ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىناۋەتلىك كارتا ئىستېمالى ۋە ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

ئىناۋەتلىك كارتا ئىستېمالى ۋە ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

ۋاقتى: 2016-03-14 ئاۋاتلىقى: 894 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىناۋەتلىك كارتا ئىستېمالى بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى. بىراق بەزى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىش ساۋاتى يېتەرلىك بولمىغاچقا، بەزى ئاۋارىچىلىكلەردىن خالىي بولالمايۋاتىدۇ.
 
ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى
بىرىنچىدىن، كارتىغا پۇل ئامانەت قويماي تۇرۇپ ئاشۇرۇپ ئىستېمال قىلسىڭىز، ئىستېمال قىلغان پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايسىز. ئىككىنچىدىن، ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلىش بىخەتەر ھەم قولايلىق بولۇپ، نومۇر جۇغلاش ۋە سوۋغات ئېلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايسىز. ئۈچىنچىدىن، ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقانداق يېرىدە بانكا بىرلەشمىسىنىڭ بەلگىسى بار ئاپتوكاسسىدىن نەق پۇل ئالالايسىز ياكى كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلالايسىز. تۆتىنچىدىن، كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلغاندا ۋە نەق پۇل ئالغاندا جۇغلانما نومۇر قوشۇلۇپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرى ۋە چەك تارتىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا ئېرىشەلەيسىز. بەشىنچىدىن، بەزى ئالاھىدە ئىناۋەتلىك كارتىلارنىڭ قوشۇمچە كارتىلىق ئالاھىدە ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئەر – ئاياللارنىڭ روزغارچىلىقنى ئورتاق باشقۇرۇشى ياكى پەرزەنتلەرنىڭ مالىيە چىقىمىنى ئىگىلىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئالتىنچىدىن، ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق ئىككى خىل ئىستېمال قىلىش شەكلىنى تاللىسىڭىز، بۇنداق كارتىلارنى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئىشلىتەلەيسىز ھەم خەلق پۇلى ھېسابىدا پۇل قايتۇرالايسىز. يەتتىنچىدىن، ھەر قانداق بانكا ئىناۋەتلىك كارتىغا قارىتا 24 سائەت ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئىناۋەتلىك كارتىڭىزنىڭ يوقالغانلىقىنى ئىناۋەتلىك كارتا باشقۇرۇش مەركىزىگە ۋاقتىدا مەلۇم قىلسىڭىز، ئىناۋەتلىك كارتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنالايسىز. سەككىزىنچىدىن، دۆلەت ئىچىدە قوللايدىغان ئىناۋەتلىك كارتا ھېسابىنى باشقۇرۇش سۇپىسى سودا جەھەتتە ھەمكارلاشقان كارتا ئىگىلىرىنى ئېتىبار مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
#p#
ئىناۋەتلىك كارتا ئىستېمالىدا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
 
بىرىنچىدىن، ئىناۋەتلىك كارتا ئىستېمالىدا قارىغۇلارچە كارتا بېجىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ كۆپ بولۇشى ئىستېمالچىلارغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئىناۋەتلىك كارتا كۆپ بولسا كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىك ۋە ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرىدۇ. شۇڭا ئىستېمالچىلار ئىناۋەتلىك كارتىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېجىرىشى، ئىناۋەتلىك كارتا سانىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىناۋەتلىك كارتا ئىستېمالىدا پۇل قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. ئەمەلىيەتتە ھەر بىر بانكىنىڭ ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتى كارتا سىيرىپ ئىستېمال قىلغان كۈندىن باشلاپ، ئەڭ ئاخىرقى پۇل قايتۇرۇش كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى كۈن سانىغا قارىتىلغان بولۇپ، بانكىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا سىيرىپ ئىستېمال قىلغان پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن: سودا – سانائەت بانكىسىنىڭ ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتى 56 كۈن بولۇپ، مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە قەرز قىلغان پۇلنى كارتىغا قايتۇرۇۋەتسە ئۆسۈم ئېلىنمايدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن قەرەل ئىچىدە قەرزنى قايتۇرمىسا كارتا ئىگىسىنىڭ ناچار ئىناۋەت خاتىرىسى خەلق بانكىسىنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ. شۇڭا كارتا ئىگىلىرى ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش كۈن سانىنى توغرا ھېسابلاپ، بانكا ھەر ئايدا تارقاتقان ھېساب خاتىرىلەش تالونىنى ئۆلچەم قىلىپ، قايتۇرۇلىدىغان پۇلنى ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، كارتا ئىگىلىرى شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىشتە، بانكا تەمىنلىگەن مۇنتىزم يوللار ئارقىلىق ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلىش، تۇغۇلغان كۈنى، كىنىشكا نومۇرى ۋە ئاددىي سانلارنى ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ مەخپىي نومۇرى قىلىپ بېكىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، تور بانكىسىدىكى ئىستېمال چىقىمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تور بانكىسى ئارقىلىق ئالدىن ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن، تور ئادرېسىنىڭ توغرا بولغان – بولمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىستېمال قىلىش، تور بانكىسىدىكى ئالدىن ئىستېمال قىلىش سودىسى تاماملانغاندىن كېيىن، توردىكى بانكىدىن ۋاقتىدا چېكىنىپ چىقىش، ئاممىۋى تورخانىلاردا تور بانكىسىغا چىقىپ ئالدىن ئىستېمال قىلىش سودىسىنى بېجىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىشتىن ئاۋۋال ئالاقىدار ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن تونۇشۇش كېرەك. كۆپ ساندىكى بانكا ئىناۋەتلىك كارتىغا قارىتا يىللىق باشقۇرۇش ھەققى ئالىدۇ. بەزى بانكىلار ئىناۋەتلىك كارتا سىيرىش سوممىسى ياكى كارتا سىيرىش قېتىم سانى مەلۇم چەككە يەتكەندە ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ يىللىق باشقۇرۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. بەزى بانكىلار ئىناۋەتلىك كارتىلارنىڭ جۇغلانما نومۇرىنى يىللىق باشقۇرۇش ھەققىگە ئالماشتۇرىدۇ. دېمەك، ئوخشىمىغان بانكىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىلاردىن يىللىق ھەق ئېلىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئالتىنچىدىن، كىملىك بىلەن ئىناۋەتلىك كارتىنى بىرگە ساقلىماسلىق ۋە كارتا سىيرىغاندا بېرىلگەن تالونلارنى قالايمىقان تاشلىماسلىق ھەم ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى