ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭ يېتەرسىزلىكى

4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭ يېتەرسىزلىكى

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 557 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىدىمۇ  يېتەرسىزلىكلەر ساقلانغان . ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 4Cs بازارشۇناسلىق   نەزەرىيەسى خېرىدارنىڭ  ئېھتىياجىنى  نەزەردە  تۇتۇشنى يېتەكچى قىلغان، بازارنى يېتەكچى قىلغان 4Ps بازارشۇناسلىق  نەزەرىيەسى  بىلەن سېلىشتۇرغاندا 4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىدە زور ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىيات بولغان. بىراق، كارخانىنىڭ سودا ئەمەلىيىتى ۋە بازار تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، 4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىدە يەنىلا تۆۋەندىكىدەك يېتەرسىزلىكلەر بار:                                                                                         
1. 4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى بولسا خېرىدار يۆنىلىشلىك بولۇپ، بىراق بازار ئىگىلىكى بولسا رىقابەت يۆنىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ كارخانا سودىسىمۇ ئاللىبۇرۇن بازار رىقابىتى يۆنىلىشى باسقۇچىغا ئۆزگەرگەن. خېرىدار يۆنىلىشلىك بازار ۋە بازار رىقابىتى يۆنىلىشلىك بازارنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى شۇكى: ئالدىنقىسىنىڭ كۆرگىنى خېرىدارنىڭ يېڭى ئېھتىياجى؛ كېيىنكىسىنىڭ كۆرگىنى پەقەتلا ئېھتىياج بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھالدا رىقابەتچىسىگە دىققەت قىلغان، سوغۇققانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ رىقابەتتىكى ئارتۇقچىلىق، يېتەرسىزلىكىنى تەھلىل قىلىش بىلەن بىرگە ماس بولغان تاكتىكىنى قوللىنىپ، رىقابەت داۋامىدا تەرەققى قىلغان.   
2. 4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى گەرچە بازارشۇناسلىق تاكتىكىسى ۋە ھەرىكىتىگە سىڭىپ كىرگەن بولسىمۇ، بىراق كارخانا سودىسىنىڭ يېڭى بىر يۇقىرى نۇقتىسىدا بىردەكلەشتۈرۈلگەن. ئوخشاش بولمىغان كارخانىدا كۆپ بولغاندىمۇ دەرىجىدىكى پەرق مەسىلىسى مەۋجۇد، ئەكسىچە سودىدىكى خاسلىق ۋە سودا ئالاھىدىلىكىنى، سودىدىكى ئەۋزەللىكنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، شۇنداقلا كارخانا خېرىدارىنىڭ مۇقىم بولۇشى، يىغىلىشى ۋە تەرەققىياتىمۇ بولمايدۇ.
3. 4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى خېرىدار ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىدۇ، بىراق خېرىدار ئېھتىياجى بولسا ئەقىلگە سىغىدىغان مەسىلە. خېرىدار دائىم سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بولۇپمۇ باھاغا بولغان تەلىپىنىڭ چەك-چېگرىسى بولمايدۇ. خېرىدار تەلىپىنى قاندۇرۇشنىڭ بىر تەرىپىنىلا كۆرگەندە، كارخانا مۇقەررەر كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كارخانىنىڭ تەرەققياتىغا تەسىر قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇزۇننى كۆزلىگەندە، كارخانا ئىگىلىكى قوش يېڭىش پىرىنسىپىغا چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك، بۇ بولسا 4Cs تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
4. 4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى خېرىدارنى قولغا كەلتۈرەلمەيلا قالماي يەنە ئۇزۇن مۇددەتلىك خېرىدار ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇشتەك مۇناسىۋەت سودىسىنى ئويلايدۇ. خېرىدار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتەك مەشغۇلات مەسىلىسىنى ھەل قىلمايدۇ، مەسىلەن توپلاشتۇرۇلغان ھەل قىلىش لايىھەسى، تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىقلار. 
4Cs⑤ بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى گەرچە ئومۇمەن 4Ps دىن ئۆزگىرىپ ۋە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بىراق خېرىدار ئېھتىياجىغا پاسسىپ ھالدا ماسلىشىش تۈسى بىرقەدەر قويۇق. بازار تەرەققياتىغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرى قاتلام ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان چارىنى ئىشلىتىپ خېرىدار ئوتتۇرىسىدا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىن پەرقلىق بولغان يېڭى تۈردىكى ئاكتىپ مۇناسىۋەتنى ئورنىتىش، مەسىلەن ئۆز-ئارا ھەرىكەتلەندۈرۈش مۇناسىۋىتى، ھەسسىلەپ يېڭىش مۇناسىۋىتى، باغلىنىش مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار.
4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى ئوتتۇرىغا چىققان كۈندىن باشلاپلا كارخانىنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشتى، شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن كارخانىلار 4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى ئىشلىتىپ بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كەلگەن مۆجىزىلەرنى ياراتتى. بىراق 4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسى خېرىدارنىڭ ئورنىنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەپ، خېرىدارنىڭ ئېھتىياجى كۆپ ئۆزگىرىش جەريانىدا مەھسۇلاتنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، تېخنىك تەرتىپى توختىماي يېڭىلىنىپ ماڭغانلىقتىن، ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەسلىھەلەرنىڭ خاسلىقى يۇقىرى، شۇڭلاشقا خاس تەننەرخ ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاپ، پايدا بوشلۇقى كەڭ كۆلەمدە كىچىكلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، كارخانىنىڭ ئاساسى مەقسىتى "ساتقىلى بولدىغان مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش" بولۇپ، بازار تۈزۈمى تېخى تولۇق بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا ئاسانلا ساختا، يالغان، ناچار مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىپ، يامان سۈپەتلىك رىقابەتنى يەنى "يالغاننى ھەقىقەتتىن چوڭ" قىلىپ كارخانىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ  مەنپەئىتىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى قىلغان. ئەلۋەتتە  بۇ  4Cs بازارشۇناسلىق نەزەرىيەسىنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى