ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارە قايسى ئەھۋاللاردا ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتسا بولىدۇ؟

ئىدارە قايسى ئەھۋاللاردا ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتسا بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-10-26 ئاۋاتلىقى: 519 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىدارە قايسى ئەھۋاللاردا ئىقتىساد سەۋەبىدىن ئادەم قىسقارتسا بولىدۇ؟

 

جاۋاب: «ئەمگەك قانۇنى»دا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن پەقەت ۋەيران بولۇشقا ئاز قېلىپ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە ياكى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەھۋالىدا ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ئەھۋالدىلا ئادەم قىسقارتسا بولىدۇ دەپ بەلگىلگەن. «ئەمگەك توختام قانۇنى» «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىسىنى داۋاملاشتۇرغاندىن سىرت، ئىدارە ئادەم قىسقارتسا بولىدىغان ئۈچ خىل ئەھۋالنى تولۇقلاپ قوشتى:
1.كارخانا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم تېخنىكا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ ياكى تىجارەت ئۇسۇلىنى تەڭشەپ، ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن يەنىلا ئادەم قىسقارتىشقا ئېھتىياجلىق بولسا؛


2.باشقا ئەمگەك توختامىنى تۈزگەن ۋاقىتتا ئاساسلانغان ئوبيېكتىپ ئەھۋاللاردا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولماي قالسا.


3.«كارخانا ۋەيران بولۇش قانۇنى» بىلەن باغلىنىش ئۈچۈن، «ئەمگەك توختام قانۇنى» «ئەمگەك قانۇنى»دىكى «ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ۋەيران بولۇشقا يېقىنلىشىپ قانۇن بويىچە تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە ئادەم قىسقارتسا بولىدۇ» دېگەن بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىدارە «‹كارخانا ۋەيران بولۇش قانۇنى›نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا» ئادەم قىسقارتسا بولىدۇ دەپ بەلگىلىدى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى