ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قانداق قىلغاندا ئۆسۈمدىن ئۈنۈملۈك مەنپەئەتلەنگىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا ئۆسۈمدىن ئۈنۈملۈك مەنپەئەتلەنگىلى بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-11-10 ئاۋاتلىقى: 563 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەركىزى بانكا بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە بىر قېتىم تەڭشىدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، مەركىزى بانكا بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە، بىر يىل ئىچىدىكى قەرللىك ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى خېلى ئۆستۈردى. مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇشۇنداق تەڭشەش ئارقىلىق ئاھالىلەرنى ئارتۇق پۇللىرىنى قىسقا مۇددەتلىك ئامانەت قويۇشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان.
ئۇنداقتا، قانداق ئامانەتنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدۇ؟  
1. ئامانەت ۋاقتىنى قىسقارتىش. بۇلتۇرقى بىر نەچچە قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنى ھەقىقەتەن تەمتىرىتىپ قويدى. پۇلنى ئۇياقتىن بانكىغا ئامانەت قويۇشىغىلا، بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈردى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پۇلىنى ئېلىۋېلىپ، باشقىدىن ئامانەت قويۇش ئۈچۈن بىر مۇنچە ئاۋارە بولدى مەركىزى بانكا بۇ يىلمۇ ئۆسۈم نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرىشى مۇمكىن. پۇلنى تېخىمۇ كۆپرەك ئامانەت قويۇپ ئېلىپ ئايلاندۇرماقچى بولغانلار قەرەلى قىسقىراق ئۈچ ئايلىق، ئالتە ئايلىق ئامانەتلەردىن باشقا، يەنە يەتتە كۈن ئاۋۋال ئۇقتۇرۇپ قويۇپ ئېلىۋالىدىغان ئامانەتتىن شاخلىغان ‹‹ھەر ھەپتىدە پايدا ›› ئالىدىغان پەۋقۇلئاددە قىسقا مۇددەتلىك ئامانەتنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ پايدىسى قەرەلسىز ئامانەتنىڭ پايدىسىنىڭ ئىككى - ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
2. ھازىر نۇرغۇن بانكىلار ‹‹ پەۋقۇلئاددە قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىساد باشقۇرۇش تۈرلىرى›› نى يولغا قويدى، بۇلارنىڭ دەۋرىي قەرەلى يەتتە كۈن بولۇپ، يىللىق پايدا نىسبىتى ئادەتتە %10 ئەتراپىدا بولىدۇ.
3. ھازىر، كۆپلىگەن بانكا ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىساد باشقۇرۇش تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بازار ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىساد باشقۇرۇش تۈرلىرىنى بازارغا سالدى. بۇلارنىڭ كۆپلىرىنىڭ مۇددىتى بىر يىل، بەزىلىرىنىڭ بىر ئايلا بولسىمۇ، يىللىق پايدا نىسبىتى %6 كە يېتىۋاتىدۇ.
4. پۇل سودىسى فوندىنى سېتىۋېلىش. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۈرلەرنىڭ مەبلەغ چەكلىمىسى بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن چېكى 50 مىڭ يۈەن. بۇنىڭ ئەكسىچە پۇل سودىسى فوندىدا مەبلەغ چەكلىمىسى بولمايدۇ. ئۇنى ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش، ھەق تۆلەپ ياندۇرىۋېلىشتا ھاۋالە قىلىپ 3-كۈنىدە ھېساباتقا كىرىدۇ. بۇ بىر ھەپتە ئىچىدىلا مەبلەغنى قايتۇرۇپ كەلگەنگە باراۋەر. ئۇنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، پايدا نىسبىتى بىر يىللىق قەرەللىك ئامانەتنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى