ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئامانەت قويۇلغان پۇلنىڭ يوقاپ كېتىشىگە كىم سەۋەبلىك؟

ئامانەت قويۇلغان پۇلنىڭ يوقاپ كېتىشىگە كىم سەۋەبلىك؟

ۋاقتى: 2016-07-13 ئاۋاتلىقى: 1364 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۈچ كۈن ئاۋۋال يېڭىدىن بېجىرگەن بانكا كارتىسىغا كىرگۈزۈلگەن 470 مىڭ يۈەندىن 460 مىڭ يۈەنىنىڭ يوقاپ كېتىشى پۇل ئامانەت قويغۇچى ۋاڭ لىنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ شۇ ھامان دېلو مەلۇم قىلدى ھەم بانكا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.
15-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا 1 -سوتتا ھۆكۈم چىقاردى، سوت مەھكىمىسى بانكا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ كارتىسىدىكى پۇلنىڭ كەملەپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان، شۇڭا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قاراپ، بانكىنىڭ ۋاڭ لى ئامانەت قويغان 470 مىڭ يۈەننى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇپ بېرىشى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.

 
ۋاڭ لى 2009-يىلى 26-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بانكىدا كىرېدىت كارتىسى ھەم ئېلېكتىرونلۇق ھېساب سېلىشتۇرۇش مۇلازىمىتى بېجىرگەن ھەم 26-، 27-، 28-ئۆكتەبىر كۈنلىرى كارتىغا جەمئىي 470 مىڭ يۈەن پۇل قويغان.
− بۇ مەزگىلدە مەن كارتىدىن پۇل ئالمىدىم، لېكىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كارتامدىكى 460 مىڭ يۈەن پۇل يوقاپ كەتتى، − دېدى ۋاڭ لى.
ۋاڭ لى بانكىنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن پۇل يوقاپ كەتكەن، دەپ قاراپ، بانكا ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، بانكىدىن ئامانەت پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشى ھەم ئۆسۈمىنى قوشۇپ تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەمما، بانكا پۇلنىڭ يوقاپ كېتىشىدە مەسئۇلىيىتىمىز يوق، دەپ قارىدى. ئۇلار يەنە ھېسابات تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دەۋاگەر ئىسچوتىدا نورمال ھەم مۇئامىلىدار ئۆزى بېكىتكەن مەخپىي شىپىر بىلەن سودا قىلىنغانلىقى بايقالدى، بانكىنىڭ باشقۇرۇش جەھەتتە سەۋەنلىكى يوق، شۇڭا بۇ دېلونىڭ سادىر بولۇشىدا دەۋاگەر كىرېدىت كارتىسى ماتېرىياللىرىنى ياخشى ساقلىمىغان، ئۇچۇر ۋە مەخپىي شىپىرنىڭ ئاشكارىلىنىشى دەۋاگەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى، بانكا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، دېدى.
سوت مەھكىمىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە، 2009-يىلى 26-ئۆكتەبىر، دەۋاگەر ۋاڭ لى بانكىغا ئىسچوت ئېچىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، ئىسچوت كارتىسى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت تۈرىنى بېجىرگەن، شۇ كۈنىدىن باشلاپ 28-ئۆكتەبىرگىچە، دەۋاگەر كارتىغا 470 مىڭ يۈەن پۇل كىرگۈزگەن. 28-ئۆكتەبىر سائەت 12 دىن سائەت 14 تىن 19 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، مەزكۇر كارتىدىن ئاۋمېندا ئىككى قېتىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا 200 نەچچە مىڭ يۈەن ۋە 180 نەچچە مىڭ يۈەن پۇل ئېلىنغان؛ بۇ جايدىكى ئىككى قېتىملىق پۇل ئېلىش رەسمىيەت ھەققى، بانكا ئاتلاپ پۇل ئېلىش ھەققى جەمئىي 8000 يۈەندىن ئاشقان. شۇ كۈنى سائەت 16 دە، مەزكۇر كارتىدىن لەنجۇدا رەسمىيەت ھەققى، بانكا ئاتلاپ پۇل ئېلىش ھەققى بولۇپ بەش قېتىمدا جەمئىي 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئېلىنغان؛ ئىككى قېتىملىق مىمۇرېئال قىلىش ۋە رەسمىيەت ھەققى جەمئىي 60 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. دېمەك كارتىدىن جەمئىي 460 مىڭ يۈەن ئېلىنغان. شۇ كۈنى سائەت 18 ئەتراپىدا، دەۋاگەر كارتىدىن 30 نەچچە مىڭ يۈەننى مىمۇرېئال قىلغان. 29-ئۆكتەبىر سائەت 11 ئەتراپىدا، دەۋاگەر كارتىدىن پۇل ئالماقچى بولغاندا، كارتىدىكى پۇلنىڭ كەملەپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھەم كارتىدىكى قېپقالغان 30 نەچچە مىڭ يۈەننى ئېلىۋېلىپ، ساقچى ئورۇنلىرىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ج خ ئورگانلىرى بۇ ئىشنى كىرېدىت كارتىسى ئالدامچىلىقى دېلوسى قاتارىدا دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېدكا قىلىشنى باشلىغان بولسىمۇ، دېلو تا ھازىرغىچە پاش بولمىغان.
سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى، دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ئوتتۇرىسىدا پۇل ئامانەت قويۇش توختام مۇناسىۋىتى بولۇپ، مەزكۇر توختام قانۇنىي كۈچكە ئىگە، شۇڭا قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. مۇلازىمەتچىسىز بانكا بىلەن ATM ئاپپاراتى ۋە POS ئاپپاراتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پۇل ئامانەت قويغۇچىلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە سودىسىغا خەۋپمۇ ئېلىپ كەلدى. بانكىنىڭ مۇشۇ تۈردىكى جىنايەتلەرنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئېلىمىزنىڭ «سودا بانكا قانۇنى»، «توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، سودا بانكىلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى، ئادەتتىكى پۇل ئامانەت قويغۇچىلار ئادەتتىكى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش مەجبۇرىيىتىنىلا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇڭا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش مەسئۇلىيىتىدىن ئېيتقاندا، دەۋاگەر دەلىل-ئىسپات كۆرسەتسىلا ئادەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، جاۋابكار ئۆزىنىڭ سەۋەنلىك سادىر قىلمىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك.
دەۋاگەر تەمىنلىگەن ياتاق تالونى ئۇنىڭ دېلو سادىر بولغان مەزگىلدە ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، دەۋاگەر كارتىدىكى پۇل ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن قېپقالغان پۇلنى ۋاقتىدا ئېلىۋېلىپ ھەم ئەھۋالنى بانكىغا ئىنكاس قىلىپ، ئاندىن ج خ ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلغان. جاۋابكار تەمىنلىگەن بانكا كارتا سودىسى ئۇچۇرىدا ئېنىق كۆرسىتىلىشىچە، دەۋاگەر ئۈرۈمچىدە بانكا كارتىسى بېجىرگەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنى ئالتە سائەت ئىچىدە كارتىدىكى پۇلدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاۋمېن ۋە لەنجۇ قاتارلىق جايلاردا ئىستېمال، مېمۇرېئال قىلىش، نەق پۇل ئېلىش شەكلى ئارقىلىق 460 مىڭ يۈەن ئېلىنغان. مۇشۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەۋاگەرنىڭ كارتىسىدىكى پۇلنىڭ ئوخشىمىغان جايلاردا ئېلىنىشىدىن بانكا كارتىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. بانكا بانكا كارتىسىنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى پەرق ئېتەلمىگەنلىكتىن، ATM ئاپپاراتى ۋە POS ئاپپاراتى ساختا كارتا ئىشلەتكۈچىگە پۇل چىقىرىپ بەرگەن، راست بانكا كارتىسى سودىغا قاتناشمىغان، جىنايەتچىلەر ساختا بانكا كارتىسىدىن پايدىلىنىپ سودا بانكىسىنى ئالدىغان.
جاۋابكار تەرەپ دەۋاگەر بانكا كارتىسى ماتېرىيالىنى ياخشى ساقلىمىغانلىقتىن ئۇچۇر ۋە مەخپىي شىپىرنىڭ ئاشكارىلىنىشى دەۋاگەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئەمما بىز بۇنىڭغا مۇناسىپ دەلىل-ئىسپات كۆرسىتەلمەيمىز، دەۋاگەر ئۇچۇر مۇلازىمىتى تۈرىنى بېجىرگەن بولسىمۇ، ۋەقە يۈز بەرگەندە شىنجاڭ رايونىدا ئۇچۇر مۇلازىمىتى توختىتىلغانلىقتىن، بىز دەۋاگەرگە كارتىدىكى پۇلنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئۇچۇر يوللاپ ئۇقتۇرۇش ھەققىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدۇق، دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان. ئەمما سوت مەھكىمىسى جاۋابكار تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش سەۋەبىنى رەت قىلدى.
جاۋابكار تەرەپ «روزغار مەبلىغى ئىسچوتىنىڭ ئىشلىتىلىش مەخپىي شىپىرىنى بېكىتىش خېرىدارلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى» دېگەن رامكىلىق ماددا بويىچە، دەۋاگەرنىڭ ئىسچوتىدا نورمال سودا بولغان، سودا خېرىدار ئۆزى بېكىتكەن مەخپىي شىپىر بويىچە يۈرۈشكەن، شۇڭا جاۋابكار تەرەپ باشقۇرۇش جەھەتتە سەۋەنلىك سادىر قىلمىدى دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى. بۇنىڭغا قارىتا سوت مەھكىمىسى، مەزكۇر ماددىدا ئەسلىدە سودا بانكىلىرى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت مۇئامىلىدارغا ئىتتىرىپ قويۇلۇپ، مۇئامىلىدارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىرلىتىۋېتىلگەن، شۇڭا جاۋابكار تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش سەۋەبى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دەپ قارىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، جاۋابكار تەرەپ يەنە مەزكۇر دېلو بانكا كارتىسى ئالدامچىلىقى قىلمىشىغا چېتىلىدۇ، جىنايى ئىشلار دېلوسى ئاياغلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش كېرەك، دەپ قارىدى. سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «بانكا پۇل ئامانەت كارتىسى مەخپىي شىپىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ، ئامانەت پۇلنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئالداپ ئېلىپ كېتىلىشىدىن پەيدا بولغان ئامانەت پۇل توختام ماجىراسى ھەق تەلەپ دېلوسى قاتارىدا قوبۇل قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكمۇ، يوق؟ دېگەن مەسىلىگە سېلىنغان تەستىقى»دە «بانكا پۇل ئامانەت كارتىسى مەخپىي شىپىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى تۈپەيلىدىن، باشقىلار ساختا بانكا پۇل ئامانەت كارتىسى بىلەن پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ بانكىدىكى ئامانەت پۇلىنى ئېلىپ كەتسە، پۇل ئامانەت قويغۇچى بانكا بىلەن تۈزگەن ئامانەت پۇل توختامى بويىچە ھەق تەلەپ ئەرزى سۇنسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلونى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن، مۇشۇ «تەستىق» قا ئاساسلانغاندا، جىنايى ئىشلار دېلوسى پاش قىلىنسۇن ياكى قىلىنمىسۇن، ئۇ ھەق تەلەپ دېلوسىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى بېكىتەلمەيدۇ، مەزكۇر دېلو پۇل ئامانەت قويۇش توختامى بويىچە، جىنايى ئىشلار دېلوسىدىن مۇستەقىل ھالدا قاراپ چىقىلسا بولىدۇ.
يۇقىرىقى پاكىتلار بويىچە، سوت مەھكىمىسى: جاۋابكار تەرەپنىڭ پۇل ئامانەت قويۇش توختامى بويىچە، سودا ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جىنايەت سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۇل ئامانەت قويغۇچىلارغا جىنايەت ۋاسىتىلىرىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش ۋە پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار؛ جاۋابكار تەرەپ مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلماي، دەۋاگەرنىڭ كارتىسىدىكى پۇلنىڭ كەملەپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان، شۇڭا تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ دەۋاگەرنىڭ جاۋابكاردىن كارتىدىكى پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى قانۇنلۇق ئاساسقا ئىگە دەپ قاراپ، يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى