ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇسابايوفلار ئائىلىسىنىڭ ئىچكى سودىسى

مۇسابايوفلار ئائىلىسىنىڭ ئىچكى سودىسى

ۋاقتى: 2016-09-12 ئاۋاتلىقى: 1237 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇسابايوفلار 1895-يىلى غۇلجا شەھىرىدە «مۇسابايوف بۇرادەرلىرى شىركىتى» ناملىق باش تىجارەتخانىنى قۇرۇپ، ئىلگىرى ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئىلى، ئالتاي، چۆچەك، خوتەن، يەكەن، قاراشەھەر، كۇچا، قاغىلىق، گۇما، مارالبېشى، ئاقسۇ، شىخۇ، ماناس قاتارلىق جايلاردا تۇرغۇزغان سودا خادىملىرى ۋە قۇرغان سودا دۇكانلىرى ئاساسىدا بۇ جايلاردا شۆبە شىركەتلەرنى قۇرۇپ، تىجارەتنى ھەرقايسى ناھىيە-بازارلىرىدىن تاغلىق رايونلاردىكى چارۋىچىلار ئارىسىغىچە كېڭەيتىدۇ.
1988- يىلى تېپىلغان مۇسابايوفلار ئارخىپىدىكى بىر پارچە خەتتە يېزىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق نىيە، كېرىيە، زاۋا، چىرىيە، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردا ھەتتا كۆكيار، قىرغىز جاڭگىلىغىچە بولغان دائىرە ئىچىدە ئۇلارنىڭ يەرلىك مال سېتىۋالغۇچى خادىملىرى بار بولۇپ، مۇسابايوفلار ئۇلارغا سانائەت ماللىرى ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك توقۇلما مەھسۇلاتلىرىنى ئالتە ئايدىن بىر يىلغىچە مۆھلەت بىلەن ئالدىن پۇل ئالماي سېتىپ بېرىشكە بېرىدىكەن، مال ئالغۇچىلار ساتقان مالنىڭ پۇلىغا چارۋا مەھسۇلاتلىرى ۋە ھايۋانات تېرىسى قاتارلىق خام ئەشيالارنىڭ سېتىۋېلىپ، مۇسابايوفلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ خىزمەت ھەققى ئالىدىكەن. بۇ مۇسابايوفلارنىڭ سېتىۋېلىش خادىملىرىنى جەلپ قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇلى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا خوتەن، قاراقاش، گۇما، قاغىلىق، يەكەن، قەشقەر ( قەشقەردە ئىككى مويكا ۋە ئىككى يۇڭ پىرېسلاش ئورنى بار)، ئاقسۇ، قاراشەھەر، شىخۇ، ماناس، ئىلى، تېكەس، بورتالالاردا ئۇلارنىڭ مويكىسى، تېرە- ئۈچەي پىرىيوم خادىملىرى بار ئىكەن.
مۇسابايوفلارنىڭ تاشقى سودا ئۈچۈن سېتىۋالىدىغان ماللىرى پاختا، يۇڭ، تىۋىت، چۇپۇر، ئۈچەي، ئات يايلى، ئات قۇيرۇقى، ئات، قاما، سوغۇر، ئوغلاق، قوزا، بۇلغۇن، سۈلەيسۈن، سۇ چاشقىنى، ئالا سۆسەر، تۈلكە، يىلپىز، بۆرە، ئىت، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ تېرىسى، يەرلىك گىلەم، ھەرخىل يىپەك رەخت، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ تاۋار-دۇردۇن، چاي قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى، تاتلىق مېغىز، ياڭاق، بادام، گازىر، ھەرخىل مېۋىلەرنىڭ قېقى، بۇغا، بۆكەنلەرنىڭ ھۆل مۈڭگۈزى، زاراڭزا، ئازغان مونچىقى، ياۋا چىگە، چۈچۈكبۇيا، سۇرۇنجان، ئابدىمىلىك قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى؛ ماتا، چەكمەن– سەگەز، شاتاۋار، تولىما، تاغار، خۇرجۇن، پالاس، كىگىز، شىرداق، جايناماز قاتارلىق يەرلىك ماللار ۋە ئىمپورت قىلىنغان ھەرخىل دورا-دەرمەكلەر بولۇپ 83  خىلدىن ئاشقان، ئۇنىڭدىن باشقا خەلق تۇرمۇشىغا ئېھتىياجلىق، يەرلىك ئىشلەپ چىقارغان ئىشتانباغ، شۈمەك، ژىك، تۈكچە، پۇزا، رېپىدىگە ئوخشاش مال بولسىمۇ، ساتقۇرىنى قۇرۇق قول قايتۇرماي سېتىۋالغان، سېتىۋالغان بۇ خىل ماللارنىڭ چەت ئەلگە لايىقلىرىنى چىقىرىپ، قالغانلىرىنى شەھەر، يېزىلاردا ساتقان. كىشىلەر مۇساھاجىمدىن:« بىر تال ئىشتانباغ، بىر تال تۇخۇمنىڭ قانچىلىك پايدىسى بار؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ:« بۇ پايدا ئۈچۈن ئەمەس، ئەلدىن ئەلگە نەپ، ساتقۇچى ھاجەتمەن، ئۇنىڭ مېلىنى ئېلىپ قويمىساڭ، ئىشلەپچىقىرىشى توختايدۇ، بۇ ئىش داۋام قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى ئۆچىدۇ. ئۇنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈش ساۋابلىق ئىش ئەمەس…» دەپ جاۋاب بەرگەن ھەمدە بالىلىرىغا، ھەربىر سودا خادىمىنىڭ شۇنداق قىلىشىنى، زىيان تارتسا ئۆزىنىڭ ( مۇساھاجىمنىڭ ) ھېسابات دەپتىرىگە يېزىپ قويۇشىنى تاپىلىغان، ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىش دائىرىسى ئەنە شۇنداق كەڭ بولغان.
#p#
سېتىش دائىرىسىمۇ كەڭ بولۇپ، ساتىدىغان ماللىرى ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن خوتەننىڭ گىلەم، ئەتلىسى، يەكەننىڭ بەقەسەم، بەشباغلىق ماتاسى، خاڭدىنىڭ گۈللۈك پالىسى، خانئېرىقنىڭ ماتاسى، ئاۋاتنىڭ چەكمىنى، قەشقەرنىڭ سەرگەز، چوتا، ھەمزۇل، شاتاۋار، شەتلەڭگە، تېرىكە، قاتارلىق ماللىرى، چەت ئەلنىڭ ھەرخىل يۇڭ، يىپەك، تېرىكە، چىبەرقۇت قاتارلىق رەختلىرى، تۆمۈر، قاڭالتىر، قەنت، شېكەر، كەمپۈت، كىرسىن، سەرەڭگە، يىپ-يىڭنە، چىنە-قاچا، باش-ئاياغ كىيىم، ئەتىر، يۈز سوپۇن، يۈز ماي، قاتارلىق بۇيۇملىرى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، سايمانلىرى، چالغۇ-ئەسۋابلىرى، ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىق 100 خىلغا يېقىن سانائەت ماللىرىدىن ئىبارەت.
مۇسابايوفلار ئۆز تىجارىتىدە پىلانلىق تەمىنلەشنى يولغا قويغان. مەسىلەن: سودا ۋاكالەتچىلىرى، مال، پۇل بىلەن تەمىنلەشتىن بۇرۇن، جايلارنىڭ ئاھالە نوپۇسى، مال چارۋىسى، يېزا ئىگىلىكى، بازار سودىسى ۋە خەلقنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، ئېھتىياجىغا قاراپ پىلانلىق تۈردە مال، پۇل بەرگەن، شۇڭلاشقا ئوبوروتقا تەسىر يېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن. سېتىۋېلىش-سېتىش بالانس بولۇپ ئوبوروت راۋانلاشقان.
بازار ئەھۋالى ئايمۇئاي ئىگىلىنىپ تۇرۇلغان. مەسىلەن: 1917-يىلى 25-ئىيۇلدا مۇسابايوفقا يېزىلغان بىر پارچە خەتتە:« تېرىلەرنى قېقىپ، نافتالىن سېلىپ تۇرۇۋاتىمىز. نەرخ ئەھۋالى مۇنداق: بازاردا گەزمال يوق، چىت بىر سوم 50 تىيىن، تېرىكە 15 سوم، تۆت كۈرە بۇغداي 50 سوم، سۇلۇ بەش سوم 50 تىيىن، گۈرۈچ 14 سوم، نافتالىن 120 سوم (بازاردا يوق)، بىر خىش چاي بەش سوم، تاش چاي يەتتە سوم، باشقا ماللار مۇشۇ قاتاردا. بازار ئەھۋالىدىن داۋاملىق خەت يېزىپ تۇرىمەن. ئىسمەتوۋ» دېيىلگەن. بۇنىڭدىن مۇسابايوفلارنىڭ يالغۇز تاشقى سودىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىچكى سودىدىمۇ ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئىچكى ئوبوروت مەسىلىسى ھەققىدە ئېنىق سانلىق يازما ماتېرىيال بولمىسىمۇ ھۈسەنباينىڭ ئوغلى تەلئەت ئەپەندى، باھاۋۇدۇنباينىڭ ئوغۇللىرىدىن ئىسمائىل مۇسابايوف، قەييۇم ئەپەندى ۋە زاۋۇتتا ئۇزۇن يىل كاسسىر بولغان ئابدۇللا ئەلا ھاجىملارنىڭ ئېيتقانلىرى ھەمدە بەزى مۇناسىۋەتلىك دەپتەرلەردە يېزىلىشىدىن قارىغاندا، ئىچكى ئوبوروت ئىككى خىل بولغان. بىرى، چەت ئەل ماللىرى بىلەن يەرلىك ماللارنىڭ شىنجاڭ دائىرىسىدىكى سېتىش ئوبوروتى بولۇپ، ئوبوروت سوممىسى يىلىغا 3 مىليون سوم ئالتۇن ئاقچىدىن 5 مىليون سوم ئالتۇن ئاقچىغىچە بولغان. يەنە بىرى، يەرلىك خام ئەشيا سېتىۋېلىش ئوبوروتى بولۇپ، سوممىسى مەلۇم يىللاردا بالانس بولمىسا، كۆپ يىللاردا 2 مىليون سوم ئاقچىدىن چۈشۈپ كەتمىگەن، 4 مىليون سوم ئالتۇن ئاقچىدىن ئېشىپ كەتمىگەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى