ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەكچى شەخسەن ئىدارە بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەندە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانداق رول ئوينايدۇ؟

ئەمگەكچى شەخسەن ئىدارە بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەندە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانداق رول ئوينايدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 374 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەمگەكچى شەخسەن ئىدارە بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەندە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانداق رول ئوينايدۇ؟

جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى تۈزۈشى ۋە ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ، شۇنداقلا ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن كوللېكتىپ مەسلىھەتلىشىش مېخانىزمى قۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزنىڭ «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى»دىمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىلىمە بار: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەكچىلەرنىڭ كارخانا ۋە كارخانىلاشقان باشقۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسپىي ئورۇنلار بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىشىغا ياردەم قىلىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

شۇڭا، ئەمگەكچى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈشتىن بۇرۇن، بەزى ماددىلاردىن شۈبھىلەنسە ياكى بىر قىسىم مەزمۇنلارنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمىسە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ياردەم ئىزدىسە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئۆتۈنسە ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن بەزى ئىشلار توغرىسىدا ئىدارە بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەمگەكچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ زور چەكتە قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى