلچەش بىلەيزۈكى»نى ياساتتى

    ۋاقتى: 2015-06-09 ئاۋاتلىقى: 617 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېل گايتىس ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەللىم دەرس ئۆتكەن ۋاقىتتىكى زېرىكىش ھېسسىياتىنى ئۆلچەش ئۈچۈن، 1 مىليون 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ «كەيپىيات ئۆلچەش بىلەيزۈكى» ياساتقان.

    خەۋەرگە قارىغاندا، بېل ۋە مېرىندا فوندى جەمئىيىتى ئىلمىي نامى «تېرە ئېلېكتىر ئىنكاسى» بولغان بىلەيزۈككە مەبلەغ سالغان، ئۇلار بۇ ئەسۋاب ئارقىلىق مۇئەللىملەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى باھالاشنى ئۈمىد قىلغان.
     


    بىلەيزۈك تېرىنىڭ نەملىك دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن توك ئۆتۈش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىدىكەن. ئادەمنىڭ تەر بەزلىرى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كونتىروللىقىدا بولغاچقا، تېرىنىڭ توك ئۆتۈشۈش ئەھۋالىنى كەيپىياتنىڭ ئىنكاس ئۆلچىمى قىلسا بولىدىكەن.

    ھازىر ئامېرىكا ۋاقتى ۋە ئۆگىنىش دۆلەت مەركىزى 620 مىڭ ئامېر...

  • پاي چېكى ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە پاي چېكى

    ۋاقتى: 2015-04-21 ئاۋاتلىقى: 854 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 24
    پاي چېكى ھەققىدە پاراڭ بولغاندا كىشىلەر ھازىر ئانچە غەيرى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. گەرچە ئۆزىڭىز پاي چېكى ئويناپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى تونۇش-بىلىشلىرىڭىز، خىزمەتداش ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا ياكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئىچىدە ئۇنى ئويناپ باققانلار بولۇشى مۇمكىن. سىزمۇ پاي چېكى بازىرىغا بېرىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولغانسىز، بىراق چۈشىنىش بىر قەدەر تەس بولغان پاي چېكى بازىرىنىڭ گاھ ئۆرلەپ، گاھ چۈشۈشلىرىگە، بۇ بازاردىكى 1200 دىن ئارتۇق شىركەتلەرنىڭ خىلمۇ خىل پاي چېكىلىرىگە قاراپ قاياقتىن قول سېلىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. مەزكۇر يازمىنىڭ سىزنىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن دەسلەپكى قەدەمدە خەۋەردار بولۇشىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تېگەر، دەپ ئويلايمەن.
    پاي چېكىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال پاي ھەسسىد...
  • بىر نەچچە خىل زايوم ۋە ئۇلارغا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى

    ۋاقتى: 2015-04-04 ئاۋاتلىقى: 1038 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 6
    زايوم مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلىمىز ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تارقىتىدىغان باھالىق چەك بولۇپ، زايومغا مەبلەغ سېلىش نۆۋەتتە ئائىلە روزغارچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر تۈرىدۇر، ئۇ ھۆكۈمەت ئىناۋىتى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر خىل پۇل مۇئامىلە قورالى. ھازىر تارقىتىلىۋاتقان زايوملار دوكۇمېنتلىق زايوم، ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايوم ۋە پۇل ئامانەت زايومى دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. دوكۇمېنتلىق زايوم بىلەن ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايومنىڭ تارقىتىلىش ئۇسۇلى، ئوبوروت قىلىنىش، ئۆتۈنۈپ بېرىلىش ۋە دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق بار.
    دوكۇمېنتلىق زايومنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ سېتىۋالسا بولىدۇ. دوكۇمېنتلىق زايومغا زايوم سېتىۋېلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ، ئىسمى يېزىلىدۇ ۋە يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغىلى بولىدۇ...
  • كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىش بىلەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ قانداق پەرقى بار؟

    ۋاقتى: 2015-03-28 ئاۋاتلىقى: 979 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2

     كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىش بىلەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ قانداق پەرقى بار؟

     

    تاللاش دائىرىسى كېڭەيسە كىشىلەر ھەمىشە ئارىسالدى بولىدۇ. كرېدىت كارتىسىدىن نەق پۇل ئېلىش بىلەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ ئىككىلىسىدە گۆرۈگە قويۇلغان بۇيۇم تەلەپ قىلىنمايدىغان، ئىككىلىسى نەق پۇل ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، قەرز ئالغۇچىنى ئارىسالدى قىلىپ قويىدۇ. لېكىن، مېنىڭچە، ئىككىلىسىدە ئوخشىمايدىغان يول بىلەن ئوخشاش مەنزىلگە يەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن خاسلاشقان پەرقلىرى يەنىلا مەۋجۇت، زادى قايسىسىنى تاللايسىز، بىز سېلىشتۇرۇپ باقايلى.


    1.قەرز پۇل سوممىسى
    ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ سوممىسى ئادەتتە قەرز ئالغۇچىنىڭ ئايلىق كىرىمىنىڭ 10 ھەسسىسى ئەتراپىدا بولىدۇ، سالاھىيىتى توشقان ئەھۋال ئاستىدا، قەرز پۇلنى ...

  • پۇلنىڭ پۇل تېپىشى ئاساسلىقى بۇ تۆت خىل ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ، ئەمدى ئالدىنىۋەرمەڭ!

    ۋاقتى: 2014-06-24 ئاۋاتلىقى: 804 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 7

     پۇلنىڭ پۇل تېپىشى ئاساسلىقى بۇ تۆت خىل ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ، ئەمدى ئالدىنىۋەرمەڭ!

     

    بەزىلەر مەبلەغ سېلىش بەك مۇرەككەپتەك ھېس قىلىدۇ، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەسلىھەتچىسى بىر سۆزلىسىلا بېشى قىيىدۇ، فوند، پاي چېكى، زايوم، قەرەللىك مال قاتارلىقلارنى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ. ھازىر مەن بىر ئاددىي ھېكايە ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىنى چۈشەندۈرمەكچى.


    مېنىڭ تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلۇم ئاساسلىقى ئەسلى مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ۋە قىممەت ئېشىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن بولىدۇ، بەلكىم ئۇنچە بەك ئىلمىي بولماسلىقى، بارلىق مەبلەغ سېلىش مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن سىزنىڭ پۇلنىڭ قانداق «ئاقما لىنىيە»دىن ئۆتۈپ قىممىتى ئاشىدىغان ۋە قىممىتى چۈشىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىزگە پايدىلىق.


    بارلىق مىساللار ئىچىدە، ساۋا...

  • بىلىم ئومۇملاشتۇرۇش: ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز قايتۇرۇش كۈنىنى قانداق ھېسابلايدۇ؟

    ۋاقتى: 2014-06-18 ئاۋاتلىقى: 880 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2

     بىلىم ئومۇملاشتۇرۇش: ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز قايتۇرۇش كۈنىنى قانداق ھېسابلايدۇ؟

     

    ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز قايتۇرۇش كۈنى دېگەن نېمە؟

     

    ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرەلى توشۇپ قەرز قايتۇرۇش كۈنى ئىناۋەتلىك كارتىنى تارقاتقان بانكا كارتا ئىگىسىدىن تۆلەشكە تېگىشلىك پۇللارنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كۈننى كۆرسىتىدۇ. يەنى كارتا تارقاتقان بانكا ھېسابات تالونى چىقارغاندىن كېيىن، سىز قەرەلى توشۇپ قەرز قايتۇرۇش كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزىڭىز بۇرۇن خىراجەت قىلغان راسخوتنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بولۇشىڭىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە قەرەلى توشۇپ قەرز قايتۇرۇش كۈنى دەل ئۆسۈمسىز قەرز قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، بۇنىڭدىن بۇرۇن قەرز قايتۇرسا ئۆسۈم ئېلىنمايدۇ، ئەڭ ئاخىرقى قەرز قايتۇرۇش كۈنىدىن ئۆتۈپ كەتكىچە قەرز قايت...

  • باش ھەرپى «M3W9»دىن باشلانغان ساختا پۇل شەھىرىمىزگە كىردى

    ۋاقتى: 2014-03-20 ئاۋاتلىقى: 621 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 38

    ئەگەر باش ھەرپى «M3W9»دىن باشلانغان 100 يۈەنلىك پۇلنى كۆرسىڭىز دىققەت قىلىڭ. گۇاڭدۇڭ، شەندڭ قاتارلىق جايلاردا بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا باش ھەرپى «M3W9»دىن باشلانغان بىر تۈركۈم ساختا پۇللار بايقالغان، لېكىن يېقىندا شەھىرىمىزدىمۇ پەيدا بولدى.

     سۈرەتتە: باش ھەرپى«M3W9»دىن باشلانغان ساختا پۇل

     بۇ خىل ساختا پۇلنىڭ ئوڭ يۈزى راست پۇل بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بەش تۈرلۈك چىنلىق بەلگە ئالاھىدىلىكى بۇ ساختا پۇللاردىمۇ بار ئىكەن، يەنى: 100 يۈەنلىك پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ سول تەرىپىدىكى رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن سۇ باسمىسى بار ئىكەن؛ سول تەرەپنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدە باسما مېيىدا بېسىلغان رەقەمنىڭمۇ رەڭگى ئۆزگىرىدىكەن؛ قەغەز پۇلنىڭ ئاق سۇ باسمىسى، ئويما باسم...

  • لاڭ شيەنپىڭ: ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا بانكا ھېچكىمگە تىنمايدىغان سىرلار

    ۋاقتى: 2014-01-18 ئاۋاتلىقى: 846 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

      ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا بانكا ھېچكىمگە تىنمايدىغان سىرلار

     

    ئەگەر سىز ئىناۋەت كارتىسى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى سىرلارنى چۈشىنىۋالسىڭىز، بىزنىڭ ئىستېمالىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيسىز؛ ئەگەر چۈشەنچىگە ئىگە بولمىسىڭىز مەنپەئەت يۈككە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.  تۆۋەندە ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدىكى سىرلارنى بىرلىكتە ئېچىپ باقايلى.

     


    بىرىنچى، ھېساباتنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىسىمۇ يەنىلا رەسمىيەت ھەققى ئېلىش


     مىسال: لى لى بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا خۇاشىيا بانكىسىنىڭ ئىناۋەت كارتىسىنى ئىشلىتىپ 9000 يۈەنلىك سىفىرلىق ئاپپاراتتىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدى. پۇلنىڭ سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، بىر قېتىمدىلا ھەمممىنى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمە...

  • شىنجاڭدا 4 مىليارد 600 مىليون ياشلىق مېتېئورىت تاشقا 80 مىليون باھا قويۇلدى

    ۋاقتى: 2013-12-26 ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 64

    شىنجاڭدا 4 مىليارد 600 مىليون ياشلىق مېتېئورىت تاشقا 80 مىليون باھا قويۇلدى

    12-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر پارچە ئادەمنىڭ مۇشتۇمىدەك چوڭلۇقتىكى بىر پارچە مېتېئورىت تاشقا 80 مىليون باھا قويۇلغان بولۇپ، بۇ تاش ئۈرۈمچىدىكى بىر مېتېئورىت دۇكىنىنىڭ ئوتتۇرىغا تىزىپ قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۇزۇلۇقى 15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 8 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 434 گىرام كېلىدۇ. 




    ئىگىلىنىشىچە، بۇ تاشقا ئاسمان پەلەك باھا قويۇلۇشىدىكى سەۋەب، بۇ بىر «ۋاسىتىسىز مېتېئورىت تاش» بولۇپ،  2009-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭنىڭ گوچۇڭ ناھ...
  • ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئالتۇننى پۇل قىلىپ تاللايدۇ؟

    ۋاقتى: 2013-12-25 ئاۋاتلىقى: 777 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 18
    كىشىلەر ئالتۇنغا نىسبەتەن باشقىچىلا كۆز قاراشتا: خىمىيە ساھەسىدە، بۇ ئېلېمېنتنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق، ھېچقانداق بىر ئېلېمېنت بىلەن رېئاكسىيەگە كىرىشەلمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ خىمىيەلىك ئېلېمېنتلار جەدۋىلىدىكى 118 خىل ئېلېمېنت ئىچىدە، پەقەت ئالتۇنلا ئىزچىل ھالدا كىشىلەرنىڭ پۇل ئوبوروتىدىكى تاللىشى بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا بۇ نېمە ئۈچۈن؟ نېمىشقا ئوسمىي، خروم، ياكى گېلىينى تاللمايمىز؟ 
    ئاددىي چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى مەن بۇ سوئالنى سورىغان تۇنجى كىشى ئەمەس ئەلۋەتتە، ئەمما مەن بۇ سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان جاي بۇ سوئالغا ئەڭ مۇۋاپىق. مەن ھازىر ئەنگىلىيە دۆلەتلىك مۇزېيىدىكى «دەسلەپكى كولۇمبۇ دەۋرى ئالتۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» نەق مەيدانىدا تۇرۇپتىمەن. دەل مۇ...
  • قانداق قىلغاندا ئۆسۈمدىن ئۈنۈملۈك مەنپەئەتلەنگىلى بولىدۇ؟

    ۋاقتى: 2013-10-31 ئاۋاتلىقى: 603 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4
    مەركىزى بانكا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە بىر قېتىم تەڭشىدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، مەركىزى بانكا بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە، بىر يىل ئىچىدىكى قەرللىك ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى خېلى ئۆستۈردى. مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇشۇنداق تەڭشەش ئارقىلىق ئاھالىلەرنى ئارتۇق پۇللىرىنى قىسقا مۇددەتلىك ئامانەت قويۇشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنداقتا، قانداق ئامانەتنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدۇ؟   1. ئامانەت ۋاقتىنى قىسقارتىش. بۇلتۇرقى بىر نەچچە قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنى ھەقىقەتەن تەمتىرىتىپ قويدى. پۇلنى ئۇياقتىن بانكىغا ئامانەت قويۇشىغىلا، بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پۇلىنى ئېلىۋېلىپ، باشقىدىن ئامانەت قويۇش ئۈچ...
  • فوندقا مەبلەغ سېلىشتا كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت خاتالىق

    ۋاقتى: 2013-10-31 ئاۋاتلىقى: 669 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    نۆۋەتتە، فوندقا مەبلەغ سالغۇچىلاردا مۇنداق تۆت خاتا قاراش ساقلانماقتا: بىرىنچى، بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىش قارىشى. بەزىلەر پاي ياكى فوندقا مەبلەغ سېلىپ نەچچە كۈنگىچە پايدا ئالالمىسا ئىچى تىتىلداپ كېتىدۇ. فوند سېتىۋالغاندا، ئاۋۋال ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، فوندنىڭ تۈرىنى، مۇنەۋۋەر فوند باشقۇرۇش شىركىتىنى ياخشى تاللاش لازىم. فوند تاللىغاندا، فوندقا ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەتراپلىق ئىگىلىگەندە، ئۆزى تاللىغان فوندقا نىسبەتەن كۆڭلىدە سان بولىدۇ. شۇنىڭدا بىر _ ئىككى كۈنلۈك داۋالغۇش كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىش خىيالىدىمۇ بولمايدۇ. ئىككىنچى، فوند بازىرىدا بىر يۈەنلىكمۇ، تۆت يۈەنلىكمۇ، ئالتە يۈەنلىكمۇ فوند بار. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەرزان فوند ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر يۈەنلىك پىۋا 500 مىللىلېتىر بولسا، ئىككى يۈەنلىك پىۋا 1000 مىللىلېتىر بولىدۇ. شۇنى...
  • بانكا جۇغلانما نومۇرىنىڭ قىممىتى قانچىلىك؟

    ۋاقتى: 2013-08-28 ئاۋاتلىقى: 724 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    تەتىل كېلىش بىلەنلا ئىستېمالچىلارنىڭ كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلىش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئىستېمالچى مەيلى دۇكانلاردىن مال سېتىۋالغاندا بولسۇن ياكى توردىن مال سېتىۋالغاندا بولسۇن، ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق پۇل تۆلەشكە ئادەتلىنىپ كەتتى. «يېنىمىزدىن نەق پۇل چىقارمايمىز، يەنە تېخى جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشەلەيدىغان تۇرساق، نېمە ئۈچۈن ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتمىگۈدەكمىز؟» دېيىشىدۇ بەزى ئىستېمالچىلار. ئەمما مۇخبىرنىڭ زىيارەت جەريانىدا بايقىشىچە، بەزى دۇكانلاردا ياكى تور بېكەتلىرىدە ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلغاندا جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى نۇرغۇن كىشى بىلمەيدىكەن. 
    توردىن خەلق پۇلى ئارقىلىق مال سېتىۋالغاندا ياكى ئالاھىدە ئىستېمال تۈرلىرى ئۈچۈن چىقىم قىلغاندا نومۇر جۇغلانمايدۇ  مۇخبىرنىڭ نۇرغۇن بان...
  • كىشىلەر نېمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟

    ۋاقتى: 2012-11-18 ئاۋاتلىقى: 536 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 25
    بىز پاي چېكى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۇق. ئەمدى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كېلەيلى، كىشىلەرنىڭ پاي چېكى سېتىۋېلىپ شىركەتكە مەبلەغ قوشۇشىدىكى مەقسەت شىركەت پايدىسىغا شىرىك بولۇش ئۈچۈندۇر. بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىدە كىشىلەر پەقەت مەلۇم شىركەتكە مەبلەغ سېلىش مەقسىتى بىلەن پاي چېكى سېتىۋېلىپ، بۇ پاي چېكىنى نەچچە ئون يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ساقلاپ، شىركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بىراق بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس. چوڭگونىڭ پاي چېكى تېخى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان يېڭىچە بىر بازار بولغاچقا، پاي چېكى ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىمۇ تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلگىنى يوق. شۇ سەۋەبتىن، پاي ھەسسىدارلىق شىركەت...
  • ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭ (2)

    ۋاقتى: 2012-11-18 ئاۋاتلىقى: 597 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 34

     ﭘﺎﻱ چېكى ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ

    ﭘﺎﻱ چېكى ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ دېگىنىمىز ﭘﺎﻱ چېكىنى ﺋﯧﻠﯩﭗ-ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
    ﭘﺎﻱ ﭼﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ، ﺑﺎﺯﺍﺭ كۈﻧﯩﺪﻩ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ.
    ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ دېگىنىمىز ﭘﺎﻱ ﭼﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺭﯗﻥ. ﺟﯘڭگوﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﯧﻨﺠﯩﻦ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ.
    ﺑﺎﺯﺍﺭ كۈﻧﻰ دېگىنىمىز ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ كۈﻧﻨﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺩﯗﺷﻪﻧﺒﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﻣﻪﮔﯩﭽﻪ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﻪﺵ كۈن ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﻪﻧﺒﻪ، ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ كۈنلىرى، ﺩﻭﻟﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ كۈنلىرى ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.
     


    ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﻰ: ھەﺭ كۈنى ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ 7:30 ﺩﯨﻦ 9:30 ﻏﯩﭽﻪ، ﭼﯘﺷﺘﻪ 11:00 ﺩﯨﻦ 13:00 ﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (ئۈرۈﻣﭽﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ) ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﻮﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘ...

  • ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭ (1)

    ۋاقتى: 2012-11-18 ئاۋاتلىقى: 631 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 34

    1. ﺑﺎھا ﻗﺴﯩﻤﻰ
    ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ (ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ) [开盘价]
    ﺷﯘ كۈﻧﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ كېيىن، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎھاﺳﯩﻨﻰ كۆﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ 30 ﻣﯩﻨﯘﺗﻘﯩﭽﻪ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺗﻮﻧﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ (ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ) [收盘价]
    ﺷﯘﻛﯘﻧﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎھاﺳﯩﻨﻰ كۆﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
    ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎھاﺳﻰ [最高价]
    ﺷﯘﻛﯘﻧﻰ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎھاﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎھاﻧﻰ كۆرسىتىدۇ.
    ﺋﻪﯓ ﺗﻮﯞﻩﻥ باھاﺳﻰ [最低价]
    ﺷﯘﻛﯘﻧﻰ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ باھاﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﯞﻩﻥ باھاﻧﻰ كۆرسىتىدۇ.


    ﻗﻮﻝ [手]
    ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﭘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 100 ﺗﺎﻝ ﭘﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻧﺪ...

  • پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن سۇغۇرتىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2012-11-08 ئاۋاتلىقى: 618 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن جاڭ ئەپەندى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى خىزمەت، ئائىلىگە سەرپ قىلىپتىمەن، بالىلىرىممۇ خىزمەتكە چىقتى، ئۆيلۈك-ئوچاقلىقمۇ بولدى، مەنمۇ پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، ساياھەتكە چىقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» جاڭ ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پېنسىيەگە چىققانلار تىنچ تۇرمۇشقا موھتاج، ئۇلار جىسمانىي بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى، شۇنداقلا مال-مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
    سۇغۇرتا پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ يۇقىرىدىكى تەلەپلىرىگە ماس كېلىدۇ.
    ئۇنداقتا، پېنسىيەگە چىققانلار قانداق سۇغۇرتىنى تاللىشى كېرەك؟ «ياڭگۇاڭ» ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتىدىكى چېن بىڭ مۇنداق دەيدۇ: پېنسى...
  • كەلگۈسىدە مەبلەغ سېلىشتىكى تۆت يۆنىلىش

    ۋاقتى: 2012-08-25 ئاۋاتلىقى: 701 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 25
    2011-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، مەملىكىتىمىز شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇرغۇن بانكا تۇرغۇن ھالەتكە كىردى. كاپىتال نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ تۇرغۇن ھالەت، كەسىپ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىنمۇ تۇرغۇن بولۇپ، بۇ مەبلەغ سېلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدىغان پۇرسەتتۇر.  كەسىپلەر كاساتلاشقاندىن كېيىن، كارخانىلار كاپىتال بازىرىدا ئەرزانلىشىپ كېتىدۇ. قۇياش نۇرى ئېنېرگىيەسى كەسپى، شامال ئېنېرگىيەسى كەسپى، كوللېكتىپ سېتىۋېلىش تور بېتى قاتارلىقلارنى كىشىلەر ماختىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كاپىتال بازىرىدىكى باھاسى يۇقىرى بولىدۇ. كىشىلەر ياقتۇرمىغاندا باھاسى مۇۋاپىق بولىدۇ. كەسىپتە چوڭ مەسىلە كۆرۈلگەندە، قايسى كارخانىنىڭ ياخشىلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر راستىنلا قۇياش ئېنېرگىيەسى، كوللېكتىپ سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا مەبلەغ سالماقچى بولسىڭىز، شۇ كەسىپ كاساتلاشقان ۋاقىتتا ياخشى تەھلىل قىلىشىڭىز، كەسىپ گۈللەنگەندە ...
  • مەبلەغ سېلىش پۇلدارلارنىڭ پاتنېتىمۇ؟

    ۋاقتى: 2012-08-24 ئاۋاتلىقى: 977 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 16
    مەبلەغچىلىكتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ كىشىلەرنىڭ مەبلەغچىلىككە بولغان تونۇشىدىن كەلگەن بولۇپ، پۇلدارلار ۋە نامراتلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى مەبلەغچىلىك بىلىملىرىگە بولغان تونۇش ۋە چۈشەنچىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن بولغان. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كۆپلىگەن ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر "مەبلەغچىلىك پۇلدارلارنىڭ پاتنېتى، ئۇنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق." دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئومۇمەن ھەر ئايدىكى مۇقىم مائاشىم كۈندىلىك تۇرمۇشۇمنى ئاران قامداۋاتسا، نەدىمۇ مالىيە ئىشلىرىغا مەبلەغ سالغۇدەك پۇل بولسۇن؟ دەپ قارايدۇ. ئەگەر سىزمۇ مۇشۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز چوڭ خاتالىق سادىر قىلغان بولىسىز. شۇڭا چوقۇم توغرا بولغان قاراش: "مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرى ھەرگىزمۇ پۇلدارلارنىڭ پاتنېتى ئەمەس." دېگەننى تۇرغۇزىشىڭىز كېرەك. "سىز مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرمىسىڭىز، بايلىقنىڭ سىز بىلەن كارى بولمايدۇ. (你不理财、财不理你)" ئەگەر ئەسلىدىنلا پۇلىڭ...
  • ئائىلە روزغارچىلىقىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىمىز؟

    ۋاقتى: 2012-08-24 ئاۋاتلىقى: 772 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    ئائىلە ئىقتىسادىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش بەختلىك ۋە ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ .    ئائىلە روزغارچىلىقى تار مەنىدىن ئېيتقاندا، كارخانىلارنىڭ روزغار باشقۇرۇش ۋە بوغالتىرلىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلىنىڭ كىرىمى ۋە چىقىمىنى پىلانلاپ ۋە باشقۇرۇپ، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئائىلە روزغارچىلىقى ئىجتىمائىي بايلىقلارنى تېجەپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئائىلە روزغارچىلىقى كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تېجەش پىرىنسىپى بويىچە، بىر ئائىلىنى كۆزلىگەن ئىقتىسادىي نىشانغا يەتكۈزىدۇ.    ئائىلە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ۋە بايلىقنىڭ جۇغلىنىشى، شۇنداقلا روزغارچىل...
  • بۇ يىل ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

    ۋاقتى: 2012-08-24 ئاۋاتلىقى: 868 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4
    بۇ يىل دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالتۇن بازىرى داۋاملىق ئۆسۈشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىن، 1-ئايدا خەلقئارادا ئالتۇن باھاسى %10 ئۆستى. ئەمما 2-ئاي كىرگەندىن بۇيان ئالتۇن باھاسى ئۈزلۈكسىز داۋالغۇپ، باھادا بىر ئۆرلەپ، بىر چۈشۈشتەك ئەھۋال كۆرۈلدى.
    بۇ يىل ئالتۇن بازىرىدىكى باھانىڭ داۋالغۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار مېنىڭچە تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ: تەمىنلەش بىلەن ئالتۇنغا بولغان تەلەپنىڭ مۇناسىۋىتى: ئالتۇننىڭ باھاسى تەمىنلەش ۋە تەلەپ مۇناسىۋىتىگە باغلىق بولۇپ، ئالتۇننىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئاشسا باھاسى چۈشىدۇ، ئەكسىچە بولسا ئۆرلەيدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىشتا ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەت. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى دۇنيادىكى ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %33 ىنى،...
جەمئىي 1 بەت/26پارچە ئۇچۇر