ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ ياش دوكتۇر

ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ ياش دوكتۇر

ۋاقتى: 2016-05-29 ئاۋاتلىقى: 885 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئابدۇراخمان ئابدۇغېنى 1985-يىلى 8-ئايدا كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەمبە بازىرىدا تۇغۇلغان، مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ئۇچۇر باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى، ئېلېكترونلۇق سودا كەسپىي بويىچە شىنجاڭدىكى تۇنجى دوكتۇر، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياش دوكتۇرنىڭ بىرى. 27 يېشىدىلا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ خۇرۈيتەي ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى، مالىيە باش نازارەتچىسى. شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى ئېلېكتىرونلۇق سودا كافىدراسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى. 


ئابدۇراخمان ئابدۇغېنى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالىي مەكتەپ ئاساسىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن، ئىلغار كەسپىي تەربىيە ۋە ئىقتىدار تەربىيەسى ئالغان، چوڭقۇر بولغان كەسپىي نەزەرىيە ئاساسى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە، تەتقىقات ئىقتىدارى كۈچلۈك ياش. ئۇ ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تىرىشچان، ئىزدىنىش چان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپتە مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىنىڭ، شىركەتتە بىر قابىل رەھبەرنىڭ، جەمئىيەتتە يېتەكچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان ئىقتىدارلىق ياشلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى.
ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىدىلا ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە ھەرخىل سىنىپ كادىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىمۇ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولغان. باكلاۋىرلىق ئوقۇش مەزگىلدە ئۇ ئۆزى مۇستەقىل ھالدا ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى ياسىغان، بۇ ئەينى چاغدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلىدىن 2006-يىلغىچە ھەر يىلى «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولۇپ باھالانغان ۋە «ئىلغار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 2006-يىلى ئاسپرانتلىق ئىمتىھاندىكى كەسپىي پەن نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولغان. شۇ يىلى ئۇ بىرلا ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرىۋالغان. ئىچكىرى رايونلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىش ۋە تېخىمۇ ياخشى بولغان ئالىي مائارىپ تەربىيە مۇھىتىغا ئېرىش ئۈچۈن ئابدۇراخمان ئاخىرىدا مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى قارار قىلغان.
ئۇ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئۆز كەسپىنى ياخشى ئوقۇغاندىن سىرت ھەرخىل ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن 2009-يىلى مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىنىستىتوتىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى بىلەن «2009-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر بېيجىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتناشقان. ئۇنىڭ سەنئەت ۋە تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ 2009-يىلى مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «سەنئەت-تەنتەربىيە ئالاھىدە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. شۇ يىلى ئۇ بۇ يەردىكى ئۇقۇشىنىمۇ غەلبىلىك تاماملاپ، مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئۆز بىلىم قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئويلىغان ئابدۇراخمان يەنە شۇ مەكتەپتە دوكتۇرلۇق ئۇقۇشنى باشلىغان ھەم 2012-يىلى مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىي بويىچە شىنجاڭدىكى تۇنجى دوكتۇر، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياش دوكتۇرنىڭ بىرى بولغان. چۈنكى شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 27 ياش ئىدى.
ئۇنىڭ تەتقىقات جەريانىدا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا 33 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان، ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئامېرىكا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئېلېكتىرون قۇرۇلۇشى جەمئىيىتىنىڭ ماقالە ئامبىرىغا قوبۇل قىلىنغان. ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى باھالىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۆلكە دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىدىن بىرگە، توغرا يۆنىلىشلىك تەتقىقات تۈرىدىن ئۈچكە يېتەكچىلىك قىلغان، تۆت تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان.
2011-يىلى ئۇ شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن بۇ مەكتەپكە كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. 2011-يىلى ۋە 2013-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئىلغار تەتقىقاتچى» ۋە «ئىلغار سىنىپ مەسئۇلى» بولۇپ باھالانغان.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى