ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى

ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 574 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئەنئەنىۋى مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇشقا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. بۇ ئارتۇقچىلىقلار ئاساسلىقى ئامبار باشقۇرۇش ئۇسۇلى، مال ئوبوروتى، تەننەرخ، ئۇچۇر ئېقىمى، خەتەر، پىلانلاش ۋە تەشكىلى ئاپپاراتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش

ئامبار باشقۇرۇش ۋە مال ئوبوروتى جەھەتتە: تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتا زەنجىردىكى ھەر قايسى ئەزالار مال ساقلاش مەسىلىنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ مال ساقلاش چىقىمىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ. ئەنئەنىۋى مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇشتا تەسىرى كۈچلۈك سودىگەر مال ساقلاش مەسىلىسىنى ئالدىنقى ياكى كېيىنكى ھالقىدىكى سودىگەرگە ئىتتىرىپ بېرىدۇ.
 
تەننەرخ جەھەتتە: تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش جەريانىدا ئومۇمىي تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ يەردە دېيىلگەن ئومۇمىي تەننەرخ خام ماتېرىيال سېتىۋېلىنغاندىن مەھسۇلات خېرىدارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغىچە بولغان تەننەرخنى كۆرسىتىدۇ. ئەنئەنىۋى مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇشتا تەننەرخ پەقەت شىركەت ئىچىدىلا كونترول قىلىنىدۇ.

#p#
 
خەتەر ۋە پىلانلاش جەھەتتە: تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خەتەرگە زەنجىردىكى بارلىق ئەزالار بىرلىكتە تەۋەككۈل قىلىدۇ. بىر قىسىم پىلانلارنى ئەزالار بىرلىكتە تۈزىدۇ. ئەنئەنىۋى مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇشتا كارخانا ئۆزى دۇچ كەلگەن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ. پىلان شىركەت ئىچىدە تۈزىلىدۇ.
 
تەشكىلى ئاپپاراتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت جەھەتتە: تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كارخانىلار ئومۇمىي تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىدۇ. ئەنئەنىۋى مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇشتا تەننەرخ پەقەت شىركەت ئىچىدىلا كونترول قىلىنىدۇ.
 
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئەنئەنىۋى مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ زور ھاياتى كۈچكە ئىگە. ئۇ زەنجىردىكى بارلىق ئەزالارغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن تەمىنلەش زەنجىرنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەزالار مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ئۆز-ئارا ھەمبەھىرلىنىشى كېرەك. ئەمما مەقسىتى ئوخشاش بولمىغان كارخانىلار ئۈچۈن ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس. بولۇپمۇ نۇرغۇن رىقابەتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش تېخىمۇ تەس. شۇڭلاشقا تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەزالار تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلىشى كېرەك: ① ئەڭ ئاخىرقى خېرىدار ئېھتىياجىنى ئورتاق تونۇپ يېتىش. ② تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مال ساقلاش ئورنىنى، ھەر بىر ئورۇندىكى مالنىڭ مىقدارىنى بىرلىكتە بېكىتىش. ③ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرىدىغان بەزى قائىدە-تۈزۈملەرنى بىرلىكتە تۈزۈپ بېكىتىش.
 
يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىرىنچى شەرتنى ھازىرلاش ئاسان. لېكىن قارار چىقىرىلغاندا ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كېتىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى خېرىدار ئېھتىياجى مال ساقلاش ئورنىنى ۋە مال مىقدارىنى بېكىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئۇتۇق قازانغان ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەر خېرىدار ۋە ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ مال ئېقىمىنى تەڭشىيەلەيدۇ. ئىككىنچى نۇقتا مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، يەنى «خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش خېرىدار نېمىگە ئېھتىياجلىق، قەيەردە ئېھتىياج بار ۋە قانچىلىك ئېھتىياج بار»دىن ئىبارەت ئۈچ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى نۇقتىنى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەر قايسى ھالقىلاردىكى كارخانىلار سەمىمىي ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. پەقەت ھەر قايسى ھالقىلاردىكى كارخانىلار پۈتكۈل تەمىنلەش زەنجىرى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مەسىلىگە قاراپ چىققاندا ئاندىن ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلغىلى، ئۆز-ئارا يول قويغىلى، بەزى سىياسەت ۋە تەرتىپلەرنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىققىلى ئاندىن ئۇنىۋېرسال مال ئوبوروتى تەشكىلاتى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى