ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بېيىشنىڭ ھەقىقى مەخپىيىتى ‐‐‐ تىرىشىپ ئىشلەش

بېيىشنىڭ ھەقىقى مەخپىيىتى ‐‐‐ تىرىشىپ ئىشلەش

ۋاقتى: 2016-06-28 ئاۋاتلىقى: 611 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 
تىرىشىپ ئىشلىگەن ئادەم چوقۇم ئامەت قۇشىنىڭ ئىلتىپاتىغا نائىل بولۇپ، كىشلىك ھاياتتا ئۇتۇپ چىقالايدۇ. ھورۇن ئادەملەر ئامەت قۇشىنىڭ قاناتىلىرىغا سۈركىلىپلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. تىرىشچان ئادەم بولۇڭ! كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئامەت قۇشى ئۇچۇپ كەلگەندە، ئەسلىدە ئۆزىڭىزنىڭ بايلىق پادىشاھلىقى «بابىلون»دىكى ئەڭ تەلەيلىك ئاشۇ ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بايقايسىز.
 
بېيىشنىڭ ھەقىقى مەخپىيىتى ‐‐‐ تىرىشىپ ئىشلەش 
«ساھى بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر ئەخمەق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. بابىلون شەھرىدىن چىقىۋاتقاندا ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ياخشى قۇل ئىكەنلىكىمنى، نانەيدكە قانداق تىرىشىپ ئىشلەپ بەرگىنىمنى، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ياخشى ئىشلەپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئەمما، ئۇ مېنىڭ سۆزلىرىمگە قىلچىمۇ پىسەنت قىلىپ قويمىدى. پەقەت: ‹خۇجايىنىم مېنى ئىش بېشى قىلىپ تەيىنلەپ، كۆپرەك قۇل سېتىۋېلىپ پادىشاھ خۇجايىنىمغا تاپشۇرغان بۈيۈك قانالنى قېزىش ۋەزىپىسىنى تېزراق تاماملىمىسام بولمايدۇ. بىراق ئۇنداق زور قۇرۇلۇشنى شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانداق تاماملاپ بولغىلى بولسۇن!› دەپ خۇرسىندى.»
«ئادەم ئايىغى باسمىغان ئۇ قۇملۇقتا چاتقالدىن باشقا ھېچنىمە يوق. ئوتتەك رەھىمسىز قۇياش تەپتىدىن چۆگۈندىكى سۇمۇ قايناپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ. ئىچەي دېسەڭمۇ ئىچەلمەيسەن. قۇللار بىر سەپ بولۇپ ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەيدۇ، ئەزەلدىن ئارام ئالمايدۇ. ئۇلار چوڭقۇر خەندەكتىن تۇپا كولاپ توسمىغا توشۇيدۇ.»
«قۇللار يەيدىغان يېمەكلىك چوشقا ئوقۇرىغا ئوخشاش ئۇزۇن ساندۇققا قاچىلانغان. ئۇلارنىڭ ياتىدىغان يېرى يوق. كېچىنى قۇملۇقتا ئۆتكۈزىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى خىزمەت مۇھىتىنى ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن. مەن يىغقان پۇللىرىمنى بىر يەرگە كۆمۈپ تاپالماي قالماسلىقىم ئۈچۈن بەلگە قىلىپ قويدۇم.»
«ئىش باشلىنىشتا ناھايىتى تىرىشچانلىق ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم. ئەمما نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئىرادەم گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشكە باشلىدى. بەدىنىم ئەزەلدىن ئۇرۇق ۋە ئاجىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېزىك بىلەن يۇقۇملىنىپ ھېچنەرسە يېيەلمىدىم. كۆكتات ۋە گۆشلەرنى يېيىشتىن ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. كەچ كىرگەندە ئويقۇم كەلمەي ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ياتاتتىم.»
«بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر ماڭا سابادنىڭ، ‹تىرىشىپ ئىشلىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بەل سۇنۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.› دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەتتى. ئەمما، يەنىلا سابادنىڭ بۇ قارىشىغا قۇشۇلمايتتىم. مەنچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىسى ئەمەس ئىدى.»
#p#
«بىردىنلا دېڭىز قاراقچىسىنىڭ پاجىئەلىك كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمغا كەپقالدى. ئەجىبا ئۇنىڭغا ئوخشاش قارشىلىشىپ ئۆلۈپ كېتەمدىم؟ دېڭىز قاراقچىسىغا قامچىلاپ ئۆلتۈرش جازاسى بېرىلگەن ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئېچىنىشلىق چىرقىراش، بەدىنىدىن ئاققان قىپقىزىل قانلاردىن ئۇنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ ئويلاپ كۆرۈشكە بولمايتتى.»
«ئەڭ ئاخىرىدا مەجىد خىيالىمدىن كەچتى. بىر جۈپ قولىنى قېلىن قاداقلار قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىللىق تەبەسسۇمى ۋە رازىمەنلىك كەيپىياتىدىن قوللانغان ئۇسۇلنىڭ توغرا ئىكەنلىكى چىقىپ تۇررتتى.»
«مەجىد ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم بولسىمۇ، ماڭا ئوخشاش جېنىنىڭ بارىچە ئىشلەپ باقمىغاندۇ!»
«نېمە ئۈچۈن ئوخشاشلا جاپالىق ئىشلەپ تۇرۇپ مەجىدنىڭ ئېرىشكىنى مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخىت بولىدۇ. ئەمما مېنىڭ ئېرىشكىنىم ئازاپ-ئۇقۇبەت ۋە دەرد-ئەلەم بولىدۇ. ئەجىبا مەن تەڭرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشەلمەسمەنمۇ؟ بۇ ئادىمىزاتسىز قاقاس چۆلدە شۇنچە تىرىشىپ ئىشلەپ تۇرۇپ، ئارزۇ قىلغان بەخىت ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە مەڭگۈ يېتەلمەي ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟ خىياللار يۈرىكىمنى تىلغايتتى. نېرۋىلىرىم قالايمىغانلىشىپ، بۇنىڭغا جاۋاپ تاپالمايتتى. ماڭا ھەمراھ بولىدىغىنى گاڭگىراش ۋە قايغۇدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.»
«نەچچە كۈن چىداپ ئىشلىدىم. مېنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىم ئاخىرقى چەككە بېرىپ قالاي دېگەن ئىدى. ئەمما، سوئاللىرىمغا جاۋاب تاپالمىغان ئىدىم. مەجىدنىڭ ئۇسۇلىدىن ئۈمىد ئۈزەي دەپ تۇرغاندا، ساھى مېنى تېپىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. كەلگەن ئادەەمنىڭ ئېيتىشىچە، بىر خۇجايىن  مېنى بابىلونغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ئالاقىچى ئەۋەتىپتۇدەك. مەن پۇللىرىمنى كۆمۈپ قويغان يەردىن كولاپ چىقىرىپ، ئەسكى خالىتىمنى كىيىپ ئالاقىچى بىلەن بابىلونغا قايتتىم.»
«قىزىتمام ئۆرلەپ كەتكەچكە، يول بۇيى شامالدا ئۇچۇپ چۈشكەن بىر پارچە يۇپۇرماققا ئوخشاپ قالغان ھاياتىمدىكى بەخىتسىزلىكلەرنىلا ئويلاپ چىقتىم. ئۇ ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش خۇددى يۇرتۇمدىكى بىر كوپىلىيت قۇشاققىلا ئوخشايتتى:
بولۇپ قۇيۇن تەتۈر پەلەك،
قارا يامغۇر بىرلە يالماپ كەتمەك.
مەنزىلگاھ قاياندۇر يېتەلمەس ھېچكىم،
نە بولۇر ئاقىۋەت بىلەلمەس ھېچكىم.»
#p#
«كېيىن يەنە قانداق قىسمەتلەر مېنى كۈتۈپ، قانچىلىك ئۈمىدسىزلىنىشلەرنىڭ تەمىنى تېتىيدىغانلىقىمنى بىلگىلى بولمايتتى. ‹كەلگۈسى› دېگەن بۇ ئۇقۇم ئەمدى مەن ئۈچۈن يات بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشىممۇ نامەلۇم ئىدى. جاپالىق ئىشلەش ماڭا زادى نېمە ئېلىپ كەلدى؟» 
«بىز خۇجايىننىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، ھاڭ-تاڭ قالدىم. خۇجايىنىمنىڭ كىملىكىنى پەرەز قىلالماسلىقىڭ مۇمكىن، ئۇ دەل سېنىڭ بوۋاڭ ئاراد.گۇرا بولۇپ، ھويلىدا مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. ئو كېلىپ يۈك-تاقلىرىمنى چۈشۈردى ھەمدە خۇددى نەچچە يىل كۆرۈشمىگەن قېرىندىشىنى كۆرگەندەك مېنى چىڭ قۇچاقلىدى.»
«ئۆيگە كىرگەن ۋاقىتتا، مەن قۇلغا ئوخشاش ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىرمەكچى بولدۇم، ئەمما، ئۇ بۇنى رەت قىلدى. مۆرەمدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى: ‹سېنى ئىزەپ بارمىغان يېرىم قالمىدى. سەندىن ئۈمىد ئۈزەي دەپ يۈرگەن ۋاقتىمدا، شىۋاسىدنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ ماڭا خۇجايىنىڭنىڭ قەرز ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەردى، قەرز ئىگىسىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق سېنى سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەتكەن ھېلىقى كىشىنى تاپتىم. سېنىڭ يېڭى خۇجايىنىڭ مەن بىلەن ئۇزۇن باھا تالاشتى، نۇرغۇن پۇل خەجلىدىم. ئەمما  سەن ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلىسەممۇ ئەرزىيدۇ. چۈنكى سېنىڭ ھاياتقا بولغان قارىشىڭ، ئىلگىرىلەش روھىڭ، ماڭا زور ئىلھام بولدى. شۇنداق بولغاچقىلا بۈگۈنكىدەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىدىم. سەندەك دوستۇمنىڭ بولغانلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن! ›»
«مەن ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتىم: ‹ئۇ مەجىدنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپىسى، مېنىڭ ئەمەس.›»
«‹مەجىد بىلەن ئىككىڭلارنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىسى. ئىككىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. ھازىر پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر دەمەشققە كەتمەكچى، شېرىكىم بولۇشۇڭنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. سەنمۇ كەلگۈسىدە ھۆر ئادەمگە ئايلىنىسەن.› ئۇ سۆزلىگەچ تونى ئىچىدىن ئىسمىم ئويۇلغان بىر پارچە سېغىزنى چىقىرىپ، بۇ قۇللۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغان تاختاي. مەن ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن دېدى. ھەمدە بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە قاتتىق تاشلىدى. سېغىز پارچىسى پارە-پارە بولۇپ كەتتى. ئۇ يەنە سېغىز پارچىلىرىنى يانچىپ توپىغا ئايلاندۇرىۋەتتى. مانا شۇنداق قىلىپ ئەھۋالىمدا ئاخىرى ئۆزگىرىش بولدى. مەن قۇللۇق ئىسكەنجىسىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ، قايتىدىن ھۆر ئادەمگە ئايلاندىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى بوۋاڭنىڭ ئىلتىپاتى. ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە ناھايىتى ئۇلۇغ ئادەم. ئۇ ئۆمرىدە كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلدى. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ.»
#p#
«كۆزلىرىم مىننەتدارلىق يېشىغا تولغان ئىدى. ئۆزۈمنىڭ بابىلوندىكى ئەڭ تەلەيلىك ئادەم ئىكەنلىكىمنى شۇ ۋاقىتتا چۈشەنگەن ئىدىم.»
«مەن ئەڭ جاپا تارتقان ۋاقىتلاردا، يەنىلا تىرىشىپ ئىشلەش مېنىڭ يېقىن دوستۇم بولۇپ، قانال ياساشتىن ئىبارەت كۈلپەتلىك قىسمىتىمنى ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بوۋاڭنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى قۇتقۇزىۋالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن بوۋاڭنىڭ سودىدىكى ھەمراھى بولۇپ قالدىم.»
خادان.گۇرا قىزىقىپ سورىدى : «بوۋامنىڭ بېيىشتىكى مەخپىيەتلىكى پەقەت تىرىشىپ ئىشلەشلىما؟» 
سارۇ كەسكىن ھالدا: «بوۋاڭنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىن باشلاپ، بېيىشتىكى مەخپىيىتىنىڭ تىرىشپ ئىشلەش ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم. بوۋاڭ تولىمۇ تىرىشچان، خىزمەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى تەڭرىنىمۇ تەسىرلەندۈرگەچكە، ئۇنىڭغا سېخىيلىق بىلەن جاۋاب قايتۇردى!» دېدى.
خادان چۈشتىن ئويغانغاندەك بولدى ھەمدە: «ئەمدى بىلدىم، تىرىشىپ ئىشلەش بىر نىيەتتىكى كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، شېرىكى ۋە ھەمراھىغا ياكى دوستىغا ئايلاندۇرۇپتۇ، ئۇ ئاشۇ دوستى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ياردىمىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپتۇ. تىرىشىپ ئىشلەش بوۋامنى دەمەشقتە چەكسىز شان-شەرەپكە ۋە ھۆمەتكە، قىسقىسى، ئۇنى بارلىق ئارزۇلىرىغا يەتكۈزۈپتۇ. تىرىشىپ ئىشلەش قۇللارنىڭ ئىشى دەپ قاراپ، بەك ئەقىلسىزلىق قىپتىمەن.» دېدى.
سارۇ خۇشال بولغان ھالدا: «ھاياتلىقتا نۇرغۇن ھۇزۇر-ھالاۋەتلەر بەھرلىنىشكە ئەرزىيدۇ. ئەلۋەتتە، ھۇزۇرلىنىش كېرەك. مەن ناھايىتى خۇشال. ئىشلەش  قۇللارنىڭلا ھوزۇرى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالغان بولسا ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شادلىقلىرىمۇ بولمىغان بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، باشقا ھوزۇر-ھالاۋەتلەردىنمۇ بەھرلىنىمەن. بىراق، ھەرقانداق بەھرلىنىش تىرىشىپ ئىشلەش ئېلىپ كەلگەن رازىمەنلىك تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ!» دېدى.
#p#
بۇ ۋاقىتتا، سارۇ.نادا بىلەن خادان.گۇرا بابىلون شەھەر سېپىلىنىڭ يېنىغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئۇلار توختىماي ئىلگىرىلەپ مىستىن ياسالغان غايەت زور شەھەر قۇۋىقىدىن ئۆتۈۋاتقاندا شەھەر سېپىلىدىكى مۇھاپىزەتچى لەشكەرلەر قىياپىتىنى رۇسلاپ دىققەتتە تۇرۇشتى. شۇ دەقىقىلەردە ئۇلار شەرەپ بىلەن بابىلوندىكى داڭلىق شەخىسكە ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتقاندەك قىلاتتى. سارۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، پەخىرلەنگەن ھالدا ھەيۋەتلىك سودا كارۋىنىنى باشلاپ شەھەرگە كىرىپ كەتتى.»
خادان.گۇرا سارۇ.ناداغا ئاستاغىنە: «ئىزچىل ئاتامدەك داڭلىق شەخس بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم. ئىلگىرى ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەي يۈرۈپتىمەن. ئەمما، بۈگۈن ماڭا ئېيتىپ بەردىڭىز. دادامنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇۋامغا تېخىمۇ قايىل بولدۇم. مەنمۇ بوۋامنى ئۆلگە قىلىپ ئۇنىڭغا ئوخشاش داڭلىق شەخىسكە ئايلىنىمەن. ماڭا بوۋامنىڭ بېيىش مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىپ بەردىڭىز، بۇ شەپقىتىڭىزگە ئۆمۈر بويى جاۋاب قايتۇرۇپ بولالماسلىقىم مۇمكىن. بۈگۈندىن باشلاپ، مېنىڭ ھاياتىم خۇددى بوۋامغا ئوخشاش جاپالىق ئىشلەش بىلەن ئۆتىدۇ. ئىشنى كىچىكتىن باشلايمەن. بۇ سالاھىيىتىمنى مەرۋايىتلارنى تاقىغىنىمدىن، رەڭدار ئېسىل كىيىملەرنى كىيگىنىمدىنمۇ بەكرەك ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.» دېدى.
«خادان.گۇرا سۆزلىگەچ قولىقىدىكى چاكىنا ھالقا، بارماقلىرىدىكى قىممەت باھالىق ئۈزۈكلەرنى ئېلىۋەتتى. ئاندىن ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ بىر قەدەم كەينىگە چىكىندى ۋە چەكسىز ھۆرمەت بىلەن، كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان سودا كارۋىنىنىڭ سەركىسى سارۇ.ناداغا ئەگىشىپ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.»
«كېيىنكى ئەھۋاللارنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، بۇ نادان، ھورۇن ياش بوۋىسىدىن قالغان مۇۋەپپەقىيەت مەخپىيىتىگە ئاساسەن، تېزلا كىشىلىك تورمۇش كۆرىشىنى باشلىۋەتتى. ئۇ بوۋىسى ئاراد.گۇرانىڭ ئېسىل پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، ئۇلاردىن قېلىشمىغۇدەك بايلىق ياراتتى.
------------------------------------
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى چېنىقىش (تور ئىسمى) ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە رۇخسەت بېرىشى بىلەن قايتا ئىملا تۈزۈتۈلۈپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئېلان قىلىندى!
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
كىتابنىڭ داۋامى ھەر كۈنى بىر تېما شەكلىدە يوللىنىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى