ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن سۇغۇرتىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن سۇغۇرتىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-01-20 ئاۋاتلىقى: 641 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن جاڭ ئەپەندى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى خىزمەت، ئائىلىگە سەرپ قىلىپتىمەن، بالىلىرىممۇ خىزمەتكە چىقتى، ئۆيلۈك-ئوچاقلىقمۇ بولدى، مەنمۇ پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، ساياھەتكە چىقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» جاڭ ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پېنسىيەگە چىققانلار تىنچ تۇرمۇشقا موھتاج، ئۇلار جىسمانىي بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى، شۇنداقلا مال-مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

سۇغۇرتا پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ يۇقىرىدىكى تەلەپلىرىگە ماس كېلىدۇ.
ئۇنداقتا، پېنسىيەگە چىققانلار قانداق سۇغۇرتىنى تاللىشى كېرەك؟
«ياڭگۇاڭ» ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتىدىكى چېن بىڭ مۇنداق دەيدۇ: پېنسىيەگە چىققانلار جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىدا مەبلەغ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان سۇغۇرتا تۈرلىرىنى تاللىسا بولىدۇ، جىسمانىي كاپالەتكە بەكرەك يۈزلەنگەن خېرىدارلار ئەنئەنىۋى سۇغۇرتىغا ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، قوش كاپالەتلىك سۇغۇرتا، يىللىق سۇغۇرتا، پايدا تەقسىملىنىدىغان سۇغۇرتا قاتارلىقلار. بۇ تۈردىكى سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى ئاساسىي ئۆمۈر سۇغۇرتىسى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىنى ئاساس قىلىپ، ئەڭ تۆۋەن پايدىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا كاپالەت قىلىش ۋە قوش ئۆسۈملۈك ئامانەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەنئەنىۋى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى كاپالىتىدا سېلىنما پايدىسى مۆلچەرلەنگەن ئۆسۈم نىسبىتىدىن تۆۋەن بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، مال-مۈلۈكنى ئىشلىتىش خەۋپ-خەتىرىنى سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
چېن بىڭ مۇنداق دەيدۇ: مال-مۈلۈك كاپالىتىگە يۈزلەنگەن خېرىدارلار يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى، مەسىلەن، سېلىنما تۇتاشتۇرۇش سۇغۇرتىسى، ئۇنىۋېرسال سۇغۇرتا قاتارلىقلارنى تاللىسا بولىدۇ. بۇنداق مەھسۇلاتلار پېنسىيەگە چىققانلارنى ھاياتلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، خېرىدارلارنى سۇغۇرتا شىركىتى باشقۇرغان مەبلەغ سېلىش پائالىيىتىگە بىۋاسىتە قاتناشتۇرىدۇ، كاپالەتنامىنىڭ قىممىتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش نەتىجىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ. بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى سۇغۇرتا ھەققىنى جانلىق تەڭشىگىلى، ئېھتىياجغا ئاساسەن سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش سوممىسىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.
«پىڭئەن» ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتى بېيجىڭ شۆبە شىركىتىنىڭ روزغار خادىمى جاڭ جيەن مۇنداق دەيدۇ: پېنسىيەگە چىققانلار سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ياكى كېسەلخانىدا يېتىش تولۇقلىمىسى تۈرىدىكى سۇغۇرتىدىن بىرنى قوشۇمچە قىلىپ تاللاپ، ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلانسا بولىدۇ.
جاڭ جيەن مۇنداق دەيدۇ: ياشانغانلار سۇغۇرتا سېتىۋالغاندا ئۈچ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى كېرەك، بىرىنچىدىن، ئاۋۋال كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، ئاندىن روزغارچىلىق قىلىشى كېرەك، يۇقىرى سوممىلىق تاسادىپىي كاپالەت ئاساس، بۇ ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى خاتىرجەم قىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تاللىغاندا ئاۋۋال دەسمايىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ئاندىن قىممىتى ئاشىدىغان، قىسقا مۇددەتتە پايدا بېرىدىغانلىرىنى تاللىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپ، كەلگۈسىدە ئېلىنىدىغان مىراس بېجىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى