ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 415 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

 

جاۋاب: خىزمەتچى ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئاۋۋال قائىدە-تۈزۈمىدە قايسى ئەھۋاللارنىڭ «ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىشى كېرەك، شۇنداق بولسا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. پەقەت ئەمگەكچى ئەمگەك ئىنتىزامى ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ئەھۋالدىلا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇشۇ سەۋەب بىلەن ئەمگەكچى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

 

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ «ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى» سەۋەبلىك ئەمگەكچى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغاندا، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بۇ «قائىدە-تۈزۈم» قانۇنلۇق تەرتىپتىن ئۆتۈپ تۈزۈلگەن بولۇشى، ھەم شۇنداقلا ئەمگەكچىلەرگە ئېلان قىلىنغان ياكى ئۇقتۇرۇلغان بولۇشى، قانۇنلۇق، كۈچكە ئىگە بولۇشى، ئەمگەكچىگە قارىتا چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى