ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 23ى ئۈرۈمچىدىن «ماكان تۇتتى»

دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 23ى ئۈرۈمچىدىن «ماكان تۇتتى»

ۋاقتى: 2016-02-28 ئاۋاتلىقى: 723 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 


خەلقئارا چوڭ بازارغا جايلاشقان «كەررىفور» تاللا بازىرى


دۇنيادىكى 12-كۈچلۈك كارخانا «ھەممىباب»، 39-كۈچلۈك كارخانا «كەررىفور» قاتارلىق دۇنيادىكى چوڭ كارخانا-چوڭ گۇرۇھلار ئۈرۈمچىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرى بويىچە بۇ مەركىزىي شەھەردە ماكانلىشىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
31-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2012-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىدە رايون سىرتىدىن ئەمەلىي نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 38 مىليارد 745 مىليون يۈەن بولۇپ، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 23 ى بۇ مەركىزىي شەھەردىن « ماكان تۇتقان». «دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 23 ى، «جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا»نىڭ 88 ى شەھىرىمىزدىن «ماكان تۇتتى» (پۇل-مۇئامىلە، ئالاقە، قاتناش قاتارلىق كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ )، بۇ كارخانىلارنىڭ شەھىرىمىزگە ماكانلىشىشى شەھىرىمىزگە مەبلەغ ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن ، يەنە خىزمەت ئورنى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ.» دەيدۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەيپىدىن ئەزىز .

سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەمەلىيلەشكەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرى 451، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرى 136، يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 107 مىليارد 394 مىليون يۈەن بولغان.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى