ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
باشقۇرۇششۇناسلىق - دىكى يازمىلار
  • مايۈننىڭ ئىستىپا بېرىش ئالدىدا يازغان خېتى، سىزگىمۇ ئىبرەت بولسۇن

    ۋاقتى: 2016-01-29 ئاۋاتلىقى: 1380 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    مايۈننىڭ ئىستىپا بېرىش ئالدىدا يازغان خېتى، سىزگىمۇ ئىبرەت بولسۇن


    مايۈن بۇ بىر پارچە خەتنى ئىگىلىك تىكلەش ۋە خىزمەت ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ھەر بىرەيلەنگەن سۇندى:
    1. 2001-يىلى بىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن ھازىرغىچە ئەپسۇسلىنىمەن. مەن بىلەن بىللە تىرىشىپ، جاپالىق كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەم بىللە ئىگىلىك تىكلىگەن 18 نەپەر كەسىپدىشىمنى گۇرۇپپا باشلىقلىق ئورنىغا قويۇپ، سىرتتىن بىر قانچە خادىم قوبۇل قىلىپ بۆلۈم باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدىم. 10 يىلى ۋاقىت ئۆتتى، ئىلگىرى مەن ئىشەنمىگەن ئادەملەر ھازىرغىچە يېنىمدا ھەمراھ بولۇپ، ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خادىملار ئاللىبۇرۇن بۇ كوللېكتىپتىن ئايرىلدى.


    شۇنى ھېس قىلدىمكى: ئىقتىدار پوزىتسىيىدىن مۇھىم، ھەتتا تاللاشتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.<...
  • ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئالتە چوڭ مۇھىم ئامىل

    ۋاقتى: 2016-01-07 ئاۋاتلىقى: 1436 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئالتە چوڭ مۇھىم ئامىل
    بىرىنچى، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش بۇ، باشقىلارنىڭ ماركىسى، تىجارەت مەخپىيىتى، بايلىقىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە تىجارەت قىلىش، ھاۋالە ئارقىلىق ئىتتىپاقداش بولۇش، ئالاھىدە ئىجازەتلىك ئىتتىپاقداش بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، تاۋارنىڭ تۈرى، دۇكانغا بولغان تەلىپى، بىرلىشىش شەكلى ۋە تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ سېلىنىدىغان مەبلەغمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنداق ئۇسۇلدا ئىگىلىك تىكلەش مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي ئاساسى بارلارغا ماس كېلىدۇ، باش شىركەت ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۈچۈن مەزكۇر جايغا كېلىپ خېرىدار ئېقىمى، خېرىدارلارنىڭ ئىستېمال قاتلىمى، خېرىدارلارنىڭ مايىللىقى قاتارلىقلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىدۇ.
    ئىككىنچى، كوللېكتىپ ئىگىلىك تىكلەش بۇنداق ئىگىلىك تىكلەش ئەن...
  • ئوقۇش تارىخى تۆۋەن كىشلەر نېمە ئۈچۈن ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ

    ۋاقتى: 2016-01-05 ئاۋاتلىقى: 2430 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئوقۇش تارىخى تۆۋەن كىشلەر نېمە ئۈچۈن ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ
    ئوقۇش تارىخى تۆۋەن كىشلەر ئىگىلىك تىكلىسە نېمە ئۈچۈن ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ؟
    ئىقتىدار بىلەن ئوقۇش تارىخى بىر ئۇقۇم ئەمەس، كارخانىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كارخانا خوجايىننىڭ ئوقۇش تارىخىغا ئەمەس ئىقتىدارىغا تايىنىدۇ. ئۇنداقتا، ئوقۇش تارىخى تۆۋەن كىشلەر نېمە ئۈچۈن ئاسانلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسى باشقىلارنىڭكىدىن كۈچلۈك، جاپاغا چىداپ تىرىشىدۇ، قىيىنچىلىققا ئاسان باش ئەگمەيدۇ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بازار كۆزىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ.
    بەزىلەر ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى، ئوقۇش تارىخى يۇقىرى كىشلەر ئىقتىدارلىق، كەلگۈسى پارلاق دەپ قارايدۇ. رىقابەتكە تولغان ھازىرقى بۇ دەۋىردە بۇ خىل قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، ئۇنداقتا ئوقۇش تارىخى تۆۋەن كىشلەر يەنە نېمە ئۈچۈن ...
  • ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ

    ۋاقتى: 2015-12-22 ئاۋاتلىقى: 813 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ


    ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ CIPD ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻫﻪﺭ 10 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 6 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.


    ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، %70 ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ 183 ﻫﻪﺳﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1998-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼ 47 ﻫﻪﺳﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. C...
  • كارخانا ۋە ئىقتىساد ھەققىدە ھېكمەتلەر

    ۋاقتى: 2015-12-19 ئاۋاتلىقى: 673 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    كارخانا ۋە ئىقتىساد ھەققىدە ھېكمەتلەر


    كارخانا يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىرى پەقەت ئۈزلۈكسىز تەربىيە ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ۋە كارخنىسىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايدۇ
    ئىقتىساد ـــ ئۇ جانلىق مائارىپتۇر. چۈنكى، ئىقتىساد ھەممەيلەننى ياشاشنىڭ مۈشكۈللۈكى ۋە ئىقتىسادنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ
    كارخانا ــــ ئۇ زامانىۋى مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان بىر كۆزنەك. چۈنكى، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە روھىي ھالىتىدە گەۋدىلىك ئۆزگىرىش ياسايدۇ
    كارخانىچىلار جاھان يېڭىلىقلىرىدىن ئەڭ ئالدىدا خەۋەردار بولغۇچىلاردۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزىنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشى زۆرۈر
    پۇل تېپىپ بىلىم ئېلىش، بىلىم ئارقىلىق پۇل تېپىش، بىلىمگە، ئەقىل-پاراسەتكە مەبلەغ سېلىش ئەڭ ياخشى تىجارەت دەست...

  • دۇنياۋى يەتتە باينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە ئېيتقانلىرى

    ۋاقتى: 2015-12-10 ئاۋاتلىقى: 1572 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    دۇنياۋى يەتتە باينىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە ئېيتقانلىرى توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
    ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن بايلار ناۋادا سىز قۇلاق سېلىشنى خالىسىڭىزلا ئۆز تەجرىبىلىرىدىن سىزنىمۇ خەۋەردار قىلىشنى خالايدۇ ھەمدە سىز ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسىڭىزلا، ئىشلىرىڭىز ھەم ھاياتىڭىزغا زور ياردىمى بولىدۇ.
    1. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ بەرپاچىسى بىل گايتس
    بىل گايتس مۇنداق دەيدۇ: «بىلەمسىزكىن؟ 1975-يىلى بىز مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرغاندا، ھەربىر ئائىلىدە، ھەربىر ئىشخانىدا بىردىن كومپيۇتېر بولىدۇ، دېگەنىدۇق. ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدا بىز ئۆزىمىزمۇ بۇنچىۋالا چوڭ شىركەتكە ئايلىنىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق. ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىم مەن ئاھ، تەڭرىم...
  • ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس، دەپ ئىچىڭىزدە ئوقۇپ تۇرۇڭ

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1311 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2

    بېشى «ئوي – پىكرىڭىزدە بۇرۇلۇش بولسا، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ ياخشى» بۇ يەردە!

     

     ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس، دەپ ئىچىڭىزدە ئوقۇپ تۇرۇڭ

     

    ھەر كۈنى ئۆز – ئۆزىڭىزگە: «ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس» دەپ ئوقۇپ تۇرۇڭ. بۇ سۆز مەلۇم دەرىجىدە مۇشۇ كىتابنىڭ تۇرمۇشتىكى ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارنى چوڭايتىۋەتمەڭ، كىچىك ئىشلارغا كاللىڭىزنى ئۇپراتماڭ، دېگەن مۇددىئاسىنى مەركەزلىك ئىپادىلەيدۇ. بىز تۇرمۇشنى يۈك قىلىۋالماي، ئۇنىڭ پەيزىنى سۈرىشىمىز كېرەك.


    ئەتراپىمىزدا ئۆز كەسپىدە ناھايىتى مۇۋپپەقىيەت قازانغان، لېكىن ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ھەمىشە ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلار دائىم...

  • تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى

    ۋاقتى: 2015-09-16 ئاۋاتلىقى: 1105 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ  تەرەققىيات يۈزلىنىشى» بۇ يەردە!

     

     تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى

     

    تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە


    تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆز-قارىشى بىردەك ئەمەس. Croom  قاتارلىقلار SCM نىڭ بارلىققا كېلىشى ئېنىق ئەمەس، ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتىن تەرەققىي قىلغان دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ بىرى SCM پروفېسسور  Forrester ئوتتۇرىغا قويغان كەسىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىلمى ئاساسىغا قۇرۇلۇپ، ئەمەلىي...

  • كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى

    ۋاقتى: 2015-09-14 ئاۋاتلىقى: 680 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
     كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى
    كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى دېگىنىمىز كارخانا مەدەنىيىتى سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى ئامىللار ئوتتۇرىسىدىكى ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى، مۇھىملىق دەرىجىسى ۋە بىرىكىش شەكلى، كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلمىسى كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تۈزۈلۈشى، شەكىللىنىشى، قاتلاملىرى، مەزمۇنى، تۈرى قاتارلىقلارنىڭ نىسبەت مۇناسىۋىتى ۋە ئورۇن مۇناسىۋىتى. بۇ ھەرقايسى ئامىللار قانداق بىرىكىپ، كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇمىي شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ دېگەندىن دېرەك بېرىدۇ. يەنى كارخانا ماددىي مەدەنىيىتى، كارخانا يۈرۈش-تۇرۇش مەدەنىيىتى، كارخانا تۈزۈم مەدەنىيىتى، كارخانا مەنىۋىي مەدەنىيىتى قاتارلىقلار.
    كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچ چوڭ قۇرۇلما ئامىلى
    كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچ چوڭ قۇرۇلما ئامىلى: كارخانا ماددىي مەدەنىيەت ئامىلى، كارخانا تۈزۈم مەدەنىيەت ئامىلى، كارخانا م...
  • ئالدىراپ زېرىكىپ كەتمەڭ

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 518 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

      بېشى «قالايمىقانچىلىقنى چاقچاق دەپ بىلىڭ» بۇ يەردە!

     

     ئالدىراپ زېرىكىپ كەتمەڭ

     

    بىر كۈنى بىر كىتابخانىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتسام، بىرەيلەن: «ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى بىر – ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن سۈرەتلەپ بېرەلەمسىز؟» دېگەن قىزىقارلىق مەسىلىنى سوراپ قالدى. مەن سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: «ئاسانلا رايى يېنىپ كېتىش» دەپ جاۋاب بەرسەم، ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۇلار مېنىڭ گەپنىڭ پوسكاللىسىنى، يەنى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تامامەن دېگۈدەك بارلىق ئىشلاردىن رايى يېنىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلىشكەن ئىدى. ئاسانلىقچە رايى يېنىپ كەتمەسلىك خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان چوڭ ئىش. تۇرمۇشتىن ...

  • خىزمەتتىكى ۋاقىتتا بىر تاغ، خىزمەتتىن ئايرىلغاندا بىر ئابىدە بولۇش

    ۋاقتى: 2015-09-12 ئاۋاتلىقى: 957 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    مەن بۇرۇن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىلگىرىكى شىركىتىنى ئۇنداق ناچار، بۇنداق ناچار دەپ قاقشىغىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بەزىلىرى خوجايىننىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىدە مەسىلە بار دېسە، بەزىلىرى شىركەت تۈزۈمىدە مەسىلە بار دەيتتى، يەنە بەزىلىرى بولسا مۇئاشى ئاز دەيتتى. مانا بۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ شىركەتتىن ئايرىلىشىنىڭ سەۋەبى، توغرىراق قىلىپ ئېيتقاندا باھانىسى!  ئۇلار ئىلگىرىكى شىركەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ناھايىتى مەردانىلىك بىلەن باشقا شىركەتكە خىزمەت ئىزدىگىلى بارىدۇ، تېخى بەزىلەر يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىلا بۇرۇنقى شىركەتنىڭ ھەر خىل ئادىلسىزلىقلىرىنى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ. مەن 2011-يىلىدىن باشلاپ شىركەت دىرېكتورلۇقىغا ئۆسكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ يۈز-تۇرانە ئىمتىھانغا تەكلىپ قىلغان ئادەم نەچچە مىڭغا يەتتى، مەن ئۆزۈمنى بەك تەجرىبىلىك دېيەلمەيمەن، ئەمما ئەڭ بولمىغاندىمۇ بى...
  • قابىل ئادەم نېمە ئۈچۈن كېتىپ قالىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-09-10 ئاۋاتلىقى: 821 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3

    ئەتراپىڭىزغا نەزەر سالسىڭىز، بەلكىم شۇنى بايقىشىڭىز مۇمكىن: شىركەتتىن ئايرىلىپ كېتىۋاتقان كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەر بولماستىن بەلكى ھەمىشە قابىلىيەتلىك كىشىلەردۇر. بىز ئادەتتە بۇنداق ئىشلار ئاساسلىق  دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ دەپ ئويلايمىز، لېكىن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلاردا بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمايمىز. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، كارخانا تەشكىلاتى، قابىل كىشى ئۆزى ۋە سىرتقى مۇھىتنىڭ ھەممىسىدە مەسىلە كۆرۈلگەن بولىدۇ.


    خوجايىن: سىز قابىلىيەتلىك كىشىلەرگە توغرا ھۆكۈم بىرەلەمسىز؟ قابىلىيەتلىك كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىزنىڭ باشلىقلىرىمىز د...
  • كارخانا مۇلازىمىتى - خادىملار ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسى

    ۋاقتى: 2015-09-09 ئاۋاتلىقى: 561 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     

    مەن ئالدىنقى قىتىمقى تىمامدا مىللى كارخانىلىرىمىزدا ساقلىنىۋاتقان، ھەممەيلەننىڭ ھەل قىلغۇسى بار، ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەزىلىرىنى ھەل قىلىپ بەزىلىرىنى ھەل قىلىپ بولالمايۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمەن دەپ ئالدى بىلەن كارخانىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم
  • چىقىپ بولغىلى بولمايدىغان ئۆسۈش شوتىسى

    ۋاقتى: 2015-09-08 ئاۋاتلىقى: 562 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3
    بېشى «پېتېر پىرىنسىپىنىڭ تەرەققىياتى» بۇ يەردە!
    چىقىپ بولغىلى بولمايدىغان ئۆسۈش شوتىسى دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگانلارنىڭ تۈزۈمىدە، دائىم تۆۋەندىكىلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۆسۈش، ئىستىپا بېرىش، پىنسىيەگە چىقىش، ئىشتىن بوشىتىلىش ۋە ۋاپات بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن پەيدا بولغان بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. كىشىلەر ئىزچىل ھالدا دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگانلاردىكى ئۆسۈشنى «غەلىبە شوتىسىغا يامىشىش» ياكى «ھوقۇق شوتىسىغا چىقىش» دەپ قارايدۇ.
    دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگان ئادەتتە شوتىغا ئوخشىتىلىدۇ، چۈنكى شوتا بىلەن دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگاننىڭ ھەقىقەتەن بەزى ئوخشاش ئالاھىدىلىكلىرى بار، مەسىلەن، شوتا كىشىلەرنىڭ يۇقىرىغا يامىشىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ...
  • كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى

    ۋاقتى: 2015-09-07 ئاۋاتلىقى: 650 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى» بۇ يەردە!

     

    كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى

     

    تارىخىيلىقى: تارىخىيلىق جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىشلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي بەلگىلىرىدىن بىرى. كارخانا مەلۇم ۋاقىت، ئورۇن شارائىتىدا پەيدا بولىدۇ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ، كارخانىنىڭ ئەكس ئەتتۈرگىنى دەل شۇ ۋاقىتتىكى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتىنىڭ شولىسىدۇر. كارخانا ئۆزى تارىخ يارىتىدىغان ۋاسىتە. ئاۋۋال كارخانا پەيدا بولغانمۇ ياكى مەدەنىيەتمۇ؟ دېگەن سوئال خۇددىي ئاۋۋال تۇخۇم پەيدا بولغانمۇ ياكى توخۇمۇ دېگەنگە ئوخشاشلا سوئال. ئىقتىسادىي ئاساس يۇقىرى قاتلام قۇرۇلۇشىنى بەلگىلەيدۇ، كارخانا باشقۇرۇش ۋە سىياسىي پائال...

  • سىز لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىسىمۇ؟ (1)

    ۋاقتى: 2015-09-04 ئاۋاتلىقى: 832 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3
     قانداق قىلغاندا بىر لاياقەتلىك ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىم بولغىلى بولىدۇ؟
    ئوتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچى خادىملار شىركەتتە يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايدىغان، شىركەتنىڭ تايانچ كۈچى، شىركەت خادىملىرىنى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان، شىركەتتە ھەم باشقۇرغۇچىلىق ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلىك رولىغا ئىگىدۇر. 
    ئوتتۇرا قاتلام خادىملاردا مەلۇم سەۋىيەدىكى كەسپىي باشقۇرۇش ئىقتىدار بولغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە خۇجايىنلىق روھىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. بىراق، كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا قاتلام خادىملارنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئاجىز بولۇشى سەۋەبلىك، پۈتكۈل شىركەتنىڭ باشقۇرۇش سۈپىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە: بىرىنچىدىن، ئاسانلا تۆۋەنگە ئ...
  • ئادەتتىكى كىشىلەر

    ۋاقتى: 2015-09-03 ئاۋاتلىقى: 440 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «تۈپ مەنبەسى» بۇ يەردە!

     

     4. ئادەتتىكى كىشىلەر


    مەن جۇڭگولۇقلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن چەتئەللىكلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئىنتايىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. جۇڭگولۇقلار كىشىلەرنى چوڭ غايە تىكلەپ، جاپالارغا بەرداشلىق بېرىپ، بىر كۈنلەردە باي-ئېسىلزادە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. چەتئەلدە بولسا كىشىلەرنى باتۇرلۇق بىلەن رېئاللىققا، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ جاپالىق شارائىتىغا يۈزلىنىشكە ئۈندەيدۇ، گەرچە نەتىجە يەنىلا ئوخشاش باي-ئېسىلزادە بولۇش بولسىمۇ لېكىن باشلىنىش نۇقتىسى ئوخشىمايدۇ، نىسبەتەن ئېيتقاندا كېيىنكىسى مەشغۇلاتتا تېخىمۇ رېئاللىققا ئۇيغۇن، ئالدىنقىسى بولسا 999 مەغلۇبىيەتچى بىلەن بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنى تو...

  • ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسىنىڭ سەككىز خىل تەرەققىياتى

    ۋاقتى: 2015-09-01 ئاۋاتلىقى: 875 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3
    ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسى دېگەن نېمە؟ بۇ يەردىن كۆرۈڭ!

    ياغاچ چېلەك نەزەرىيەسىنىڭ سەككىز خىل تەرەققىياتى
    بىرىنچى تەرەققىيات: بىر ياغاچ چېلەكنىڭ سىغىمچانلىقى يەنە بۇ چېلەكنىڭ دىيامېتىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
    ھەر بىر شىركەتنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان «ياغاچ چېلەك»تۇر. شۇڭا، «ياغاچ چېلەك»نىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. دىيامېتىرى چوڭ بولغان چېلەكنىڭ سىغىمچانلىقى تەبىئىي ھالدا چوڭ بولىدۇ. يەنى، بىر شىركەت بازارغا كىرىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇنىڭ تۇنجى قەدىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئاساسىي پۇختا، بەزىلىرىنىڭ ئاساسىي ئاجىز، بەزىلىرىنىڭ بايلىق دائىرىسى كەڭ، بەزىلىرىنىڭ بايلىق دائ...
  • «ئىچىم تىتىلدايدىغان بولۇپ قالدىم» دەپ قاقشىماڭ

    ۋاقتى: 2015-08-29 ئاۋاتلىقى: 584 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     بېشى «تەن ساقلىق-زور بايلىق» بۇ يەردە!

     

    «ئىچىم تىتىلدايدىغان بولۇپ قالدىم» دەپ قاقشىماڭ

     

    بايا مەن ئۆزۈمنى مىسالغا ئېلىپ تونۇشتۇردۇم. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلار مەن بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بېسىم ھېس قىلىشىدۇ. بەزىلەر: «ئىشقا چىقىدىغانلار ئىچىدە بېسىم ھېس قىلمايدىغانلار يوق» دېيشىدۇ. بۇنداق دېيىشمۇ ئەمەلىيەتتە ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمايدۇ. بېسىم ئاستىدا تۇرۇپمۇ سەۋەبىنى بىلەلمەيۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بېسىم ئاستىدا پەيدا بولىدىغان بىر قانچە خىل كېسەللىك ئالامىتىنى مىسال كەلتۈردۈم، ئۆزىڭىز تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ!


    [بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى]
    1. ئىشقا با...

  • ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش

    ۋاقتى: 2015-08-28 ئاۋاتلىقى: 553 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش
    ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش(Talent Management)
    ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش دېگەن نېمە؟
    ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىچكى ئامىل ۋە سىرتقى ئامىللارغا پىلانلاش، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ئېلىپ بارىدىغان بىر قاتار پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىكى ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش بولسا مۆلچەرلەش، پىلانلاش، تاللاش، ئىشلىتىش، باھالاش، مۇكاپات- جازا، يۆتكىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تار مەنىدىكى ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پەقەت باھالاش، مۇكاپات–جازا، يۆتكىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشنىڭ مەقسىتى بولسا ياخشى بولغان سىرتقى مۇھىت شارائىتى يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئىچكى ئامىلىنى ئويغىتىش، ئەڭ يۇقىرى چەككە ئىختىساسلىقلارنى رولىنى جارى ق...
  • خىزمەت ئالمىشىش ۋە تەجرىبە

    ۋاقتى: 2015-08-23 ئاۋاتلىقى: 545 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     5. خىزمەت ئالمىشىش ۋە تەجرىبە


    ئەسكەرتىشقا تېگىشلىكى، خىزمەت بولسا ئەقىل تەلەپ قىلىدىغان ئىش، شۇڭلاشقا خىزمەتتە خاسلىقنى نامايان قىلىمەن دېمەڭ، مۇنبەرلەردە بەلكىم باشقىلار سىزنى خاسلىقى باركەن دەپ ماختىشى مۇمكىن، لېكىن گاز شىركىتىدىكىلەر سىزنى خاسلىقى باركەن دەپ سىزنىڭ ھېساباتىڭىزنى كۆتۈرۈۋەتمەيدۇ. سىز ئىنتايىن قالتىسلىق بىلەن سىزنىڭ خوجايىنىڭىزنى ئىشتىن بوشىتىۋەتسىڭىز ياكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل HR نىڭ زىتىغا تېگىۋالسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ھېساباتنى تۆلەيسىز، پەقەت سىزنىڭ پۇل تاپىدىغان ۋاقتىڭىز تېخىمۇ ئاز بولىدۇ، سىزدىن باشقا ھېچكىم زىيان تارتمايدۇ.


    مەن خىزمەت ئالمىشىشقا قارشى تۇرمايمەن، لېكىن خىزمەت ئالمىشىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس، شۇنداقلار ئۈزلۈكسىز خىزمەت ئالمىشىش كىشىگە ئىشەنچسىز، ساداقىتى يوق تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ، ھەم خاتىرجەم خىزمەت...

  • ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئاڭدا ۋە پەمدە يۈكسىلەيلى

    ۋاقتى: 2015-08-22 ئاۋاتلىقى: 688 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3

    بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سودا - تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىش تارىخىمىز ئۇزاق ، سودىگەرچىلىك بىلەن داڭقى چىققان ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر ، ئىلىلىق سودىگەرلەر ، قەشقەرلىق سودىگەرلەر بار . يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 10 مېليون ھەتتا 100 مېليونلاپ سەرمايلىك بولۇپ قالغان ئۇيغۇر بايلرىمۇ پەيدا بولماقتا .

  • تەقدىر – قىسمەتلىرىڭىزدىن ئاغرىنماڭ

    ۋاقتى: 2015-08-22 ئاۋاتلىقى: 535 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس، دەپ ئىچىڭىزدە ئوقۇپ تۇرۇڭ» بۇ يەردە!

     

     تەقدىر – قىسمەتلىرىڭىزدىن ئاغرىنماڭ

     

    مۇنداق بىر ھېكايە بار، ئۇ ئېھتىمال بىزنى تەسىرلەندۈرۈشى مۇمكىن. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تەقدىرىدىكى ئەگرى – توقايلىقلارغا زادىلا بەرداشلىق بېرەلمەي قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دۇئا قىلىپ، تەڭرىدىن ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ قويۇشىنى تىلەپتۇ. تەڭرى ئۇنىڭغا ۋەدە بېرىپ: «ئەگەر سەن دۇنيادىن ئۆز تەقدىر – قىسمەتلىرىدىن رازى ئادەمدىن بىرنى تاپالىساڭ، كاج تەقدىرىڭ شۇ ھامان ئاخىرلىشىدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم ئىزدەش سەپىرىنى باشلاپتۇ.


    بىر كۈنى ئۇ خان ئورىدىسىغا كېلىپ، ئالىيجاناپ تە...

  • مەمۇرلارنىڭ گاداي بولۇپ كەتسىمۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرمەسلىكىدىكى ھەقىقىي سەۋەب زادى نېمە؟

    ۋاقتى: 2015-08-21 ئاۋاتلىقى: 688 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     مەمۇرلارنىڭ گاداي بولۇپ كەتسىمۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرمەسلىكىدىكى ھەقىقىي سەۋەب زادى نېمە؟



    «جۇڭگو ئاخبارات تورى»27-يانۋار تاراتقۇلار: جۇڭگودا بەلكىم يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەمۇرلار خىزمىتىنى تاشلاپ سودا قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىنى ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى خەۋەر قىلدى: بەزى مەمۇرلار « خىزمەت ئورنىنىڭ ئازراقمۇ پاراۋانلىقىنىڭ يوقلىقىنى، ھەتتا چاغانلىق تاماقنىڭمۇ يوقلىقىنى ئويلاپ باقمىغان»، شۇ سەۋەبتىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىش ئويىدا بولىۋاتىدۇ، شۇنداقلا دۆلەتلىك مەمۇرى ئىنستىتۇتنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يۈكەي: بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: مەمۇرلار توپىنىڭ كىرىمى بىر قەدەر كۆپ، ئىلگىرى باشقۇرۇش ئازادە بولغانلىقتىن، بارلىق مەسىلە گەۋدىلەنمىگەنىدى»، «مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىمىسى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ب...

  • ئىگىلىك باشقۇرۇشنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقى

    ۋاقتى: 2015-08-20 ئاۋاتلىقى: 700 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بېشى «نامراتلارنىڭ چۈشى ۋە رىئاللىقتىكى ئىسەنكىرىشى» بۇ يەردە!
    ئەقىل-پاراسەت جەۋھەرلەنمىسى ھەرقانداق بىر باي، گۈزەل شەھەردە ئىككى خىل ئادەم بولىدۇ، ئۇلار بايلار ۋە نامراتلاردۇر، نامراتلار رىئاللىقا يۈزلىنىپ، پەقەت كۈن بۇيى گۈزەل چۈشلەرنى كۆرۈپ، ھامان بىر كۈنى باي بۇلۇشنى خىيال قىلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەن نېمە ئۈچۈن نامرات؟ دېگەن سوئال ئۇلارنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. قانداق قىلغاندا چۈشنى رىئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
    ئىگىلىك باشقۇرۇشنى بىلمىسە، ئىقتىدارى بولغان بىلەنمۇ يەنىلا نامراتچىلىقتىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ بەنشىر: «شۇنداق، مېنىڭمۇ تۇنجى قېتىم ئويلاپ بېقىشىم، شۇنچە كۆپ يىللاردىن...
  • پېتېر پىرىنسىپىنىڭ تەرەققىياتى

    ۋاقتى: 2015-08-19 ئاۋاتلىقى: 705 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    نوسگۇس پاركىنسىن (C.N.Parkinson) بىر داڭلىق ئىجتىمائىي نەزىرىيەچى، ئۇ ئىلگىرى دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگانلاردىكى ئارتۇقچە شىتات يىغىلىپ قالىدىغان ھادىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ قىزىقارلىق ھالدا بايان قىلغان. ئۇ ئورگاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىق بۆلۈش ۋە بويسۇندۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، قەستەن ئورگاننىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ دەپ پەرەز قىلدى، بۇ ھادىسە دەل پاركىنسىن ئېيتقان «يۇقىرىغا ئۆرلەش پىرامىداسى»دۇر. پېتېرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل نەزىرىيەلىك لايىھەنىڭ يېتەرسىزلىكى بولۇپ، ئۇ خادىملارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقىنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغانلىقى دەپ چۈشەندۈرىدۇ (گەرچە بىھۇدە ئاۋارە بولسىمۇ). پېتېر پىرىنسىپى كۆرسەتكەندەك، نۇرغۇن ياكى كۆپ قىسىم مەسئۇل خادى...
  • كۆڭلىڭىز بالىلارنىڭكىدەك بولسۇن

    ۋاقتى: 2015-08-17 ئاۋاتلىقى: 791 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 3

    بېشى « «ئالدىراشچىلىقتا ئۆلەي دەپ قالدىم» دېگەن گەپنى ھەرگىز قىلماڭ» بۇ يەردە!

     

     كۆڭلىڭىز بالىلارنىڭكىدەك بولسۇن

     

    خۇشال – خۇرام كىشىلەر تۈنۈگۈن، ئۆتكەن ئايدا، بۇلتۇر قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلماسلىقنى بىلىدۇ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ئەتە، كېلەر يىلى بولىدىغان ئىشلار ئۈچۈنمۇ غەم قىلمايدۇ، پەقەت ھازىرقى ئىشتىنلا ھەقىقىي خۇشالىق ھېس قىلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماڭ، ئۆتمۈشتىكى ئىشلاردىن تەجرىبە ئۆگەنمەڭ دېگەنلىك ئەمەس، كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزمەڭ دېگەنلىك تېخىمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە، ئەڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيە بۈگۈندىن، ھازى...

  • كارخانا باشقۇرغۇچى ۋە ياكى ئىشچى-خىزمەتچى بىلىشكە تېگىشلىك 45 ئېغىز سۆز

    ۋاقتى: 2015-08-16 ئاۋاتلىقى: 674 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    كارخانا باشقۇرغۇچى ۋە ياكى ئىشچى-خىزمەتچى بىلىشكە تېگىشلىك 45 ئېغىز سۆز


    تۈزۈم رەھىمسىز، باشقۇرۇش ھېسسىياتسىز، ئىجرا قىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر.
    1. باشقۇرۇش كۆزىتىشتىن، ئىقتىدار مەشقتىن، ئامال-چارە ئويلاشتىن، يوشۇرۇن كۈچ زورلاشتىن كېلىدۇ. 2. ياخشى قىلالمىغانلىق پەقەتلا شۇ ياخشى قىلالمىغانلىقتۇر، ھېچقانداق باھانىنىڭ پايدىسى يوق. خالىغانچە تاپساڭ باھانە، يوقتۇر ساڭا نەتىجە.  3. ئامال-چارە يوق ئەمەس، پەقەتلا كۆڭۈل قويۇپ ئويلاشمىغانلىقتۇر. كۆڭۈل قويۇپ ئويلانغاندا ھامان بىر پەيتتە ئامال-چارە تېپىلىدۇ. 4. نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلىق شۇ ياخشى بولمىغانلىقتۇر. 5. ئېرىشىش ئۇ بىر ئىقتىدار، ۋاز كېچىش بولسا پوزىتسىيە. 6. باشقىلارنى راۋۇرۇس ماختاڭ، باشقىلارنى ماخ...
  • كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈم ئىسلاھاتى

    ۋاقتى: 2015-08-14 ئاۋاتلىقى: 617 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى» بۇ يەردە!

     

    كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈم ئىسلاھاتى

     

    1987-يىلى 10-ئايدا،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئون ئۈچىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، كادىرلار تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىش، ئۆتمۈشتىكى مەركەزلىك بىر تۇتاش باشقۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلمىي تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قۇرۇش؛ پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ بىر خىل ھالەتتە بارلىق خادىمنى باشقۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈش؛ دېموكراتىك تۈزۈم كەمچىل بولغان ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، كادىرلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلار...

  • كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تۆت خىل تۈرگە بۆلۈنۈشى

    ۋاقتى: 2015-08-12 ئاۋاتلىقى: 459 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ تۆت خىل تۈرگە بۆلۈنۈشى
    كارخانا ۋەزىپىسى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تەررېنس دىل (TerrenceE.Deal) ۋە ئاللان كەننېدى (AllanKennedy) كارخانا مەدەنىيىتىنى تۆت خىل تۈرگە بۆلگەن: قابىللار مەدەنىيىتى؛ جان تىكىپ ئىشلەيدىغان، پۇخادىن چىققۇچە ئوينايدىغان مەدەنىيەت؛ توساقلارغا ھۇجۇم قىلىش مەدەنىيىتى؛ باسقۇچ مەدەنىيىتى.
    1. قەيسەر ئادەم تۈرىدىكى مەدەنىيەت. بۇ خىل مەدەنىيەت ئىچكى قىسىمدىكى رىقابەت ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى رىغبەتلەندۈرۈپ، تەۋەككۈل قىلىشقا ئۈندەيدۇ. رىقابەت بىرقەدەر كۈچلۈك، مەھسۇلاتنىڭ تېز يېڭىلىنىشى بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى.
    2. تىرىشىپ ئىشلەش ۋە بەھرلىنىش تۈرىدىكى مەدەنىيەت. بۇ خىل مەدەنىيەت خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، خىزمەتچىلەرنى خېيىم-خەتىرى بىرقەدەر كىچىك بولغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ....
  • 21 كۈن ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى

    ۋاقتى: 2015-08-10 ئاۋاتلىقى: 644 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «21 كۈن ھادىسىسى دېگەن نېمە؟» بۇ يەردە!

     

    21 كۈن ھادىسىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى


    نېمە ئۈچۈن 21 كۈن ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟ ئۇنىڭغا تەسىر قىلىدىغان ئامىل قايسىلار؟ تەھلىل قىلىشقا ئاساسلانغاندا، 21 كۈن ھادىسىسىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى تۆۋەندىكىچە:


    بىرسى كونا ئادەت،كونا ئىدىيە يېڭى ئادەت،يېڭى ئىدىيىنىڭ ھاسىل بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.ئىككى خىل ئادەت ،ئىدىيە شەكلى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە ئوخشاشلىققا ئىگە،بىراق ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم ئامىللار قارمۇ قارشى بولغان مەزمۇننى تەلەپ قىلغاچقا،توسقۇنلۇق ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن ئوقۇتۇش كىتابى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ...

  • سىزنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان 16 كىچىك ھەرىكەت

    ۋاقتى: 2015-08-09 ئاۋاتلىقى: 607 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 12
    سىزنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان 16 كىچىك ھەرىكەت
    گەرچە بىز پىسخولوگ بولمىساقمۇ، بەزى ماھارەتلەرنى ئۆگىنىۋالساقلا باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالالايمىز.
    1. بىر تەرەپتىن كۈلۈپ بىر تەرەپتىن سۆزلەش: بۇ خىل كىشىلەر سىز بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۆزىنى ئىنتايىن ئازادە ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مىجەزى ئوچۇق بولۇپ، تۇرمۇشقا بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالمايدۇ، «قانائەت قىلغۇچى خۇشاللىق تاپىدۇ.» غا بەك دىققەت قىلىدۇ، ئادەمگەرچىلىكى كۈچلۈك بولىدۇ. ھېسسىياتى ساپ بولىدۇ، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنى قەدىرلەيدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپ، تىنچ تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.
    2. قولىدىن قاس چىقىرىش: بۇ خىل كىشىلەر ئۆزىنىڭ قولىدىن قاس چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ روھى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇپ، ئىنتايىن مۇڭداشقاق كېلىدۇ، بىر ئىشقا كىرىشىپلا قالىدۇ. خىزمەت ۋە كەسىپتە قۇسۇرچى كېلىدۇ، ئە...
  • تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى

    ۋاقتى: 2015-08-08 ئاۋاتلىقى: 579 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئەنئەنىۋى مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇشقا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. بۇ ئارتۇقچىلىقلار ئاساسلىقى ئامبار باشقۇرۇش ئۇسۇلى، مال ئوبوروتى، تەننەرخ، ئۇچۇر ئېقىمى، خەتەر، پىلانلاش ۋە تەشكىلى ئاپپاراتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش
    ئامبار باشقۇرۇش ۋە مال ئوبوروتى جەھەتتە: تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتا زەنجىردىكى ھەر قايسى ئەزالار مال ساقلاش مەسىلىنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ مال ساقلاش چىقىمىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ. ئەنئەنىۋى مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇشتا تەسىرى كۈچلۈك سودىگەر مال ساقلاش مەسىلىسىنى ئالدىنقى ياكى كېيىنكى ھالقىدىكى سودىگەرگە ئىتتىرىپ بېرىدۇ.   تەننەرخ جەھەتتە: تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش جەريا...
  • خىزمەت ھاياتىدىكى بەش «ئەقىل-ئىدراك نۇقتىسى»

    ۋاقتى: 2015-08-04 ئاۋاتلىقى: 788 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 18

    مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلى نېمە؟ خىزمەت ئورنىدا ھەممە كىشى مۇۋەپپەقىيەتنى قوغلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ناھايىتى مۇھىم مەسىلە بولۇپ، بىزنىڭ ئەستايىدىل ئويلىشىپ، جاۋاب بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر قېتىم بۇ مەسىلىنى ئويلاشقاندا، ئۆزۈمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ماڭغان ھەر بىر قەدىمىم كۆز ئالدىمدا نامايان بولىدۇ. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ياكى مەغلۇبىيىتىنى ھەقىقىي بەلگىلەيدىغىنى ئىقتىدار، بىلىم ۋە ياكى غايە بولماستىن، بەلكى خىزمەت ئورنىدىكى غەلبىلىك تەربىيەلىنىش، ئەقىل-ئىدراك ۋە توغرا بولغان پوزىتسىيەدە توغرا ئىش قىلىشى بولىدىكەن. خىزمەت ھاياتىمدىكى بۇ تەسىراتلىرىم ئوقۇرمەنلەرنى ئىلھاملاندۇرالىسا ئەجەب ئەمەس.


  • ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسىنى ئانچە زىغىرلاپ كەتمەڭ

    ۋاقتى: 2015-08-03 ئاۋاتلىقى: 511 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالماڭ» بۇ يەردە!

     

     ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسىنى ئانچە زىغىرلاپ كەتمەڭ

     

    ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالداپ پۇشايمانغا قالىدىغان ئىشنى قىلىپ، تېخىمۇ ھەسرەت چېكىش ۋە تەشۋىشلىنىش بەختسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسىنى بەك زىغىرلاپ كەتسىڭىز، دائىم ئۆزىڭىزىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا نومۇر قويىسىز، زېھنىڭىزنى قىلغان – ئەتكەنلىرىڭىزنىڭ زادى قانداق بولغانلىقىنى ياكى قانچىلىك خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى ئويلاشقا ئىشلىتىسىز.


    ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسىنى بەك زىغىرلىشىڭىزدىكى ھەقىقىي سەۋەب، ئۆزىڭىزدىن ناھايىتى ئاز رازى بولىدىغانلىقىڭىزدا. قىلمىش – ئەتمىشلىرىڭىز...

  • ساقلاش

    ۋاقتى: 2015-08-03 ئاۋاتلىقى: 596 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «خىزمەت ئالمىشىش ۋە تەجرىبە» بۇ يەردە!

     

     6. ساقلاش
    بۇ جىلىخور ئادەمنىڭ ئەڭ خۇشى يوق ئىش، ئەسلىدە بۇ تېمىنى دېگۈم يوق ئىدى، چۈنكى نۇرغۇن بەس-مۇنازىرىنى قوزغايدۇ، مېنىڭ بولسا باشقىلار بىلەن بۇ گەپنى تالاشقىم يوق، بىراق كەسپىي ھاياتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى ئۈچۈن، بۇ بىر قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان تېما، يەنىلا يېزىپ باقاي، كۆرگىسى يوقلار قايتىپ چىقساڭلار بولىدۇ.


    ھەر قېتىم قىزىل چىراغنى كېسىپ ئۆتكەندە ماشىنىغا سوقىلىۋەرمەيدۇ، ھەر قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەندە تۇتىلىۋېرىشى ناتايىن، ھەر بىر خاتالىقنىڭ جازاغا ئۇچرىشى ناتايىن، ھەر قېتىملىق تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇشى ناتايىن، ھەربىر ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ توغرا چۈشىنىلىشى ناتايىن....ب...

  • لاياقەتلىك HR چوقۇم ئىگەللەشكە تېگىشلىك بەش خىل ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان قورال

    ۋاقتى: 2015-08-03 ئاۋاتلىقى: 984 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4
    بىرىنچى قورال: يۈز تۇرانە ئىمتىھاننىڭ STAR پىرىنسىپى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يۈز تۇرانە ئىمتىھانى بولسا HR دىرېكتورىنىڭ مۇھىم بىر  خىزمەت مەزمۇنى بولۇپ، ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دىرېكتورنىڭ  چوقۇم ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يۈز تۇرانە ئىمتىھانى ماھارىتى بولۇشى، مۇۋاپىق ئادەملەرنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇپ، ئالى دەرىجىلىك خىزمەت ئورنى بەرپا قىلىشى كېرەك. STAR پىرىنسىپى دېگىنىمىز، Situation (ئارقا كۆرۈنۈش)، Task (ۋەزىپە)، Action (ھەرىكەت)، Result (نەتىجە) قاتارلىق تۆت ئېنگلىزچە سۆزنىڭ باش ھەرپىنىڭ بىرىكمىسى. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلارغا قارىتا  STAR پىرىنسىپىنى ئىشلىتىپ كۆرۈشكە بولىدۇ. STAR پىرىنسىپى بولسا يۈز تۇرانە ئىمتىھان جەريانىدا ماھىيەتلىك مەزمۇنلارغا چېتىشلىق بولغان سۆھبەت تەر...
  • چاڭجياڭ سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ 22 تۈرلۈك ھەربىي قائىدە-نىزامى

    ۋاقتى: 2015-08-02 ئاۋاتلىقى: 677 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    چاڭجياڭ سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ 22 تۈرلۈك ھەربىي قائىدە-نىزامى 
    ئىنىستىتۇتنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: چاڭجياڭ سودا ئىنىستىتۇتى لى جياچېڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەبلەغ ئىئانە قىلىشى بىلەن قۇرۇلغان، دۆلەتنىڭ رەسمىي تەستىقىدىن ئۆتكەن، مۇستەقىل قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتى بولغان پايدىنى كۆزلىمەيدىغان مائارىپ ئاپپاراتى، خەلقئارالىق مائارىپنى باشقۇرۇش بىرلەشمىسى(AACSB) ۋە ياۋروپا باشقۇرۇش تەرەققىي قىلىش فوندى جەمئىيىتى(EFMD) نىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى تەستىقلىغان "سودا-سانائەتنى باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋان بېرىش ئورنى"(EMBAۋەMBA)، بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ نىشانى ئون يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ئون كۈچلۈك سودا-سانائەت ئىنىستىتۇتى قاتارىغا كىرىش. چاڭجياڭ سودا ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن بېرى، "جۇڭگو كارخانىلىرى ئۈچۈن بىر تۈركۈم دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە كارخانىچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش"نى ئۆز ۋەزىپىسى...
  • كارخانا ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش دوكلاتى

    ۋاقتى: 2015-07-31 ئاۋاتلىقى: 499 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 16
    ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش دوكلاتى، باج ئىش بېجىرىش ئورنى (باجغا چېتىلىدىغان بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ دوكلات قىلىش ھوقۇقى يوق) كارخانا تاپاۋەت بېجىغا تىغ ئۇچىنى قاراتقان بولۇپ، كارخانىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۇشىدىن كېيىن تاپشۇرىلىدىغان كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېسابىنى تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش باج تاپشۇرغۇچى باج يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بەلگىلەنگەن مەزگىل ئىچىدە، باج يىغىش قانۇنى، نىزامى، قائىدە-نىزامى ۋە مۇناسىۋەتلىك كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆزلۈكىدىن يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى ۋە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىنى ھېسابلاپ، ئايلىق ۋە پەسىللىك ئالدىن تاپشۇرغان تاپاۋەت بېجىغا ئاساسەن، شۇ يىللىق تولۇقلاشقا تېگىشلىك ياكى قايتۇرۇشقا تېگىشلىك سوممىنى بېكىتىش، ھەمدە يىللىق كارخانا تاپاۋەت بېجى باج مەلۇم قىلىش جەد...
  • HR چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك قوراللار قامۇسى (3)

    ۋاقتى: 2015-07-28 ئاۋاتلىقى: 500 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بېشى «HR چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك قوراللار قامۇسى (2)» بۇ يەردە!
    ئادەم كۈچى بايلىقى پىلانىنى باشقۇرۇش قورالى Delphi ئۇسۇلى Delphi ئۇسۇلى يەنە مۇتەخەسسىسلەردىن ئەھۋال ئىگەللەش  ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەنى بۇ ئالاقە ۋاستىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرگە ئايرىم تارقىتىش ئارقىلىق، مەسلىھەت سوراش، ئاندىن بارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىنى يىغىپ خۇلاسىلەپ، بىرىكمە پىكىرنى رەتلەپ چىقىش ، ئاندىن بۇ بىرىكمە پىكىر ۋە مۆلچەرلەنگەن مەسىلىنى يەنە ئايرىم-ئايرىم ھەر بىر مۇتەخەسسىسكە تارقىتىپ، قايتا پىكىر ئېلىش، ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر بىرىكمە پىكىرگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئەسلى...
  • ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق تەھلىلى

    ۋاقتى: 2015-07-27 ئاۋاتلىقى: 597 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 6
    «ئەمگەك قىممەت يارىتىدۇ.» ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولسا كىشىلەرنىڭ دۇنيانى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىشتىكى ئىقتىدارى، ئۇ ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ: ئەمگەكچى، ئەمگەك قورالى، ئەمگەك ئوبيېكتىدىن ئىبارەت. ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بولسا ئەمگەكچىلەر ئەمگەك قورالى ئارقىلىق ئەمگەك ئوبيېكتىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانى بولۇپ، ئۇ ئەمگەك قورالى بىلەن ئەمگەك ئوبيېكتىنىڭ ئۆز قىممىتىنى يېڭى مەھسۇلات ئىچىگە يۆتكەش جەريانى، شۇنداقلا يەنە ئەمگەكچىلەرنىڭ يېڭى قىممەت يارىتىش جەريانىدۇر.  ئادەم كۈچى بايلىقى يېڭى قىممەت يارىتالايدىغان بولغاچقا (v+m)، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ قىممىتى ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ تەننەرخىدىن (v) يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز پەقەت ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ يېڭى قىممەت يارىتىشى ئارقىلىق ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەيمىز، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ قىممىتى بىلەن ئۇنىڭ ياراتقان قىممى...
  • تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى

    ۋاقتى: 2015-07-25 ئاۋاتلىقى: 443 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     بېشى « تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە» بۇ يەردە!

     

     تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ  تەرەققىيات يۈزلىنىشى

     

    تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش كارخانا مال ئوبوروتىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان شەكلى. گەرچە تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان بولسىمۇ نۇرغۇن كارخانىلار تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش جەريانىدا مول تەجرىبە ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ھازىر تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى تۆۋەندىكىدەك بولماقتا:

     

    ۋاقىت ۋە سۈرئەت


    نۇرغۇن شىركەتلەر ۋاقىت ۋە سۈرئەتنىڭ ب...

  • ستېۋ جوبس قانۇنىيىتى

    ۋاقتى: 2015-07-24 ئاۋاتلىقى: 584 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    ستېۋ جوبس قانۇنىيىتى
    جوبس قانۇنىيىتى: ئەڭ ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىغىش
    بىر ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىسى 50 نەپەر ئادەتتىكى خىزمەتچىگە تەڭ كېلەلەيدۇ.
    ئوتتۇرىغا قويغۇچى: ئامېرىكا ئالما كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سىتېۋ جوبس
    باھا: بىر جو گېلىياڭ بولۇشقا رازىكى، ئۈچ نەپەر ياغاچچى بولۇشقا رازى ئەمەس

    جوبس قانۇنىيىتى
    ئەڭ ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىغىش
    ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ يېرىمىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە، ئىختىساسلىقلارنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتتى. ئۇ يېقىندا بىر نوتۇقىدا: "مەن ئۆتمۈشتە بىر ئىقتىدارلىق ئىختىساس ئىگىسى ئىككى نەپەر ئادەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىگە تەڭ كېلەلەيدۇ دە...

  • كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى

    ۋاقتى: 2015-07-20 ئاۋاتلىقى: 617 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا، كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى كەڭ دائىرىلىك بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىچە:
    1. ئىگىلىك باشقۇرۇش پەلسەپىسى: بۇ يەنە كارخانا پەلسەپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بىر كارخانىنىڭ خاس بولغان ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشتىكى مېتودولوگىيە پىرىنسىپى بولۇپ، كارخانىنىڭ پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئاساسى. بىر كارخانا كەسكىن بازار رىقابىتى مۇھىتىدا، نۇرغۇنلىغان زىددىيەت ۋە تاللاشلارغا دۇچ كېلىدۇ، بۇ كارخانىدىن بىر ئىلمىي مېتودولوگىيەنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىنى، بىر يۈرۈش لوگىكىلىق تەپەككۇر پىروگراممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قارار قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ دەل ئىگىلىك باشقۇرۇش پەلسەپەسىدۇر.
    مەسىلەن ياپونىيەنىڭ قۇمىرە شىركىتىنىڭ «ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئىنتى...
  • تاپاۋەت بېجىنى توپلام ھېسابات قىلىپ تاپشۇرۇش

    ۋاقتى: 2015-07-19 ئاۋاتلىقى: 542 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 6
    تاپاۋەت بېجىنى توپلام ھېسابات قىلىپ تاپشۇرۇش: كارخانىنىڭ يىل ھالقىغان خىراجەت چىقىم ئىسپاتىغا ئالاقىدار باجنى بىر تەرەپ قىلىش
    ئاۋۋال، خىراجەتنى پەقەت ئۆزى تەۋە بولغان يىلدىلا تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ، ئالدىغا سۈرۈپ ياكى كېيىنكى يىلنىڭ ھېسابىغا يۆتكەپ تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.
    ئۇنىڭدىن قالسا، يىل ھالقىپ ئالغان تالوننى تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالغا ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك:
    بىرىنچى، ئەگەر كارخانىنىڭ تاپاۋەت بېجىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابات قىلىپ تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى تالوننى ئالغان بولسا، تەننەرخ چىقىمىنى دوكلات قىلغان يىل ئىچىدە باجدىن بۇرۇن چىقىم قىلىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ، يىللىق تاپاۋەت بېجىنى مەلۇم قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابلاپ تاپشۇرۇشنى قايتىدىن بىجىرىپ، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى تەڭشەپ ئازلاتسا بولىدۇ؛
    ئىككىنچى:...
  • بېسىمنى سەۋرچانلىق بىلەن يېنىكلىتىڭ

    ۋاقتى: 2015-07-16 ئاۋاتلىقى: 647 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2

    بېشى «قىيىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇڭ» بۇ يەردە!

     

     بېسىمنى سەۋرچانلىق بىلەن يېنىكلىتىڭ

     

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئېدىسون ئەينى يىللىرى ئەڭ چىداملىق لامپۇچكا قىلىنى تېپىش ئۈچۈن، نەچچە يۈز خىل ماتېرىيالنى سىناق قىلغان، نەچچە مىڭ قېتىم تەجرىبە ئىشلىگەن، سانسىز قېتىم مەغلۇپ بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈمىدىنى ئۈزەي دەپ تۇرغاندا، لامپۇچكا ئۆزىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ماتېريالى — ۋولفىرامنى تاپقان. بۇ ھەقىقەتەن سەۋرچانلىقنى سىنايدىغان بىر قېتىملىق كەشپىيات بولغان. ئەمما، بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سەۋرچانلىقنى ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.


    مۇنداق بىر مەسەل بار:


    بىر كۈنى...

  • تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش خاتىرىسى

    ۋاقتى: 2015-07-16 ئاۋاتلىقى: 659 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 2
    كارخانا تاپاۋەت بېجى ھېساباتىنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن: تولۇقلاپ تۆلىنىدىغان باج سوممىسى «بۇرۇنقى يىللىق پايدا-زىياننى تەرتىپكە سېلىش» ھېسابلاش تۈرىدىن ئۆتۈپ ھېسابلاش كېرەك. ھېساباتنى ئېنىقلاپ تاپشۇرۇشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، يىللىق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجىدىن ئالدىن تاپشۇرۇپ بولغان باج سوممىسىنى ئېلىۋەتكەندە، ئېرىشكەن سانلىق قىممەت ئەگەر مۇسبەت سان بولسا، كارخانىنىڭ باجنى تولۇقلاپ تۆلەيدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. خاتىرىسى تۆۋەندىكىدەك: دېبېت: بۇرۇنقى يىللىق پايدا-زىياننى تەرتىپكە سېلىش  كرېدىت: تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج خىراجىتى-تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى    ھېساباتى ئېنىقلانغان بۇ باج پۇلىنى تاپشۇرغاندا، خاتىرىسى تۆۋەندىكىدەك: دېبېت: تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج خىراجىتى-تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى كر...
  • تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۇسۇلى

    ۋاقتى: 2015-07-15 ئاۋاتلىقى: 544 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ. كارخانىلار قوللانغان ئۇسۇللارمۇ ئوخشاش ئەمەس. لېكىن نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللاردا مۇنداق ئورتاق ئالاھىدىلىك بايقالدى: بەزى ئىنتايىن ياخشى دەپ قارالغان تەمىنلەش زەنجىرىدە قارىماققا خاتا بولغان تاكتىكا قوللىنىلغان (يەنى ئۈلگىلىك مىسالدا قوللىنىلغان تاكتىكا قوللىنىلمىغان). مەسىلەن: ZARA، DELL قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ھەقىقەتەن ياخشى، لېكىن ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش تاكتىكىسىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش ئىنتايىن قىيىن.    تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇش
    شۇڭلاشقا پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تەتقىق قىلىش نوقۇل باشقىلارنىڭ  تەمىنلەش زەنجىرىدىن پايدىلانغاندىن كۆپ  ياخشى. چۈنكى ھەر بىر كارخانىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. تەمىنلەش زەنجىرى كارخانىنىڭ رېتسىپى بولغانىكەن، ئوخش...
  • ئاندا – ساندا شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەننىڭمۇ زىيىنى يوق

    ۋاقتى: 2015-07-14 ئاۋاتلىقى: 763 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

    بېشى «ئۇلار بىر قېتىم ئۇتۇۋالسۇن» بۇ يەردە!

     

     ئاندا – ساندا شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەننىڭمۇ زىيىنى يوق

     

    بەزى دوستلار ئېھتىياجىنى قامداشنى سىناق قىلغاندا: «مۇنداق قىلىشىم بەك شەخسىيەتچىلىك بولامدۇ – قانداق؟» دەپ ئويلاپ قالىدۇ، مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئازراق ئىزاھات بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ تەدبىر ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجىنى چۈشىنىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى، بىز ھېسسىيات جەھەتتە باشقىلار ئۈچۈن ياشىدۇق ياكى باشقىلارنىلا نەزەردە تۇتقان ۋاقتىمىز بەك ئۇزاق بولۇپ كەتتى.


    ئەگەر نىشانىڭىز ئائىلىدە تېخىمۇ بوش، تېخىمۇ ئەركىن – ئازادە بولۇش بولسا، بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئۆزىڭىزگە خاس بى...

  • سۈۋەرەك ھادىسىسى ھەققىدە چۈشەنچە

    ۋاقتى: 2015-07-13 ئاۋاتلىقى: 1791 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 20
    سۈۋەرەك ھادىسىسى دېگەن نېمە؟ سۈۋەرەك بىر خىل كىملا كۆرسە ئۆچلۈكى كېلىدىغان ھاشارات بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كەڭ بىزارلىقىنى قوزغىغان. ئېيتىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ سۈۋەرەك بىلەن بولغان كۈرىشى ئاللىبۇرۇن ئون نەچچە ئەسىر داۋاملاشقان، لېكىن سۈۋەرەكنىڭ ھاياتى كۈچى يۇقىرى بولغاچقا، ئادالەت بىر گەز ئۆرلىسە جاھالەت مىڭ گەز ئۆرلەپ، ئۈزلۈكسىز دورىغا تاقابىلچانلىقنى يېتىلدۈرۈپ كەلگەن. قارىغاندا بۇ كۈرەش يەنە داۋاملىشىدىغان ئوخشايدۇ. ئالدىنقى ئەسىردە، گېرمانىيەنىڭ بىر شىركىتى بىر خىل سۈۋەرەكنى تىزگىنلەيدىغان دورىنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، بۇ دورىنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈمى بار ئىدى. بىر تال سۈۋەرەك بۇ دورىنى يېگەن ھامان، دەرھال ئۆلمەيتتى، ئەمما بۇ دورىنىڭ زەھىرى سۈۋەرەكنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تارقىلاتتى. سۈۋەرەكنىڭ بىر خىل غەلىتە ئادىتى بولۇپ، بىر تال سۈۋەرەك ئۆلگەندىن كېيى...
جەمئىي 4 بەت/200پارچە ئۇچۇر باش بەت 1 2 3 4 كېيىنكى بەت