ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى باشقۇرۇش بىلەن بولغان پەرقى

مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى باشقۇرۇش بىلەن بولغان پەرقى

ۋاقتى: 2016-03-30 ئاۋاتلىقى: 706 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» بۇ يەردە!

 

مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى باشقۇرۇش بىلەن بولغان پەرقى 

 

بىرىنجى، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش قوش مەشغۇلاتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. بۇ مۇلازىمەتنى ياخشىلاش بىلەن خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى باشقۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم پەرقىدۇر. خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى باشقۇرۇش چوقۇم بىر مۇلازىمەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش بولسا چوقۇم مۇلازىمەتتە خاتالىق چىققان نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر بىر مۇلازىمەتنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندا، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشقا كېتىدىغان دەسمايە تېز سۈرئەتتە ئۆرلەيدۇ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ ئۈنۈمىمۇ خېلى بەك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

 

ئىككىنچى، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئاكتىپ بولۇشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى باشقۇرۇشنىڭ بىر ئىنتايىن مۇھىم ئالاھىدىلىكى بار، يەنى پەقەت خېرىدار ئاغرىنغان ۋاقىتتىلا كارخانا ئاندىن تەدبىر قوللىنىدۇ، خېرىدارلارغا تەسەللىي بېرىدۇ، خېرىدارلارنى رازى قىلىپ قايتۇرىدۇ. ئەمما ۋاشىنگتوندىكى بىر ئىسمى TRAP بولغان تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، مەسلىسى بار خېرىدارلارنىڭ پەقەت %4لا كارخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىگە بېرىپ ئاغرىنغان ياكى ئەرز قىلغان، %96 خېرىدار بولسا ئاغرىنمىغان، بىراق ئۇلار توققۇز-ئوندەك كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئاغرىنىشىنى ئېيىتقان. 

 

خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى باشقۇرۇشتىكى «ئاغرىنمىسا بىر تەرەپ قىلماسلىق» پىرىنسىپى خېرىدارلارنىڭ مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىنى ھېس قىلىش ۋە خېرىدارلارنىڭ رازى بولۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ساداقىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ كارخانىنى رىقابەتتە پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەمما مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئوخشىمايدۇ، ئۇ مۇلازىمەتنى تەمىنلىگۈچىلەردىن ئاكتىپلىق بىلەن مۇلازىمەتتىكى سەۋەنلىكلەرنى بايقاپ ھەم ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ئۇنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ خىل باشقۇرۇش شەكلى ئېنىقلا خېرىدارلارنىڭ رازى بولۇشىنى ھەم ساداقىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.

 

ئۈچىنچى، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش بىر پۈتۈن جەريان بولۇپ، ھەممە خادىملار قاتنىشىش خاراكتېرىدىكى باشقۇرۇش خىزمىتى. خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى باشقۇرۇشنى بولسا مەخسۇس بۆلۈملەر ئېلىپ بارىدۇ، بۆلەكلىك باشقۇرۇش خىزمىتىدۇر. ئادەتتە، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئېنىق بولغان نەق مەيدانلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، مۇلازىمەت ئېلىپ بارىدىغان كارخانىدىكى بىرىنچى سەپ خادىملىرى نەق مەيداندا ۋاقتىدىلا تەدبىر قوللىنىدۇ، مەخسۇس خادىملار كېلىپ خېرىدارلارنىڭ ئاغرىنىشىنى ھەل قىلىپ يۈرمەيدۇ.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى