ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاش تۈزۈم ئىسلاھاتى توغرىسىدا سوئال-جاۋابلار

ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاش تۈزۈم ئىسلاھاتى توغرىسىدا سوئال-جاۋابلار

ۋاقتى: 2014-07-22 ئاۋاتلىقى: 763 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاش تۈزۈم ئىسلاھاتى توغرىسىدا سوئال-جاۋابلار

  ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاش تۈزۈم ئىسلاھاتىدىن كېيىن، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىگە 30 مىڭ يۈەن، شەخسىي كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىگە 100 مىڭ يۈەن، چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىگە 5 مىليون يۈەن چەك قويۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شىركەت ئاچقاندا پايچىكلار (قۇرغۇچىلار)نىڭ دەسلەپكى مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتى (%20) ۋە مەبلەغ تاپشۇرۇش مۇددىتى (ئادەتتىكى شىركەتلەر ئىككى يىل ياكى مەبلەغ سېلىش شىركىتى بەش يىل)گە چەك قويماسلىق، شىركەت ئەمەلىي يىغىلغان كاپىتالىنى سودا-سانائەت تىزىملاش تۈرلىرى قىلماسلىق قاتارلىقلار قارار قىلىنىپ، %30 پۇل مەبلەغ چىقىرىش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1. سوئال: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەن سودا-سانائەت ئىدارىسىگە بېرىپ چەكلىك شىركەت ئېچىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغى ئۈچۈن بىر يۈەن تاپشۇرسام بولامدۇ؟ 
جاۋاب: بولىدۇ. «شىركەت قانۇنى» 30 مىڭ يۈەنلىك ئەڭ تۆۋەن ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلەغ چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

2. سوئال: ئۇنداقتا نىزامنامىگە ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى بىراقلا يازمىسام بولامدۇ؟
جاۋاب: بولمايدۇ. «شىركەت قانۇنى» بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. «شىركەت قانۇنى»نىڭ 23-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاچقاندا، شىركەت نىزامنامىسىنىڭ بېكىتكىنىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان، بارلىق پايچىكلار تاپشۇرۇشنى ئېتىراپ قىلغان مەبلەغ سوممىسى بولۇشى كېرەك». نىزامنامىگە ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى يازمىغاندا، چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىق بولۇپ، خەۋپ-خەتەرنى چوڭايتىۋىتىدۇ. ھەمدە شىركەتلىك كارخانىنىڭ "چەكلىك مەسئۇلىيەت پرىنسىپى"دەك دەسلەپكى مۇددىئاسىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.

3. سوئال: مەن ئىلتىماس قىلغان چەكلىك  شىركەت قۇرۇشتا، ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنىڭ ھەممىسى ماددىي بۇيۇم، بىر تىيىنمۇ پۇل مەبلىغى بولمىسا بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ.«شىركەت قانۇنى» %30 پۇل مەبلىغى چىقىرىش چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.


4. سوئال: ئۇنداقتا مەن ئەمگەك-مۇلازىمەت ئارقىلىق مەبلەغ چىقارسام بولامدۇ؟
جاۋاب: بولمايدۇ. «شىركەت قانۇنى» بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. «شىركەت قانۇنى»نىڭ 27-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «پايچىكلار پۇل ئارقىلىق مەبلەغ چىقارسىمۇ، ماددىي بۇيۇم، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق پۇل ئارقىلىق باھالىغىلى ھەمدە قانۇنلۇق ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولىدىغان پۇلسىز مەبلەغ چىقارسىمۇ بولىدۇ؛ ئەمما قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزام بەلگىلىگەن مەبلەغ چىقىرىشتا ئىشلەتسە بولمايدىغان مال-مۈلۈك بۇنىڭ سىرتىدا». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغى تىزىملاشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۈزىتىش پىكرى ئېلىش نۇسخىسى) نىڭ 5-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: « پايچىكلار ياكى قۇرغۇچىلار ئەمگەك-مۇلازىمەت، ئىناۋەت، تەبىئىي شەخس ئىسمى، سودا ئىناۋىتى، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقى ياكى ھۆددىگە ئالغان مال-مۈلۈك قاتارلىقلار بىلەن مەبلەغ چىقارسا بولمايدۇ».

5. سوئال: مەن قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان چەكلىك شىركەتنىڭ تىجارەت مۇددىتى 100 يىل، پايچىكلارنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى 99-يىلىغىچە بولسا بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ. «شىركەت قانۇنى» ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، شىركەت نىزامنامىسىگە ئاساسەن ئۆزى بەلگىلىسە بولىدۇ.

6. سوئال: ئەمىسە نەقلەشتۈرۈش مۇددىتىنى نىزامنامىگە يازمىسام بولامدۇ؟
جاۋاب: بولمايدۇ. «شىركەت قانۇنى» بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. «شىركەت قانۇنى»نىڭ 28-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «پايچىكلار قەرەللىك تاپشۇرۇش سوممىسى بويىچە شىركەت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن، ئۆزلىرى تاپشۇرۇشنى ئېتىراپ قىلغان مەبلەغ سوممىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك». گەرچە نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، (مەسىلەن تىجارەت مۇددىتىنىڭ 99-يىلى نەقلەشتۈرسىمۇ بولىدۇ) مۇددىتى توشقاندا، چوقۇم نەقلەشتۈرۈش كېرەك.

7. سوئال: بىزنىڭ شىركەتتە 10 پايچىك بار، ھازىر سودا-سانائەت ئىدارىسى شىركەت قۇرغان ۋاقىتتىكى پايچىك (قۇرغۇچى)نىڭ دەسلەپكى مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتى (%20) ۋە مەبلەغ تاپشۇرۇش مۇددىتى (ئادەتتىكى شىركەتلەر ئىككى يىل، مەبلەغ سېلىش شىركىتى بەش يىل) قاتارلىقلارغا چەك قويمايدىغان، شىركەت ئەمەلىي يىغىلغان كاپىتالىنى سودا-سانائەت تىزىملاش تۈرلىرى قاتارىغا كىرگۈزمەيدىغان بولدى، بۇ شىركىتىمىز پايچىكلىرى ئەمەلىي تاپشۇرۇش مەبلىغىنى مۇددەتكە بۆلۈپ نەقلەشتۈرسە بولمايدۇ، پەقەت بىرلا قېتىمدا نەقلەشتۈرۈشى كېرەك دېگەنلىكمۇ؟ 
جاۋاب: بۇنى شىركىتىڭلار نىزامنامىدە ئۆز ئالدىغا پۈتۈشىدۇ، مۇددەتكە بۆلۈپ نەقلەشتۈرسە بولىدۇ، سودا-سانائەت ئىدارىسى بۇنىڭغا ئارلاشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەقلەشتۈرۈش مۇددىتىمۇ ئۆز ئالدىغا پۈتۈشىلىدۇ، قانچە يىل بولسا مەيلى.


8. سوئال: ھەممە شىركەتلەر ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغى تاپشۇرۇشنى ئېتىراپ قىلىپ تىزىملىتامدۇ؟ ئەمگەك-مۇلازىمەت ئەۋەتىش شىركىتى قۇرماقچى ئىدىم، ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تاپشۇرۇشنى ئېتىراپ قىلىپ تىزىملاتسام بولامدۇ؟
جاۋاب: بولمايدۇ. ھەممىلا شىركەتلەر تاپشۇرۇشنى ئېتىراپ قىلىپ تىزىملىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويمايدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ «ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تىزىملىتىش تۈزۈم ئىسلاھاتى لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىش ئۇقتۇرۇشى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «ۋاقتىنچە ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغى تاپشۇرۇشنى ئېتىراپ قىلىپ تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويمايدىغان ساھەلەر تۆۋەندىكىچە: توپلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قۇرۇلغان چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى، سودا بانكىسى، تاشقى مەبلەغ بانكىسى، پۇل مۇئامىلە مۈلىكىنى باشقۇرۇش شىركىتى، ھاۋالە شىركىتى، مالىيە شىركىتى، پۇل مۇئامىلە ئىجارىگە بېرىش شىركىتى، ماشىنا پۇل مۇئامىلە شىركىتى، ئىستېمال پۇل مۇئامىلە شىركىتى، پۇل ئىگىلىكى شىركىتى، كەنت-بازار بانكىسى، قەرز بېرىش شىركىتى، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى، يېزا پۇل-ئامانەتتە ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش كوپىراتىپى، ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال شىركىتى، فوند باشقۇرۇش شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى، سۇغۇرتا كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ۋە سۇغۇرتا ۋاستىچىسى، چەتئەل كاپىتالى سۇغۇرتا شىركىتى، بىۋاستە سېتىش كارخانىسى، سىرتقى ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەمكارلىق كارخانىسى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خاراكتېرلىك كېپىللىك شىركىتى، ئەمگەك-مۇلازىمەت ئەۋەتىش كارخانىسى، رەنىچىلىك، سۇغۇرتا مال-مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتى، ئاز سوممىلىق قەرز بېرىش شىركىتى». جەمئىي 27 خىل، بۇنىڭ ئىچىدە 26سى ساھە، بىرسى تەشكىللەش شەكلى (توپلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قۇرۇلغان چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى)، قىسقارتىلىپ "1+26" دېيىلىدۇ.

9. سوئال: مەن قۇرغان شىركەت گوۋۇيۈەننىڭ «ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى تىزىملىتىش تۈزۈم ئىسلاھاتى لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىش ئۇقتۇرۇشى»دا بەلگىلەنگەن ۋاقتىنچە ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغى تاپشۇرۇشنى ئېتىراپ قىلىپ تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويمايدىغان ساھە-رەنىچىلىك ساھەسى، ئۇنداقتا مەن سودا-سانائەت ئىدارىسىگە مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى تاپشۇرىشىم كېرەكمۇ؟
جاۋاب: كېرەك ئەمەس. «شىركەت قانۇنى»دا بۇنىڭغا ئائىت بەلگىلىمە يوق. دۆلەتلىك سودا-سانائەت باش ئىدارىسى «ئىچكى مەبلەغ كارخانىلىرىنى تىزىملىتىشتا تاپشۇرىدىغان ماتېرىياللار ئۆلچىمى»دىمۇ مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى تاپشۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمە يوق.

10. سوئال: مەن قۇرغان شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىدە ئالدىن تەستىقلاش تۈرى بار، ئىسلاھاتتىن كېيىن، 18-قۇرۇلتاي ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا «ئاۋۋال ئىجازەتنامە ئاندىن تىجارەت كىنىشكىسنى ئاۋۋال تىجارەت كىنىشكىسى ئاندىن ئىجازەتنامىگە ئۆزگەرتىش» ئېلان قىلىنغانىدى، ئالدىن تەستىقلاش ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرمىساممۇ بولامدۇ؟ 
جاۋاب: بولمايدۇ. «شىركەت قانۇنى»نىڭ 12-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «شىركەت تىجارەت دائىرىسىدىكى قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا بەلگىلەنگەن تەستىقلاش بۇيرۇلغان تۈرلەر قانۇن بويىچە تەستىقلىنىشى كېرەك». دۆلەتلىك سودا-سانائەت باش ئىدارىسى «ئىچكى مەبلەغ كارخانىلىرىنى تىزىملىتىشتا تاپشۇرىدىغان ماتېرىياللار ئۆلچىمى» ── «چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇشنى تىزىملىتىشتا تاپشۇرىدىغان ماتېرىياللار ئۆلچىمى»دە مۇنداق بېكىتىلگەن: «قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەن قارارنامىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇشتا تەستىقتىن ئۆتۈشى، مۇناسىۋەتلىك تەستىق ھۆججەتلىرى ۋە ياكى ئىجازەتنامىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. شىركەت تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلغان تىجارەت دائىرىسىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ قارارنامىسى بەلگىلىگەن تىزىملىتىشتىن بۇرۇن تەستىقلاشقا بۇيرۇلغان تۈرلەرنى تەستىقلىشى، مۇناسىۋەتلىك تەستىق ھۆججەتلىرى ۋە ياكى ئىجازەتنامىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك». "ئاۋۋال ئىجازەتنامە ئاندىن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئاۋۋال تىجارەت كىنىشكىسى ئاندىن ئىجازەتنامىگە ئۆزگەرتىش» ھازىرغا قەدەر تېخى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلمىدى، باش ئىدارىنىڭ تېخىمۇ بىر قەدەم ئىسلاھات تەدبىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى قارار قىلىشىغا موھتاج.


11. سوئال: مەن بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرغان، ئىسلاھاتتىن كېيىن، بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەبلەغ سېلىپ يەنە باشقا بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرسا بولامدۇ؟
جاۋاب: بولمايدۇ. «شىركەت قانۇنى» 58-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «بىر تەبىئىي شەخس پەقەت بىرلا بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە مەبلەغ سېلىپ قۇرسا بولىدۇ، بۇ شىركەت مەبلەغ سېلىپ يەنە باشقا بىر كىشىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرسا بولمايدۇ».

12. سوئال: ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنى ئۆز مەيلىچە ئازايتىۋىتىدىغان كارخانىلارنى سودا-سانائەت ئىدارىسى باشقۇرامدۇ-يوق؟
جاۋاب: باشقۇرىدۇ. «شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغى تىزىملاشنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى»(تۈزىتىش پىكرى ئېلىش نۇسخىسى) 18-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، شىركەت بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ تىزىملىتىشنى بېجىرمىسە، شىركەت تىزىملاش ئورگانلىرى تەرىپىدىن «شىركەت تىزىملاشنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر تۈرلۈك ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىغا ئىمزا قويغاندا، تەبىئىي شەخس ئۆزى ئىمزا قويۇشى، قانۇنىي پايچىك جامائەت تامغىسىنى بېسىشى ۋە باشقا قانۇنىي ۋاكالەتچىلەر ئىمزا قويۇشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى