ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[ئالتىنچى]

[ئالتىنچى]

ۋاقتى: 2015-12-17 ئاۋاتلىقى: 750 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «[بەشىنچى]» بۇ يەردە!

 

[ئالتىنچى]

 

شياڭگاڭدىكى بىر گىرىم بۇيۇملىرى تىجارىتى قىلىدىغان پايچېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت پايچېكىنى بازارغا سېلىپ ئۈچ يىل بولمايلا، يىلمۇيىل زىيان تارتقانلىك سەۋەبلىك پايچېكى توختىتىلدى. ئەستايىدىل تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، شىركەت تىجارىتى گەرچە ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ، ھەتتا تاقىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شىركەت قۇرغۇچىنىڭ بېيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم.

 

ئۇسۇلى: ئۇ ئاۋۋال ئىككى شېرىك تاپتى، بىرى تېخنىكىسى، رېتسىپى بار ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى، يەنە بىرى بولسا ئون نەچچە يىللىق داڭلىق ماركا تىجارىتى تەجرىبىسى بار ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى. ئالدى بىلەن ئۇلار شېرىكلىشىپ ناھايىتى ئاز مەبلەغ بىلەن كادانا، شياڭگاڭ، تەيۋەنلەردە ئايرىم ھالدا تەتقىقات شىركىتى، ماركا شىركىتى، سودا شىركىتى ئەنگە ئالدۇردى ھەم نەچچە دۇكان ئاچتى. بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ھەرقايسى شىركەتلەر ئۆز ئالدىغا مەھسۇلات رېتسىپى، ئىجازەتنامە، تاۋار ماركىسى ۋە باشقا سودا ئىناۋەتلىرىگە ئېرىشتى، ئازراق مەھسۇلاتمۇ سېتىپ بىرئاز كىرىمگە ئېرىشتى. كېيىن، ئۇلار ۋىرگىل ئارىلىدا بىر قاسراق شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، قاسراق شىركەتنىڭ نامىدا بۇرۇن ئەنگە ئالدۇرغان شىركەتنىڭ پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالدى، قاسراق شىركەتنىڭ مۈلكى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ ئىگىلىك تىكلەش تاختىسىدىكى پايچېكىنى بازارغا سېلىشتا تەلەپ قىلىنىدىغان كۆلەمگە يەتتى، سېتىۋېلىش مەبلىغىنى چوڭ پايچىك ئاۋۋال قاسراق شىركەتكە بېرىپ تۇردى، قاسراق شىركەت قەرزدارلىق شەكلىدە ھېساباتقا كىرگۈزۈپ قويدى، نەق پۇل بولسا ئاللىبۇرۇن سېتىۋېلىش پۇلى قىلىنىپ قايتىدىن چوڭ پايچىكنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ بولغان ئىدى. بىر قاتار تىرىشچانلىقلاردىن كېيىن، قاسراق شىركەت شياڭگاڭدا پايچېكىنى بازارغا سېلىپ زور بىر تۈركۈم مەبلەغكە ئېرىشتى، يېرىمى قەرز قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىپ، چوڭ پايچىكقا قايتۇرۇپ بېرىلدى. قالغان يېرىمى شىركەتنىڭ نورمال تىجارىتىگە ئىشلىتىلدى. قۇرغۇچى ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىككىلىسى ئىجرائىيە لېدىرى ياكى لېدىر بولغاچقا، شياڭگاڭنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن، پەقەت ئىككىسىنىڭ يىللىق مائاشىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىلا 4-3 مىليون شياڭگاڭ دوللىرىغا يەتتى. ئىككى يىلدىن كېيىن، شىركەتنىڭ تىجارىتىدە ياخشىلىنىش بولمىغان بولسىمۇ، قۇرغۇچىلارنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.

 

باھا: ئومۇمەن، بۇ مىسالدىكى قۇرغۇچىلارنى ئالدامچىلىق قىلغاندەك ھېس قىلىمىز، لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى قانۇنغا ئۇيغۇن، ئەيىبلىگىدەك ئاساس يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ پايچېكىگە خېرىدار چاقىرىشىدا ئېنىق خەۋپ ئەسكەرتىشى بار، بارلىق ھېساباتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ ناھايىتى تولۇق ئاشكارىلانغان. قۇرغۇچىنىڭ بايلىق يارىتالىشىدىكى سەۋەب، ئاساسىي جەھەتتىن: بىرىنچىدىن، باغلىنىشلىق سودىنىڭ مۈلۈك يۈرۈشتۈرۈش ماھارىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزى ئالدىنقى مەزگىلدە مەبلەغ سېلىپ شەكىللەندۈرگەن شەكىلسىز مۈلۈكنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرغان؛ ئىككىنچىدىن، مەبلەغ چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق، بۇ شەكىلسىز مۈلۈكلەرنى قەرز بولۇش شەكلىدە شىركەتنىڭ مۈلۈك قەرز جەدۋىلىدە ئىپادىلىگەن؛ ئۈچىنچىدىن، پايچېكىنى غەلىبىلىك بازارغا سېلىپ، چوڭ پايچىكنىڭ ھەقدارلىقىنى تېز سۈرئەتتە نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇپ، چوڭ پايچىكنىڭ مۈلۈك قىممىتىنىڭ ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئەلۋەتتە، ئەگەر شىركەت پايچېكىنى غەلىبىلىك ھالدا بازارغا سالالمىغان بولسا، چوڭ پايچىكنىڭ ئالدىنقى مەزگىللەردە سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالالماسلىق خەتىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىدى.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى