ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قايسى ئەھۋاللاردا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋەتسە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك؟

قايسى ئەھۋاللاردا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋەتسە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 429 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قايسى ئەھۋاللاردا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋەتسە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك؟

 

جاۋاب: ئەگەر ئەمگەكچىنىڭ سۇبيېكتىپلىق خاتالىقى سەۋەبلىك بولماي، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەبى بىلەن، ياكى ئۈچىنچى تەرەپ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان تاسادىپىي ئەھۋال سەۋەبلىك، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن چوقۇم ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش كېرەك دەپ قارىسا، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن يازما شەكىلدە ئەمگەكچىنىڭ  ئۆزىگە ئۇقتۇرۇش قىلغان ياكى ئەمگەكچىگە 1 ئايلىق مائاشنى ئارتۇق بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

 

«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 40-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىگە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك:

 

1. ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ قېلىپ ياكى خىزمەتتىن باشقا سەۋەب بىلەن يارىلىنىپ، بەلگىلەنگەن داۋالىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىدىكى خىزمىتىنى قىلالمىسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن باشقىدىن ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنالمىسا؛


2. ئەمگەكچى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، تەربىيەلىگەن ياكى خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا؛


3. ئەمگەك توختامى تۈزگەن ۋاقىتتىكى ئوبيېكتىپ ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولماي قېلىپ، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىشتە بىرلىككە كېلەلمىگەن بولسا.
 

Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى