ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەمۇرىي جاۋابكارلىق

مەمۇرىي جاۋابكارلىق

ۋاقتى: 2016-06-15 ئاۋاتلىقى: 466 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ھەق تەلەپ ئىقتىسادىي جاۋابكارلىق» بۇ يەردە!

 

3. مەمۇرىي جاۋابكارلىق


مەھسۇلات سۈپىتىگە بولغان مەمۇرىي جاۋابكارلىقنىڭ بەزىلىرى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىقتىسادىي جاۋابكارلىقنىڭ مەزمۇنلىرىغىمۇ ياتىدۇ.


1.جىسمانىي ساغلاملىق كاپالىتىگە، جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە دائىر دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغانلار ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەھسۇلاتلارنى ساتقانلار سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ. جىسمانىي ساغلاملىققا، جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ساتقان مەھسۇلاتلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ.


2. ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار مەھسۇلاتقا خىلمۇ خىل، ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرغان، ساختا مەھسۇلاتنى ھەقىقىي مەھسۇلاتنىڭ ئورنىغا، ناچار مەھسۇلاتنى ياخشى مەھسۇلاتنىڭ ئورنىغا ياكى لاياقەتسىز مەھسۇلاتنى لاياقەتلىك مەھسۇلاتنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن بولسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ سوممىس 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولۇپ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلار ئىشلەپچىقىرىشنى، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ.
3. دۆلەت شاللىۋېتىش توغرىسىدا ئېنىق بۇيرۇق چىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغانلار ئىىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىر قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ.


4.كۈچتىن قالغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن مەھسۇلاتلارنى ساتقانلار سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلۇپ، قانۇنسىز ساتقان مەھسۇلاتلىرى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىر قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ.


5. مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان جايىنى ساختىلىق بىلەن ئويدۇرۇپ چىققان، باشقىلارنىڭ زاۋۇت ئادرېسىنى ياساپ چىققان ياكى قوللانغان، گۇۋاھلىق بېرىش بەلگىسىنى، داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بەلگىسى قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىمىلرىنى ياسىغان ياكى قوللانغان ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ئاشكارا تۈزىتىشكە بۇيرۇلۇپ، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە شۇنىڭغا قوشۇپ جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ.



6. مەھسۇلات شەرتلىك بەلگىسى «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»  نىڭ 15-ماددىسىدىكى مەھسۇلات ياكى ئورالمىغا بېرىلىدىغان شەرتلىك بەلگە تەلىپىگە دائىر بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇشقا ھەمدە ئۇلارغا جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ.


7. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى ياكى تەكۈرۈش يەكۈنى قاتارلىقلارنى يالغاندىن ياسىغانلار خاتالىقنى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ. ئۇلارغا جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.


8. مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت خىزمەتچ خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، يۈز-خاتىرە قىلىپ قانۇنسىزلىق قىلغان، ساختىپەزلىك قىلغان. لېكىن جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.


9. مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان ۋە توسقان، لېكىن زورلۇق كۈچى ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋاستىلىرىنى قوللانمىغانلارغا جامائەت خەۋسىزلىكى ئورگانلىرى ئامانلىقنى ساقلاش-باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جازا بېرىدۇ.
---------------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى