ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇۋەپپىقىيەت ۋە بايلىق

مۇۋەپپىقىيەت ۋە بايلىق

ۋاقتى: 2015-07-27 ئاۋاتلىقى: 478 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ
چارلىزنىڭ زاۋۇتىنىڭ تىجارىتى ئاقماي ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاپتۇ، ئۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق قەلەندەرگە ئايلىنىپ، دىۋانىدەك ھەممە تەرەپكە دوقۇرۇپ يۈرۈپتۈ.
بۇ ئېچىنىشلىق رىئاللىقتىن چارلىز قاتتىق ئازاپلىنىپ، ھەتتا بۇ ئازاپلاردىن ئۆلىۋېلىپلا قۇتۇلماقچى بوپتۇ.

 
بىر كۈنى ئۇ باستېر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ پاجىئەلىرىنى باستىرغا يىغلاپ سۆزلەپ بېرىپتۇ ھەمدە سەمىمىيلىك بىلەن: 
– باستېر، مەن نەدە ئېزىپ كەتكەندىمەن، قايتا باش كۆتۈرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،-دەپتۇ. 
باستېر چارلىزنىڭ روھى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن: 
- بۇ دۇنيادا پەقەت بىرلا ئادەم ساڭا ياردەم قىلالايدۇ … دەپتۇ.
چارلىز تاقەت قىلالماي:
-ئۇ كىم، قەيەردە ؟-دەپتۇ.
-بۇ ياققا كەل،_دەپتۇ باستېر چارلىزنى ئەينەك ئالدىغا باشلاپ، قولى بىلەن ئەينەك ئىچىدىكى چارلىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
-مۇشۇ كىشى، پەقەت مۇشۇ كىشى سېنىڭ قايتا باش كۆتۈرىشىڭگە ياردەم قىلىدۇ، بۇ كىشىگە ئوبدانراق سەپسالغىن،-دەپتۇ.
چارلىز ئەينەك ئىچىدىكى ساقال-بۇرۇت باسقان يۈزى، ھېسسياتسىز، بىچارە كۆزلىرىگە قاراپ:
- مۇشۇ مەنمۇ ؟- دەپ يۈزلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋاپتۇ ۋە ئاستا ئەينەك ئالدىدىن ئايرىلىپتۇ.
بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، چارلىز باستېرنى ئىزدەپ يەنە كەپتۇ. بۇ قېتىم ئۇنىڭ قەدەملىرى يىنىك، كۆزلىرى نۇرلۇق ئىكەن، ئۇ باستېرغا:
-ئەينى يىلى سىز مېنى ئۆزۈمگە تونۇتقان، ئۆزىگە تايانغاندىلا چىقىش يولى تاپقىلى بولىدىكەن. مەن دەسلەپتە بىر خىزمەت تاپتىم. بۇ مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. كېيىن مەن پۇل يىغىپ بىر شىركەت قۇردۇم. ھازىر ئىشلىرىم يېڭى باشلانغان بولسىمۇ، خېلى ياخشى كېتىپ بارىدۇ،-دەپتۇ.
#p#
«تىرىشقاننى تەڭرى يۆلەيدۇ» ياشاش ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، ئۆلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى چۆلگە پالىۋەتكەن كىشىنى ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. كىشىلەر ھايات مۇساپىسىدە قورقۇش، ئېزىقتۇرۇش ۋە ئىككىلىنىشتىن خالىي بولالمايدۇ، بىراق بۇلارغا قارىتا ئادەمدە ئىشەنچ بولىشى كېرەك. ھاياتلىقتا ئىشەنچ بولغاندىلا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، ئىشەنچ ئىلگىرلەشتىن، ئىككىلىنىش تەۋرىنىشتىن ۋە مەغلۇبىتەتتىن دېرەك بېرىدۇ.
ئوڭۇشسىزلىققا پىسەنت قىلمىغاندەك، ئىرادىگىمۇ پىسەنت قىلماي يۈرمەڭ، چۈنكى ئۇ سىزدە بار، پەقەت ئۆزىڭىزگە تايىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئۇنى بايقاپ، جايىدا ئىشلەتسىڭىزلا بولىدۇ.
كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغان كىشىلەر ئۆزى ئۈچۈن باھانە-سەۋەپ تېپىشقىمۇ ئۇستا بولۇپ كېتىدۇ. مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ كۆپچىلكى سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلىكىنى قوللايدىغان سەۋەبلەر تېپىلىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئۆزىدىن گۇمانلىنىش، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك مەغلۇپ بولۇش خاھىشى بولۇپ، مەغلۇپ بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەپتۇر.
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك.#p#分页标题#e#
ئىشەنچ بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىىلەر ھازىرلاپ بولغان زۆرۆر ئامىللاردۇر. ئۆزىڭىزگە ھەقىقىي ئىشەنسىڭىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز. 
مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارمۇ ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققان، بىراق ئۇلارنىڭ روھى چۈشۈپ كەتمىگەن.
مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ئۆزىگە تايىنىش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىش ۋە كۈرەش قىلىش كېرەك. بۇ بىر مۇستەقىل بولۇشتىكى مۇھىم تەركىب. باشقىلارغا يۆلىنىپ، باشقىلارنىڭ ياردىمىنى تەمە قىلىدىغان ياكى تۇرمۇشتا باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغانلار بەلكىم ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىسىگە ئاسانلا ئېرىشېۋېلىشى مومكىن، بىراق ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى بىردەملىك خوشاللىق، ئۇلار مەڭگۈ مۇستەقىل نەتىجە قازانغانلارنىڭ خوشاللىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ھەم قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىپ بولالمايدۇ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى