ئەمگەك توختام قانۇنىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئىككى ئاساسى مەقسىدى نېمە؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەك توختام قانۇنىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئىككى ئاساسى مەقسىدى نېمە؟
جاۋاب: مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ مۇقىم مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن، تەخمىنەن %30كىمۇ بارمايدىكەن، قالغان %70تىن ئاشقان ئەمگەك توختامىنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق توختاملار ئىكەن، يەنە كېلىپ كۆپىنچىسى 1 يىلدىن ئاشمايدىغان توختاملار ئىكەن. بۇنداق ئەمگەك توختامى تۈزۈش ئەھۋالى غەرب دۆلەتلىرىنىڭكى بىلەن دەل ئەكسىچە، بۇ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم ھالدا ئادەم ئىشلىتىشىگىمۇ ناھايىتى پايدىسىز.
ئەمگەك توختام قانۇنىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئىككى چوڭ مەقسىتى ئەمگەك توختامى ئىمزالاش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى ۋا ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن ئەمگەكچى بىلەن كاپىتالىست ئىككى تەرەپنىڭ «كۈچلۈك كاپىتال، ئاجىز ئەمگەكچى» ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش رولى بار.