ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
پۇل-مۇئامىلە - دىكى يازمىلار
  • ما يۈن دوختۇرخانا، مېترو، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى

    ۋاقتى: 2015-12-30 ئاۋاتلىقى: 1439 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    ما يۈن دوختۇرخانا، مېترو، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىگە يۈرۈش قىلدى


    پۇل تۆلەش گۆھىرى «قوش 12» مال سېتىۋېلىش بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بىر ھەپتە بولا-بولمايلا، يەنە بىر قاتار كىشى ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى ئاشكارىلىدى. ما يۈن ئارقا-ئارقىدىن بانكا، دوختۇرخانا، مېترو، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئاتلاندى.
    1. ئىنتېرنېت + مېترو: پۇل تۆلەش گۆھىرى بىلەن بىۋاسىتە بېلەت سېتىۋېلىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.


    يېقىندا، گۇاڭجۇ ۋە شېنجېن مېتروسى پۇل تۆلەش گۆھىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە بېلەت سېتىۋېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، يولۇچىلار پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق چىقىدىغان، چۈشىدىغان بېكەتنى ۋە بېلەت سانىنى تاللىغاندىن كېيىن، مېترو بېكىتىدىكى كودنى سايىلەش ئارقى...
  • كىشىلەر نېمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-08-27 ئاۋاتلىقى: 959 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 26
    بىز پاي چېكى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۇق. ئەمدى كىشىلەر نېمە ئۈچۈن پاي چېكى سېتىۋالىدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كېلەيلى، كىشىلەرنىڭ پاي چېكى سېتىۋېلىپ شىركەتكە مەبلەغ قوشۇشىدىكى مەقسەت شىركەت پايدىسىغا شىرىك بولۇش ئۈچۈندۇر. بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىدە كىشىلەر پەقەت مەلۇم شىركەتكە مەبلەغ سېلىش مەقسىتى بىلەن پاي چېكى سېتىۋېلىپ، بۇ پاي چېكىنى نەچچە ئون يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ساقلاپ، شىركەتنىڭ پايدا تەقسىم قىلىشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بىراق بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس. چوڭگونىڭ پاي چېكى تېخى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان يېڭىچە بىر بازار بولغاچقا، پاي چېكى ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىمۇ تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلگىنى يوق. شۇ سەۋەبتىن، پاي ھەسسىدارلىق شىركەت...
  • ئائىلە روزغارچىلىقىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىمىز؟

    ۋاقتى: 2015-08-08 ئاۋاتلىقى: 774 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    ئائىلە ئىقتىسادىنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش بەختلىك ۋە ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ .    ئائىلە روزغارچىلىقى تار مەنىدىن ئېيتقاندا، كارخانىلارنىڭ روزغار باشقۇرۇش ۋە بوغالتىرلىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئائىلىنىڭ كىرىمى ۋە چىقىمىنى پىلانلاپ ۋە باشقۇرۇپ، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئائىلە روزغارچىلىقى ئىجتىمائىي بايلىقلارنى تېجەپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تېخنىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئائىلە روزغارچىلىقى كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تېجەش پىرىنسىپى بويىچە، بىر ئائىلىنى كۆزلىگەن ئىقتىسادىي نىشانغا يەتكۈزىدۇ.    ئائىلە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ۋە بايلىقنىڭ جۇغلىنىشى، شۇنداقلا روزغارچىل...
  • شىنجاڭدا 4 مىليارد 600 مىليون ياشلىق مېتېئورىت تاشقا 80 مىليون باھا قويۇلدى

    ۋاقتى: 2015-07-17 ئاۋاتلىقى: 753 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 64

    شىنجاڭدا 4 مىليارد 600 مىليون ياشلىق مېتېئورىت تاشقا 80 مىليون باھا قويۇلدى

    12-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر پارچە ئادەمنىڭ مۇشتۇمىدەك چوڭلۇقتىكى بىر پارچە مېتېئورىت تاشقا 80 مىليون باھا قويۇلغان بولۇپ، بۇ تاش ئۈرۈمچىدىكى بىر مېتېئورىت دۇكىنىنىڭ ئوتتۇرىغا تىزىپ قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۇزۇلۇقى 15 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 8 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 434 گىرام كېلىدۇ. 




    ئىگىلىنىشىچە، بۇ تاشقا ئاسمان پەلەك باھا قويۇلۇشىدىكى سەۋەب، بۇ بىر «ۋاسىتىسىز مېتېئورىت تاش» بولۇپ،  2009-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭنىڭ گوچۇڭ ناھ...
  • بانكا جۇغلانما نومۇرىنىڭ قىممىتى قانچىلىك؟

    ۋاقتى: 2015-06-24 ئاۋاتلىقى: 645 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    تەتىل كېلىش بىلەنلا ئىستېمالچىلارنىڭ كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلىش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئىستېمالچى مەيلى دۇكانلاردىن مال سېتىۋالغاندا بولسۇن ياكى توردىن مال سېتىۋالغاندا بولسۇن، ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق پۇل تۆلەشكە ئادەتلىنىپ كەتتى. «يېنىمىزدىن نەق پۇل چىقارمايمىز، يەنە تېخى جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشەلەيدىغان تۇرساق، نېمە ئۈچۈن ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتمىگۈدەكمىز؟» دېيىشىدۇ بەزى ئىستېمالچىلار. ئەمما مۇخبىرنىڭ زىيارەت جەريانىدا بايقىشىچە، بەزى دۇكانلاردا ياكى تور بېكەتلىرىدە ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلغاندا جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى نۇرغۇن كىشى بىلمەيدىكەن. 
    توردىن خەلق پۇلى ئارقىلىق مال سېتىۋالغاندا ياكى ئالاھىدە ئىستېمال تۈرلىرى ئۈچۈن چىقىم قىلغاندا نومۇر جۇغلانمايدۇ  مۇخبىرنىڭ نۇرغۇن بان...
  • ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئالتۇننى پۇل قىلىپ تاللايدۇ؟

    ۋاقتى: 2015-06-13 ئاۋاتلىقى: 758 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 17
    كىشىلەر ئالتۇنغا نىسبەتەن باشقىچىلا كۆز قاراشتا: خىمىيە ساھەسىدە، بۇ ئېلېمېنتنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق، ھېچقانداق بىر ئېلېمېنت بىلەن رېئاكسىيەگە كىرىشەلمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ خىمىيەلىك ئېلېمېنتلار جەدۋىلىدىكى 118 خىل ئېلېمېنت ئىچىدە، پەقەت ئالتۇنلا ئىزچىل ھالدا كىشىلەرنىڭ پۇل ئوبوروتىدىكى تاللىشى بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا بۇ نېمە ئۈچۈن؟ نېمىشقا ئوسمىي، خروم، ياكى گېلىينى تاللمايمىز؟ 
    ئاددىي چىقىرىۋېتىش ئۇسۇلى مەن بۇ سوئالنى سورىغان تۇنجى كىشى ئەمەس ئەلۋەتتە، ئەمما مەن بۇ سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان جاي بۇ سوئالغا ئەڭ مۇۋاپىق. مەن ھازىر ئەنگىلىيە دۆلەتلىك مۇزېيىدىكى «دەسلەپكى كولۇمبۇ دەۋرى ئالتۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» نەق مەيدانىدا تۇرۇپتىمەن. دەل مۇ...
  • لاڭ شيەنپىڭ: ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا بانكا ھېچكىمگە تىنمايدىغان سىرلار

    ۋاقتى: 2015-04-19 ئاۋاتلىقى: 1007 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

      ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدا بانكا ھېچكىمگە تىنمايدىغان سىرلار

     

    ئەگەر سىز ئىناۋەت كارتىسى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى سىرلارنى چۈشىنىۋالسىڭىز، بىزنىڭ ئىستېمالىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلەيسىز؛ ئەگەر چۈشەنچىگە ئىگە بولمىسىڭىز مەنپەئەت يۈككە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.  تۆۋەندە ئىناۋەت كارتىسى توغرىسىدىكى سىرلارنى بىرلىكتە ئېچىپ باقايلى.

     


    بىرىنچى، ھېساباتنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىسىمۇ يەنىلا رەسمىيەت ھەققى ئېلىش


     مىسال: لى لى بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا خۇاشىيا بانكىسىنىڭ ئىناۋەت كارتىسىنى ئىشلىتىپ 9000 يۈەنلىك سىفىرلىق ئاپپاراتتىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدى. پۇلنىڭ سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، بىر قېتىمدىلا ھەمممىنى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمە...

  • پاي چېكى ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە پاي چېكى

    ۋاقتى: 2015-03-10 ئاۋاتلىقى: 750 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    پاي چېكى ھەققىدە پاراڭ بولغاندا كىشىلەر ھازىر ئانچە غەيرى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. گەرچە ئۆزىڭىز پاي چېكى ئويناپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى تونۇش-بىلىشلىرىڭىز، خىزمەتداش ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا ياكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئىچىدە ئۇنى ئويناپ باققانلار بولۇشى مۇمكىن. سىزمۇ پاي چېكى بازىرىغا بېرىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولغانسىز، بىراق چۈشىنىش بىر قەدەر تەس بولغان پاي چېكى بازىرىنىڭ گاھ ئۆرلەپ، گاھ چۈشۈشلىرىگە، بۇ بازاردىكى 1200 دىن ئارتۇق شىركەتلەرنىڭ خىلمۇ خىل پاي چېكىلىرىگە قاراپ قاياقتىن قول سېلىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. مەزكۇر يازمىنىڭ سىزنىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن دەسلەپكى قەدەمدە خەۋەردار بولۇشىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تېگەر، دەپ ئويلايمەن.
    پاي چېكىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال پاي ھەسسىد...
  • ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭ (1)

    ۋاقتى: 2015-03-08 ئاۋاتلىقى: 636 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 37

    1. ﺑﺎھا ﻗﺴﯩﻤﻰ
    ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ (ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ) [开盘价]
    ﺷﯘ كۈﻧﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ كېيىن، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎھاﺳﯩﻨﻰ كۆﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ 30 ﻣﯩﻨﯘﺗﻘﯩﭽﻪ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺗﻮﻧﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

    ﻳﯧﭙﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ (ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﺑﺎھاﺳﻰ) [收盘价]
    ﺷﯘﻛﯘﻧﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭘﺎﻱ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎھاﺳﯩﻨﻰ كۆﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
    ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎھاﺳﻰ [最高价]
    ﺷﯘﻛﯘﻧﻰ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎھاﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎھاﻧﻰ كۆرسىتىدۇ.
    ﺋﻪﯓ ﺗﻮﯞﻩﻥ باھاﺳﻰ [最低价]
    ﺷﯘﻛﯘﻧﻰ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ باھاﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﯞﻩﻥ باھاﻧﻰ كۆرسىتىدۇ.


    ﻗﻮﻝ [手]
    ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﭘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 100 ﺗﺎﻝ ﭘﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘﺎﻧﺪ...

  • بىلىم ئومۇملاشتۇرۇش: ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز قايتۇرۇش كۈنىنى قانداق ھېسابلايدۇ؟

    ۋاقتى: 2014-06-18 ئاۋاتلىقى: 1080 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0

     بىلىم ئومۇملاشتۇرۇش: ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز قايتۇرۇش كۈنىنى قانداق ھېسابلايدۇ؟

     

    ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز قايتۇرۇش كۈنى دېگەن نېمە؟

     

    ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرەلى توشۇپ قەرز قايتۇرۇش كۈنى ئىناۋەتلىك كارتىنى تارقاتقان بانكا كارتا ئىگىسىدىن تۆلەشكە تېگىشلىك پۇللارنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كۈننى كۆرسىتىدۇ. يەنى كارتا تارقاتقان بانكا ھېسابات تالونى چىقارغاندىن كېيىن، سىز قەرەلى توشۇپ قەرز قايتۇرۇش كۈنىدىن بۇرۇن ئۆزىڭىز بۇرۇن خىراجەت قىلغان راسخوتنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بولۇشىڭىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە قەرەلى توشۇپ قەرز قايتۇرۇش كۈنى دەل ئۆسۈمسىز قەرز قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، بۇنىڭدىن بۇرۇن قەرز قايتۇرسا ئۆسۈم ئېلىنمايدۇ، ئەڭ ئاخىرقى قەرز قايتۇرۇش كۈنىدىن ئۆتۈپ كەتكىچە قەرز قايت...

  • باش ھەرپى «M3W9»دىن باشلانغان ساختا پۇل شەھىرىمىزگە كىردى

    ۋاقتى: 2014-03-20 ئاۋاتلىقى: 716 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 38

    ئەگەر باش ھەرپى «M3W9»دىن باشلانغان 100 يۈەنلىك پۇلنى كۆرسىڭىز دىققەت قىلىڭ. گۇاڭدۇڭ، شەندڭ قاتارلىق جايلاردا بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا باش ھەرپى «M3W9»دىن باشلانغان بىر تۈركۈم ساختا پۇللار بايقالغان، لېكىن يېقىندا شەھىرىمىزدىمۇ پەيدا بولدى.

     سۈرەتتە: باش ھەرپى«M3W9»دىن باشلانغان ساختا پۇل

     بۇ خىل ساختا پۇلنىڭ ئوڭ يۈزى راست پۇل بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بەش تۈرلۈك چىنلىق بەلگە ئالاھىدىلىكى بۇ ساختا پۇللاردىمۇ بار ئىكەن، يەنى: 100 يۈەنلىك پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ سول تەرىپىدىكى رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن سۇ باسمىسى بار ئىكەن؛ سول تەرەپنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدە باسما مېيىدا بېسىلغان رەقەمنىڭمۇ رەڭگى ئۆزگىرىدىكەن؛ قەغەز پۇلنىڭ ئاق سۇ باسمىسى، ئويما باسم...

  • قانداق قىلغاندا ئۆسۈمدىن ئۈنۈملۈك مەنپەئەتلەنگىلى بولىدۇ؟

    ۋاقتى: 2013-10-31 ئاۋاتلىقى: 570 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 4
    مەركىزى بانكا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە بىر قېتىم تەڭشىدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، مەركىزى بانكا بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە، بىر يىل ئىچىدىكى قەرللىك ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى خېلى ئۆستۈردى. مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇشۇنداق تەڭشەش ئارقىلىق ئاھالىلەرنى ئارتۇق پۇللىرىنى قىسقا مۇددەتلىك ئامانەت قويۇشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنداقتا، قانداق ئامانەتنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدۇ؟   1. ئامانەت ۋاقتىنى قىسقارتىش. بۇلتۇرقى بىر نەچچە قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنى ھەقىقەتەن تەمتىرىتىپ قويدى. پۇلنى ئۇياقتىن بانكىغا ئامانەت قويۇشىغىلا، بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پۇلىنى ئېلىۋېلىپ، باشقىدىن ئامانەت قويۇش ئۈچ...
  • فوندقا مەبلەغ سېلىشتا كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت خاتالىق

    ۋاقتى: 2013-10-31 ئاۋاتلىقى: 610 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    نۆۋەتتە، فوندقا مەبلەغ سالغۇچىلاردا مۇنداق تۆت خاتا قاراش ساقلانماقتا: بىرىنچى، بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىش قارىشى. بەزىلەر پاي ياكى فوندقا مەبلەغ سېلىپ نەچچە كۈنگىچە پايدا ئالالمىسا ئىچى تىتىلداپ كېتىدۇ. فوند سېتىۋالغاندا، ئاۋۋال ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، فوندنىڭ تۈرىنى، مۇنەۋۋەر فوند باشقۇرۇش شىركىتىنى ياخشى تاللاش لازىم. فوند تاللىغاندا، فوندقا ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەتراپلىق ئىگىلىگەندە، ئۆزى تاللىغان فوندقا نىسبەتەن كۆڭلىدە سان بولىدۇ. شۇنىڭدا بىر _ ئىككى كۈنلۈك داۋالغۇش كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىش خىيالىدىمۇ بولمايدۇ. ئىككىنچى، فوند بازىرىدا بىر يۈەنلىكمۇ، تۆت يۈەنلىكمۇ، ئالتە يۈەنلىكمۇ فوند بار. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەرزان فوند ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىر يۈەنلىك پىۋا 500 مىللىلېتىر بولسا، ئىككى يۈەنلىك پىۋا 1000 مىللىلېتىر بولىدۇ. شۇنى...
  • بىر نەچچە خىل زايوم ۋە ئۇلارغا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى

    ۋاقتى: 2013-09-27 ئاۋاتلىقى: 786 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 5
    زايوم مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلىمىز ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تارقىتىدىغان باھالىق چەك بولۇپ، زايومغا مەبلەغ سېلىش نۆۋەتتە ئائىلە روزغارچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر تۈرىدۇر، ئۇ ھۆكۈمەت ئىناۋىتى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر خىل پۇل مۇئامىلە قورالى. ھازىر تارقىتىلىۋاتقان زايوملار دوكۇمېنتلىق زايوم، ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايوم ۋە پۇل ئامانەت زايومى دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. دوكۇمېنتلىق زايوم بىلەن ھېساب خاتىرىلەيدىغان زايومنىڭ تارقىتىلىش ئۇسۇلى، ئوبوروت قىلىنىش، ئۆتۈنۈپ بېرىلىش ۋە دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق بار.
    دوكۇمېنتلىق زايومنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ سېتىۋالسا بولىدۇ. دوكۇمېنتلىق زايومغا زايوم سېتىۋېلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ، ئىسمى يېزىلىدۇ ۋە يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغىلى بولىدۇ...
  • ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭ (2)

    ۋاقتى: 2012-11-18 ئاۋاتلىقى: 683 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 34

     ﭘﺎﻱ چېكى ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ

    ﭘﺎﻱ چېكى ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ دېگىنىمىز ﭘﺎﻱ چېكىنى ﺋﯧﻠﯩﭗ-ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
    ﭘﺎﻱ ﭼﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ، ﺑﺎﺯﺍﺭ كۈﻧﯩﺪﻩ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ.
    ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ دېگىنىمىز ﭘﺎﻱ ﭼﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﺭﯗﻥ. ﺟﯘڭگوﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﯧﻨﺠﯩﻦ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ.
    ﺑﺎﺯﺍﺭ كۈﻧﻰ دېگىنىمىز ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ كۈﻧﻨﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺩﯗﺷﻪﻧﺒﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﻣﻪﮔﯩﭽﻪ ﻫﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﻪﺵ كۈن ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﻪﻧﺒﻪ، ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ كۈنلىرى، ﺩﻭﻟﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ كۈنلىرى ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.
     


    ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﻰ: ھەﺭ كۈنى ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻥ 7:30 ﺩﯨﻦ 9:30 ﻏﯩﭽﻪ، ﭼﯘﺷﺘﻪ 11:00 ﺩﯨﻦ 13:00 ﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (ئۈرۈﻣﭽﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ) ، ﺑﺎﺯﺍﺭ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﻮﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺳﻮﺩﯨﻼﺷﻘ...

  • پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن سۇغۇرتىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

    ۋاقتى: 2012-11-08 ئاۋاتلىقى: 642 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 0
    بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن جاڭ ئەپەندى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى خىزمەت، ئائىلىگە سەرپ قىلىپتىمەن، بالىلىرىممۇ خىزمەتكە چىقتى، ئۆيلۈك-ئوچاقلىقمۇ بولدى، مەنمۇ پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، ساياھەتكە چىقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» جاڭ ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پېنسىيەگە چىققانلار تىنچ تۇرمۇشقا موھتاج، ئۇلار جىسمانىي بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى، شۇنداقلا مال-مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
    سۇغۇرتا پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ يۇقىرىدىكى تەلەپلىرىگە ماس كېلىدۇ.
    ئۇنداقتا، پېنسىيەگە چىققانلار قانداق سۇغۇرتىنى تاللىشى كېرەك؟ «ياڭگۇاڭ» ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتىدىكى چېن بىڭ مۇنداق دەيدۇ: پېنسى...
  • بىرىنچى ئەۋلاد پۇل كىرىزىسى مودېلىنىڭ ئالاھىدىلىكى

    ۋاقتى: 2012-09-22 ئاۋاتلىقى: 574 قېتىم باھالار: 0 پارچە ياقتۇرغانلار: 1
    بىرىنچى ئەۋلاد پۇل كىرىزىسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار: 1. ئۇ پۇل كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ماكرو ئىقتىساد سىياسىتى ۋە مۇقىم پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىنىڭ بىردەك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز بولغان كىرېدىتنىڭ كېڭىيىش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي ئىقتىسادنىڭ ناچارلىشىشى پۇل كىرىزىسى يۈز بېرىشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى دەپ قارايدۇ. 2. كىرىزىس يۈز بېرىش پىرىنسىپىدا ئۇ بىر تەرەپتىن كىرېدىت كېڭىيىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تەكىتلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ھايانكەشلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زاپاسنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەككە تۆۋەنلىشىنى كىرىزىس يۈز بېرىشنىڭ ئادەتتىكى جەريانى دەپ قارايدۇ. بىراق كىرېدىت كېڭىيىشى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە پۇل كىرىزىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە بەك ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەن ۋە فورمۇلالاشتۇرۇۋەتكەن....
جەمئىي 1 بەت/17پارچە ئۇچۇر