ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئالتە چوڭ مۇھىم ئامىل

ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئالتە چوڭ مۇھىم ئامىل

ۋاقتى: 2016-01-07 ئاۋاتلىقى: 1707 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئالتە چوڭ مۇھىم ئامىل

بىرىنچى، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش بۇ، باشقىلارنىڭ ماركىسى، تىجارەت مەخپىيىتى، بايلىقىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە تىجارەت قىلىش، ھاۋالە ئارقىلىق ئىتتىپاقداش بولۇش، ئالاھىدە ئىجازەتلىك ئىتتىپاقداش بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، تاۋارنىڭ تۈرى، دۇكانغا بولغان تەلىپى، بىرلىشىش شەكلى ۋە تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ سېلىنىدىغان مەبلەغمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنداق ئۇسۇلدا ئىگىلىك تىكلەش مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي ئاساسى بارلارغا ماس كېلىدۇ، باش شىركەت ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئۈچۈن مەزكۇر جايغا كېلىپ خېرىدار ئېقىمى، خېرىدارلارنىڭ ئىستېمال قاتلىمى، خېرىدارلارنىڭ مايىللىقى قاتارلىقلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىدۇ.

ئىككىنچى، كوللېكتىپ ئىگىلىك تىكلەش بۇنداق ئىگىلىك تىكلەش ئەندىزىسى ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ۋە ئورتاق قىزىقىشقا ئىگە ئەزالار كوللېكتىپ بولۇپ بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەشنى كۆرسىتىدۇ. تەتقىق قىلىپ ئېچىش، تېخنىكا، بازار، مەبلەغ قاتارلىق ئامىللارنى تولۇق ھازىرلاش ھەم بىر - بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلاش كوللېكتىپ ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭگۈشتىرى ھېسابلىنىدۇ، يۇقىرى تېخنىكا كارخانىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. ئەگەر باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلەۋاتقانلار تەرەققىيات بوشلۇقىنى تار، دەپ قارىسا، ئىشەنچلىك ھەمراھلىرى بىلەن مۇشۇ ئۇسۇلدا ئىگىلىك تىكلەشنى سىناپ باقسا بولىدۇ.

ئۈچىنچى، تور ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش تاۋباۋ« تورىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا بازار تېپىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس»، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تور سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىگىلىك تىكلەشكە تامامەن بولىدۇ، بۇنىڭ ئىككى خىل يولى بار: بىرى، توردا دۇكان ئېچىش، يەنى توردا تىزىملىتىپ تور دۇكىنى ئېچىپ مالنى ئۆزى كىرگۈزۈپ ئۆزى سېتىش، يەنە بىرى، توردا ئىتتىپاقداش بولۇش، يەنى مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق سودا تور بېتىگە ئەزا بولۇپ، مۇشۇ سودا تور بېكىتىنىڭ مال كىرگۈزۈش ۋە سېتىش يوللىرىدىن پايدىلىنىپ سودا قىلىشتىن ئىبارەت. ئىگىلىك تىكلىگۈچى جاپا چېكىش ۋە كاللا ئىشلىتىشكە ھۇرۇنلۇق قىلمىسىلا، تور دۇنياسىدا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئانچە قىيىن ئەمەس.

تۆتىنچى، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ھەر خىل ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم يوللىرىدىن بىرى. بۇنىڭدا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۆزىنىڭ پىشىپ يېتىلگەن ھەم يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئىگىلىك تىكلەش پىلانىنى مۇسابىقىگەقاتناشتۇرۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىستىكىنى قوزغاش ئارقىلىق زۆرۈر بولغان مەبلەغ ۋە باشقا جەھەتتىكى قوللاشلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

بەشىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش بۇنىڭدا ئاساسلىقى يېڭىچە ئوي - پىكىر، يېڭىچە سودا پۇرسىتى ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئىدىيە ۋە ئوي - پىكىرلەر چوقۇم يېڭى، ئۆزگىچە بولۇشى، شۇ ساھە، شۇ رايوندا باشقىلار ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان بولۇشى كېرەك، شۇندىلا كەسكىن بازاردا ئورۇن ئىگىلىيەلەيدۇ. ئوي - پىكىر يېڭى بولۇش بىلەن بىرگە چوقۇم ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى يېڭىچە ئوي - پىكىر ۋە پىلانلىرى بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلالىسا، ئۇنداقتا بىرىنچى قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باسقان بولىدۇ.

ئالتىنچى، خىزمەتتىن سىرت ئىگىلىك تىكلەش بۇنداق ئەندىزە ئاساسلىقى مۇقىم ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ھەم مۇئەييەن كەسپىي بىلىمگە ئىگە كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ . مەسىلەن: ئىشتىن سىرت دەرس ئۆتۈش، لايىھەلەش، يېزىقچىلىق قىلىش، مالىيە مەسلىھەتچىلىكى، بوغالتىرلىق، ۋاكالىتەن ھېسابات خاتىرىلەش، ئېغىزچە ۋە يېزىقچە تەرجىمانلىق، ۋاكالىتەن سېتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىگىلىكنى زورايتىش مۇمكىنچىلىكى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئىگىلىك تىكلەش شارائىتى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بۇنداق ئەندىزە ئارقىلىق مەلۇم مىقداردا مەبلەغ جۇغلىيالايدۇ ھەم مەلۇم دائىرىدە كىشىلىك ئالاقە تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەلگۈسىدە ئىگىلىكىنى زورايتىش ئۈچۈن ئاساس سالالايدۇ. ھەزرىتى لوقمان شىركىتى سىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى :ئىگىلىك تىكلەشتە ئالدى بىلەن ئىشەنچ، جۈرئەت كەم بولسا قەتئىي بولمايدۇ ،قەتئىي ئىرادە بىلەن باشتىن ئاخىرغىچە تىرىشىش كىرەك.
مەنبە: ئۇي لوكمان سالونى


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى