ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلەرگە ۋاكالەتەن كوللېكتىپ توختام ئىمزالىيالامدۇ؟

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلەرگە ۋاكالەتەن كوللېكتىپ توختام ئىمزالىيالامدۇ؟

ۋاقتى: 2014-07-07 ئاۋاتلىقى: 362 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلەرگە ۋاكالەتەن كوللېكتىپ توختام ئىمزالىيالامدۇ؟

جاۋاب: كوللېكتىپ توختام بىلەن ئەمگەك توختامىنىڭ مۇھىم پەرقلىرىدىن بىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىمزالىغان سۇبيېكتى ئوخشىمايدۇ: ئەمگەك توختامىنى ئەمگەكچى شەخسەن ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئىمزالايدۇ، كوللېكتىپ توختامنى بولسا خىزمەتچىلەر ۋەكىلى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئىمزالايدۇ. شۇڭا، كوللېكتىپ توختامنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى خىزمەتچىلەر ۋەكىلى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن باراۋەر كېڭىشىش ئارقىلىق تۈزىدۇ، مەزمۇنى ئاساسلىقى ئەمگەك ھەققى، خىزمەت ۋاقتى، ئارام ئېلىش ۋە دەم ئېلىش، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىق، سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق قاتارلىق ئىشلارغا مەركەزلىشىدۇ. بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلەرگە ۋاكالەتەن كوللېكتىپ توختام تۈزسە بولىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا، دۆلىتىمىزنىڭ «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى»دىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىلىمە بار: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلەرگە ۋاكالەتەن كارخانا ۋە كارخانىلاشقان باشقۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسپىي ئورۇن بىلەن باراۋەر كېڭىشىپ كوللېكتىپ توختام تۈزىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كوللېكتىپ توختام تۈزۈشىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قوللاش ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى