ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەبلەغ سېلىش پۇلدارلارنىڭ پاتنېتىمۇ؟

مەبلەغ سېلىش پۇلدارلارنىڭ پاتنېتىمۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-04 ئاۋاتلىقى: 1004 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەبلەغچىلىكتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ كىشىلەرنىڭ مەبلەغچىلىككە بولغان تونۇشىدىن كەلگەن بولۇپ، پۇلدارلار ۋە نامراتلارنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى مەبلەغچىلىك بىلىملىرىگە بولغان تونۇش ۋە چۈشەنچىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن بولغان. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كۆپلىگەن ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر "مەبلەغچىلىك پۇلدارلارنىڭ پاتنېتى، ئۇنىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق." دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئومۇمەن ھەر ئايدىكى مۇقىم مائاشىم كۈندىلىك تۇرمۇشۇمنى ئاران قامداۋاتسا، نەدىمۇ مالىيە ئىشلىرىغا مەبلەغ سالغۇدەك پۇل بولسۇن؟ دەپ قارايدۇ. ئەگەر سىزمۇ مۇشۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز چوڭ خاتالىق سادىر قىلغان بولىسىز. شۇڭا چوقۇم توغرا بولغان قاراش: "مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرى ھەرگىزمۇ پۇلدارلارنىڭ پاتنېتى ئەمەس." دېگەننى تۇرغۇزىشىڭىز كېرەك. "سىز مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرمىسىڭىز، بايلىقنىڭ سىز بىلەن كارى بولمايدۇ. (你不理财、财不理你)" ئەگەر ئەسلىدىنلا پۇلىڭىز كۆپ بولمىسا، ئۇ ھالدا مۇۋاپىق ھالدا مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىزنىڭ تېخىمۇ زۆرۈرىيىتى باردۇر.
 
ئەمەلىيەتتە، مەبلەغچىلىك پۇلىڭىزنىڭ كۆپ-ئازلىقىغا قارىمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى سىزدە مەبلەغ سېلىش ئېڭى بولۇشى، مەبلەغ سېلىشنى خالىشىڭىز، مەبلەغ سالالايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك. بازار تەكشۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىشقا ئاساسلانغاندا، مالىيە ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش "تۇنجى كىرىم، تۇنجى ئىش ھەققى" دىن باشلىنىشى كېرەك. تۇنجى كىرىم ياكى تۇنجى مائاشتىن مۇقىم چىقىمنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن كۆپ ئېشىپ قالمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئازغىنە پۇلنىڭ شىلىنمىسىغا سەل قارىماسلىق كېرەك. ۋال سترېت كوچىسىدا مۇنداق بىر ماقال-تەمسىل بار: "پەقەت ئۇزاق مۇددەتلىك داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر ئايدا 100 يۈەنلىك سېلىنمىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغاندا، 35 يىلدىن كېيىن 1 مىليون يۈەن بولىدۇ." بۇ ھەرگىزمۇ يۇمۇر بولماستىن، بەلكى ھەقىقەتتۇر.
ئادەتتىكى مائاشلىق قاتلىمىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەبلەغچىلىك كىچىك پۇلدىن باشلىنىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ كىچىك پۇل قەيەردە؟ ئىزدىمىسىڭىز تاپالمايسىز، ئىزدەپ تاپقاندا بولسا ھەيران قالىسىز. بىلىپ بىلمەي قولىڭىزدىن ئېقىپ ئۆتكىنى، ئەمەلىيەتتە، كۆپ قىسمىمىز سەل قارايدىغان كىچىك پۇلدۇر. بۇ كىچىك پۇل بەلكىم ئىدارىدىن ۋاقىتلىق تارقاتقان بىر قېتىملىق مۇكاپات بولۇشى، ياكى مەبلەغ خاراكتېرلىك سۇغۇرتىنىڭ ۋاقتى توشقاندىكى پايدىسى بولۇشى، ۋەياكى سىزنىڭ سىرتتىن قوشۇمچە ئىش قىلىپ تاپقان ئازغىنە ئىش ھەققىڭىز بولۇشى مۇمكىن.
چوڭ پۇل ۋە كىچىك پۇلنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى، ئەمەلىيەتتە مالىيە ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىنى تاللاشتىدۇر. پۇل قانچە ئاز بولسا، تاللاش ئىمكانىيىتى شۇنچە چەكلىك بولىدۇ. مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرسەك، قولىڭىزدا 1000 يۈەن بولۇپ، بۇنى مەبلەغ سېلىشنى ئويلاشقىنىڭىزدا، تاللاشقا بولىدىغىنى بوسۇغىسى تۆۋەن بولغان تۆۋەن پايدىلىق مالىيەدۇر. مەسىلەن: ئامانەت قويۇش ۋە زايوم سېتىۋېلىش؛ ئەگەر قولىڭىزدا 100 مىڭ يۈەن بولسا، تاللاشقا بولىدىغان مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، پۇل ئاز ۋاقىتتا، مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرى ئەكسىچە تەسكە توختايدۇ. ئەكسىچە، پۇل خەجلەش ئازدۇرۇش يوللىرى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. پەقەت ئاۋۋال كىچىك پۇلنى يىغقاندا، ئاندىن سىزنىڭ كىچىك پۇلنى چوڭ پۇلغا ئايلاندۇرۇش پۇرسىتىڭىز بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك، ھەرگىزمۇ ھەمىشە پۇلنى ئاز كۆرۈپ مەبلەغ سالساممۇ كۆپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ دەپ ئاغرىنىپ يۈرمەسلىكىڭىز كېرەك. شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تاما تاما كۆل تولار. كىچىك پۇلدا مەبلەغ سېلىشقا ناھايىتى پىششىق بولغىنىىڭىزدا، چوڭ پۇلدا مەبلەغ سېلىشنىمۇ شۇنچە ياخشى كونترول قىلالايسىز.
ئاز پۇل مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرىدا، قىلىدىغىنىڭىز، ھەر قېتىم تاپشۇرىۋالغان كىچىك پۇلنى ئالدىراپ خەجلىۋەتمەي، ئۆيدە ئالاھىدە پۇل قاپچۇقى تەييارلاپ شۇنىڭغا يىغىپ، ھەر قېتىم مەلۇم مىقدار (مەسىلەن: 1000 يۈەن، ياكى 2000 يۈەن دېگەندەك) نى بىر بىرلىك قىلىپ، ئۇنى بانكىغا قويۇش ياكى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىش. بۇنداق بولغاندا، ھەم ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتچان ئىستېمالىڭىز (情绪化消费) نى كونترول قىلغىلى ھەم كىچىك پۇلىڭىزنىڭ "بەك كىچىك" ھېس قىلىپ قېلىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولالايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئەتراپىمىزدا، ئادەتتىكى كىشىلەر دائىم ئۆزىنى نامرات ھېسابلاپ، ھە دېسىلا مال باھاسى ئۆرلەپ كەتتى، ئىش ھەققىمىز مال باھاسىغا يېتىشەلمىدى دەپ ئاغرىنىپلا يۈرۈيدۇ-دە، ئۆزىنىڭ پۇلدارلار ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ قالمىغانلىقىغا قاتتىق ئېچىنىدۇ. ياكى ھەممىدىن بىزار بولغۇچىلار مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرىغا تېخىمۇ سەل قاراپ، مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرى بىلەن "پۇلدارلار" غا تەڭلىك سىزىقى سىزىپ قويىدۇ. كىم بىلسۇن، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل زىددىيەتلىك لوگىكا تەپەككۇرى--بىر تەرەپتىن پۇلنىڭ تۇرمۇشقا ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بايلىق توپلاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلىغا غەرق بولىدۇ. ئەتراپىمىزدا، نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر خىزمەتتە ناھايىتى تىرىشىپ پۇل ئامانەت قويسىمۇ، ئەمما پۇلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمايدۇ. يەنى زىيادە ئىستېمال قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ-دە، ئەڭ ئاخىرىدا  ھېچقانچىلىك پۇل ساقلىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە نامراتلىقتا كۈن كەچۈرىدۇ.
شۇڭا، ئادەتتىكى ئامما بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوقۇم ئۆزىنىڭ مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرىغا بولغان تونۇشىنى توغرىلاپ، ئىدىيەدىكى قاتماللىقنى چىقىرىپ تاشلاپ، مەبلەغچىلىكنى تۇنجى قەدىمىنى ئاكتىپلىق بىلەن بېسىش كېرەك. ھازىرقى زامان ئىقتىسادى "مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرى دەۋرى" نى ئېلىپ كەلدى. ھەر خىل ھەر ياڭزا مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرىغا ئائىت قورال كىتابلار ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇن مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرىغا ئائىت دەرسلىكلەر كەسپىي ساھەلەرگە ئېغىپ، خىزمەت قاتلىمىدىكىلەر، ئائىلە ئاياللىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىشلىرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى. ئىقتىساد مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئامانەت قويۇپ يەككە يۆنىلىشلىك مالىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. ھەمدە ھەر خىل مەبلەغچىلىك قورال كىتابلىرىمۇ مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن كۆپ خىل تاللاش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 
كىشىلىك ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان مالىيە ئىشلىرىنىڭ ئىقتىدارلىرى بىخەتەر، غەمسىز تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ماددىي ۋە روھىي رازىمەنلىكنى قوغلىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، سىز يەنىلا مالىيە ئىشلىرىنى "پۇلدارلارنىڭ پۇل ئويناش ئويۇنى"، مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارامسىز؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇ ھالدا بۇ سىزنىڭ زاماننىڭ ئارقىدا قالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا دەرھال زامانغا ماسلىشىش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز كېرەك.
مەبلەغچىلىك پەند نەسھىيەت: قانچە پۇلى يوق كىشىلەر شۇنچە مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرىغا ئېھتىياجلىقتۇر. باي-نامرات بولۇشتىن قەتئىينەزەر ، مەبلەغچىلىك مالىيە ئىشلىرى ھاياتلىققا ھەمراھ بولىدىغان چوڭ ئىشتۇر. بۇ ھاياتلىق مۇساپىسىدە، قانچە نامرات كىشىلەر، شۇنچە ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئۈزلۈكسىز مەبلەغچىلىك ئارقىلىق كىشىلىك ھاياتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى