پېتېر تەتۈر ئايلىنىش پىرىنسىپى
ۋاقتى: 2016-08-12
ئاۋاتلىقى: 517 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بىر خىزمەتچىنىڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان ياكى چىقالمىغانلىقىغا دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگان باشلىقى ھۆكۈم قىلىدۇ، سىرتتىكى كىشىلەر ھۆكۈم قىلمايدۇ. ئەگەر باشلىقى ئاللىبۇرۇن ئۆزى ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدىغان خىزمەت دەرىجىسىگە چىقىپ قالغان بولسا، ئۇ تۈزۈمنىڭ قىممىتى بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنى باھالىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۇ خىزمەتچىنىڭ ئۆلچەم، مۇراسىم، جەدۋەل قاتارلىق ئىشلارغا ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ ئۇ خىزمەتنى تېز قىلىدىغان، پاكىز ۋە رەتلىك، ئەدەپلىك خىزمەتچىلەرنى ئالاھىدە ماختايدۇ. ئومۇمەن، باشلىق سەرپىيات (input) ئارقىلىق قول ئاستىدىكىلەرنى باھالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋاسىتە ۋە مۇددىئانىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتۈر چۈشەنگەن، ئۇسۇلنى نىشاندىن مۇھىم بىلىدىغان، ھۆججەت مەشغۇلاتىنى پىلانلىغان مەقسەتتىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدىغان، مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل، بوي سۇنۇشنىلا بىلىپ قارار چىقىرىشنى بىلمەيدىغان كەسپ خاراكتىرلىق مىخانىكىلىق ھەرىكەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەر ئورگان تەرىپىدىن خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىققانلار دەپ قارىلىدۇ ۋە شۇڭا ئۆسۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھەتتا ئۇلار قارار چىقارمىسا بولمايدىغان ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىدا، ئورگان ئاندىن ئۇلارنىڭ خىزمەت دەرىجىسىنىڭ ئۆزلىرى ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. لېكىن خېرىدار، مۇئامىلىدار ۋە ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئەسلىدىلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان بولىدۇ.