ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
پايچېكى| ئالتۇن| ئاكسىيە - دىكى يازمىلار
  • بىر نەچچە خىل زايوم ۋە ئۇلارغا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى

    ۋاقتى: 2015-09-03 ئاۋاتلىقى: 772 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    زايوم مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلىمىز ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تارقىتىدىغان باھالىق چەك بولۇپ، زايومغا مەبلەغ سېلىش نۆۋەتتە ئائىلە روزغارچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر تۈرىدۇر، ئۇ ھۆكۈمەت ئىناۋىتى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر خىل پۇل مۇئامىلە قورالى. ھازىر تارقىتىلىۋاتقان زايوملار دوكۇمېنتلىق زايوم، ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايوم ۋە پۇل ئامانەت زايومى دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. دوكۇمېنتلىق زايوم بىلەن ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايومنىڭ تارقىتىلىش ئۇسۇلى، ئوبوروت قىلىنىش، ئۆتۈنۈپ بېرىلىش ۋە دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق بار.
    دوكۇمېنتلىق زايومنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ سېتىۋالسا بولىدۇ. دوكۇمېنتلىق زايومغا زايوم سېتىۋېلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ، ئىسمى يېزىلىدۇ ۋە يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغىلى بولىدۇ...
  • ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئالتۇننى پۇل قىلىپ تاللايدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-06-28 ئاۋاتلىقى: 816 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 17
    كىشىلەر ئالتۇنغا نىسبەتەن باشقىچىلا كۆز قاراشتا: خىمىيە ساھەسىدە، بۇ ئېلېمېنتنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق، ھېچقانداق بىر ئېلېمېنت بىلەن رېئاكسىيەگە كىرىشەلمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ خىمىيەلىك ئېلېمېنتلار جەدۋىلىدىكى 118 خىل ئېلېمېنت ئىچىدە، پەقەت ئالتۇنلا ئىزچىل ھالدا كىشىلەرنىڭ پۇل ئوبوروتىدىكى تاللىشى بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا بۇ نېمە ئۈچۈن؟ نېمىشقا ئوسمىي، خروم، ياكى گېلىينى تاللمايمىز؟ 
    ئاددىي چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى مەن بۇ سوئالنى سورىغان تۇنجى كىشى ئەمەس ئەلۋەتتە، ئەمما مەن بۇ سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان جاي بۇ سوئالغا ئەڭ مۇۋاپىق. مەن ھازىر ئەنگىلىيە دۆلەتلىك مۇزېيىدىكى «دەسلەپكى كولۇمبۇ دەۋرى ئالتۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» نەق مەيدانىدا تۇرۇپتىمەن. دەل مۇ...
  • شىنجاڭدا 4 مىليارد 600 مىليون ياشلىق مېتېئورىت تاشقا 80 مىليون باھا قويۇلدى

    ۋاقتى: 2013-12-26 ئاۋاتلىقى: 683 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 64

    شىنجاڭدا 4 مىليارد 600 مىليون ياشلىق مېتېئورىت تاشقا 80 مىليون باھا قويۇلدى

    12-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر پارچە ئادەمنىڭ مۇشتۇمىدەك چوڭلۇقتىكى بىر پارچە مېتېئورىت تاشقا 80 مىليون باھا قويۇلغان بولۇپ، بۇ تاش ئۈرۈمچىدىكى بىر مېتېئورىت دۇكىنىنىڭ ئوتتۇرىغا تىزىپ قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۇزۇلۇقى 15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 8 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 434 گىرام كېلىدۇ. 




    ئىگىلىنىشىچە، بۇ تاشقا ئاسمان پەلەك باھا قويۇلۇشىدىكى سەۋەب، بۇ بىر «ۋاسىتىسىز مېتېئورىت تاش» بولۇپ،  2009-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭنىڭ گوچۇڭ ناھ...
  • فوندقا مەبلەغ سېلىشتا كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت خاتالىق

    ۋاقتى: 2013-10-31 ئاۋاتلىقى: 458 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    نۆۋەتتە، فوندقا مەبلەغ سالغۇچىلاردا مۇنداق تۆت خاتا قاراش ساقلانماقتا: بىرىنچى، بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىش قارىشى. بەزىلەر پاي ياكى فوندقا مەبلەغ سېلىپ نەچچە كۈنگىچە پايدا ئالالمىسا ئىچى تىتىلداپ كېتىدۇ. فوند سېتىۋالغاندا، ئاۋۋال ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، فوندنىڭ تۈرىنى، مۇنەۋۋەر فوند باشقۇرۇش شىركىتىنى ياخشى تاللاش لازىم. فوند تاللىغاندا، فوندقا ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەتراپلىق ئىگىلىگەندە، ئۆزى تاللىغان فوندقا نىسبەتەن كۆڭلىدە سان بولىدۇ. شۇنىڭدا بىر _ ئىككى كۈنلۈك داۋالغۇش كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىش خىيالىدىمۇ بولمايدۇ. ئىككىنچى، فوند بازىرىدا بىر يۈەنلىكمۇ، تۆت يۈەنلىكمۇ، ئالتە يۈەنلىكمۇ فوند بار. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەرزان فوند ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر يۈەنلىك پىۋا 500 مىللىلېتىر بولسا، ئىككى يۈەنلىك پىۋا 1000 مىللىلېتىر بولىدۇ. شۇنى...
  • كىشىلەر نېمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟

    ۋاقتى: 2012-11-18 ئاۋاتلىقى: 793 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بىز پاي چېكى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۇق. ئەمدى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كېلەيلى، كىشىلەرنىڭ پاي چېكى سېتىۋېلىپ شىركەتكە مەبلەغ قوشۇشىدىكى مەقسەت شىركەت پايدىسىغا شىرىك بولۇش ئۈچۈندۇر. بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىدە كىشىلەر پەقەت مەلۇم شىركەتكە مەبلەغ سېلىش مەقسىتى بىلەن پاي چېكى سېتىۋېلىپ، بۇ پاي چېكىنى نەچچە ئون يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ساقلاپ، شىركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بىراق بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس. چوڭگونىڭ پاي چېكى تېخى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان يېڭىچە بىر بازار بولغاچقا، پاي چېكى ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىمۇ تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلگىنى يوق. شۇ سەۋەبتىن، پاي ھەسسىدارلىق شىركەت...
  • ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭ (2)

    ۋاقتى: 2012-11-18 ئاۋاتلىقى: 717 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 34

     ﭘﺎﻱ چېكى ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ

    ﭘﺎﻱ چېكى ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ دېگىنىمىز ﭘﺎﻱ چېكىنى ﺋﯧﻠﯩﭗ-ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
    ﭘﺎﻱ ﭼﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ، ﺑﺎﺯﺍﺭ كۈﻧﯩﺪﻩ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ.
    ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ دېگىنىمىز ﭘﺎﻱ ﭼﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺭﯗﻥ. ﺟﯘڭگوﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﯧﻨﺠﯩﻦ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ.
    ﺑﺎﺯﺍﺭ كۈﻧﻰ دېگىنىمىز ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ كۈﻧﻨﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺩﯗﺷﻪﻧﺒﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﻣﻪﮔﯩﭽﻪ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﻪﺵ كۈن ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﻪﻧﺒﻪ، ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ كۈنلىرى، ﺩﻭﻟﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ كۈنلىرى ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.
     


    ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﻰ: ھەﺭ كۈنى ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ 7:30 ﺩﯨﻦ 9:30 ﻏﯩﭽﻪ، ﭼﯘﺷﺘﻪ 11:00 ﺩﯨﻦ 13:00 ﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (ئۈرۈﻣﭽﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ) ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﻮﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘ...

  • ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭ (1)

    ۋاقتى: 2012-11-18 ئاۋاتلىقى: 501 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 34

    1. ﺑﺎھا ﻗﺴﯩﻤﻰ
    ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ (ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ) [开盘价]
    ﺷﯘ كۈﻧﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ كېيىن، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎھاﺳﯩﻨﻰ كۆﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ 30 ﻣﯩﻨﯘﺗﻘﯩﭽﻪ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺗﻮﻧﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ (ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ) [收盘价]
    ﺷﯘﻛﯘﻧﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎھاﺳﯩﻨﻰ كۆﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
    ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎھاﺳﻰ [最高价]
    ﺷﯘﻛﯘﻧﻰ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎھاﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎھاﻧﻰ كۆرسىتىدۇ.
    ﺋﻪﯓ ﺗﻮﯞﻩﻥ باھاﺳﻰ [最低价]
    ﺷﯘﻛﯘﻧﻰ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ باھاﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﯞﻩﻥ باھاﻧﻰ كۆرسىتىدۇ.


    ﻗﻮﻝ [手]
    ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﭘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 100 ﺗﺎﻝ ﭘﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻧﺪ...

  • پاي چېكى ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە پاي چېكى

    ۋاقتى: 2012-10-18 ئاۋاتلىقى: 1052 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 24
    پاي چېكى ھەققىدە پاراڭ بولغاندا كىشىلەر ھازىر ئانچە غەيرى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. گەرچە ئۆزىڭىز پاي چېكى ئويناپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى تونۇش-بىلىشلىرىڭىز، خىزمەتداش ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا ياكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئىچىدە ئۇنى ئويناپ باققانلار بولۇشى مۇمكىن. سىزمۇ پاي چېكى بازىرىغا بېرىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولغانسىز، بىراق چۈشىنىش بىر قەدەر تەس بولغان پاي چېكى بازىرىنىڭ گاھ ئۆرلەپ، گاھ چۈشۈشلىرىگە، بۇ بازاردىكى 1200 دىن ئارتۇق شىركەتلەرنىڭ خىلمۇ خىل پاي چېكىلىرىگە قاراپ قاياقتىن قول سېلىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. مەزكۇر يازمىنىڭ سىزنىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن دەسلەپكى قەدەمدە خەۋەردار بولۇشىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تېگەر، دەپ ئويلايمەن.
    پاي چېكىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال پاي ھەسسىد...
جەمئىي 1 بەت/8پارچە ئۇچۇر