ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تارىختىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى: مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي

تارىختىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى: مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي

ۋاقتى: 2016-02-28 ئاۋاتلىقى: 882 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي قەشقەر شەھىرى جانقور غانلىق كاتتا سودىگەر تۇردى ئاخۇننىڭ 3-ئوغلى بولۇپ، ئۇ 1870-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ ئائىلە تەربىيەسىدىن كېيىن دىنىي تەلىم ئالغان. 1898-يىللاردىن باشلاپ ئاكىسى ئەبراباي، ئەسىرا بايلار بىلەن بىرگە چاررۇسىيەدە سودا بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن قەشقەرلىك ئاخۇنباينىڭ نەۋرىسى كېرەم ئاخۇن ھاجىنىڭ (كېرەم ئاخۇن بايۋەتچى) نىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سىچۈەن، چېڭدۇ، خاڭجۇ، سۇجۇ تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىللىرى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سودا قىلىپ كىرگەن. كېيىن كېرەم ئاخۇن ھاجىنىڭ سۇجۇ، خاڭجۇدىكى سودىسىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغان ھەم ئۆزى يەككە تىجارەت قىلغان. ئۇ سۇجۇدىن شاڭخەيگە قاتناپ سودا قىلىش جەريانىدا شاڭخەي شەھىرىنىڭ ھازىرقى فۇجۇلۇ دېگەن يېرىدىكى پاكىستان مەسچىتى يېنىدىن ئىككى پارچە يەر سېتىۋېلىپ، سودا-ساراي ۋە ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئاچقان. بۇ كۈنلەردە پاكىستانلىقلار بېجىرىپ بەرگەن ۋىزا بىلەن ئىچكىرىنىڭ يىپەك توقۇلمىلىرىدىن تاۋار-دۇردۇن، خام يىپەك ۋە شىنجاڭدىن ئېلىپ كەلگەن بۇغا، بۈكەن مۈڭگۈزى، ئەلتېرە (مارىيە)، كۇچا كۆرپىسى قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ دېڭىز يولى بىلەن تۈركىيەگە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ سودا قىلغان تۈركىيەدە بىر تۈرك ئايالغا ئۆيلەنگەن. كېيىن ياپونىيە ئارقىلىق نەنجىڭغا قايتىپ كەلگەن. نەنجىڭدە كىچىك تىپتىكى بىر سەرەڭگە زاۋۇتى ۋە سوپۇن زاۋۇتى قۇرۇپ كارخانا باشقۇرغان ۋە شاڭخەيدىكى سودا-سارىيى ۋە ئاشخانىسىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭ ۋە چەت ئەللىك مۇسۇلمان سودىگەرلەرنى جەلپ قىلغان. 1931-يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، شىنجاڭ ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالغاندىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىشكە ئامالسىز قالىدۇ. 1937-كېرەم ئاخۇن ھاجىمنىڭ ئىنىسى ئۆمەرباي ھاجى ئاخۇنبايوۋ ۋە ئۆزىنىڭ ئاكىسى ئەبراباي، ئەسرا بايلارمۇ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇڭا ئۇ، نەنجىڭ ۋە شاڭخەي ئارىلىقىدا تىجارەت قىلىدۇ. ياپون باسقۇنچىلىرى شاڭخەي ۋە نەنجىڭنى بېسىۋالغاندا ھەر ئىككى جايدىكى مال-مۈلكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ ئۆزى ئامان قالىدۇ. شاڭخەي ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن ئاندا-ساندا تىجارەت قىلىپ. 1949-يىلى ئۆلكە ئازاد بۇلۇش ئالدىدا شىنجاڭغا قايتىپ قەشقەرگە كېلىدۇ. 1950-يىلى تۈركىيە، ياپونىيەدە سودا قىلغانلىقى ئۈچۈن چەت ئەل جاسۇسى دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىنىپ كېسىلىپ كېتىدۇ. 1952-يىل ئاخىرىدا كېسەل بىلەن 82 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. 
مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي بىزگە مەلۇم بولغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەيدە سودا-ساراي قۇرغان تۇنجى ئۇيغۇر سودىگىرى ئىدى. ئۇنىڭ شاڭخەي فۇجۇلۇدا قۇرغان سودا-سارىيى 100 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ چۈشىدىغان سودا - سارىيى. فۇجۇلۇدىكى ھازىرقى خۇيزۇلار باشقۇرغان ئاشخانا ئۇيغۇرلار ( مۇسۇلمانلار ) ئاشخانىسى ئىدى. 
پېشقەدەملەر ۋە ھازىرغىچە شاڭخەيگە بارغان مەيلى سودىگەر، مەيلى ساياھەتچىلەر بولسۇن بۇ كىشىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى