ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سىزنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان 16 كىچىك ھەرىكەت

سىزنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان 16 كىچىك ھەرىكەت

ۋاقتى: 2016-06-03 ئاۋاتلىقى: 662 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سىزنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان 16 كىچىك ھەرىكەت

گەرچە بىز پىسخولوگ بولمىساقمۇ، بەزى ماھارەتلەرنى ئۆگىنىۋالساقلا باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالالايمىز.

1. بىر تەرەپتىن كۈلۈپ بىر تەرەپتىن سۆزلەش: بۇ خىل كىشىلەر سىز بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۆزىنى ئىنتايىن ئازادە ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مىجەزى ئوچۇق بولۇپ، تۇرمۇشقا بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالمايدۇ، «قانائەت قىلغۇچى خۇشاللىق تاپىدۇ.» غا بەك دىققەت قىلىدۇ، ئادەمگەرچىلىكى كۈچلۈك بولىدۇ. ھېسسىياتى ساپ بولىدۇ، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنى قەدىرلەيدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپ، تىنچ تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.

2. قولىدىن قاس چىقىرىش: بۇ خىل كىشىلەر ئۆزىنىڭ قولىدىن قاس چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ روھى ئۇرغۇپ تۇرغان بولۇپ، ئىنتايىن مۇڭداشقاق كېلىدۇ، بىر ئىشقا كىرىشىپلا قالىدۇ. خىزمەت ۋە كەسىپتە قۇسۇرچى كېلىدۇ، ئەگەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىش بولسا ھەرقانداق بەدەل تۆلىشىگە قارىماي تىرىشچانلىق بىلەن قىلىدۇ.

3. پۇتى تىترەش: بۇ خىل كىشىلەر پۇتىنى ياكى پۇتىنىڭ ئۇچى بىلەن پۇتىنى تىترىتىشكە ئامراق؛ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى ئۇلار شەخسىيەتچى بولۇپ، باشقىلارنى ئانچە ئويلاپ كەتمەيدۇ، ھەممە ئىشتا ئۆزىنى چىقىش قىلىدۇ، باشقىلارغا بېخىل، ئۆزىدىن ئاسان قانائەتلىنىدۇ، لېكىن تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر، دائىم بەزى ئادەمنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

4. بېشىغا ئۇرۇش: بۇ ھەرىكەت پۇشايمان ۋە ئۆزىنى ئەيىبلەشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر ئادەمگە يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالىدۇ، لېكىن خىزمەتكە نىسبەتەن يېڭىلىق يارىتىش روھى بولىدۇ. ئۇلار ئادەتتە تۈز بولۇپ، باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ لېكىن ئۇلار سىر ساقلىيالمايدۇ.


5. زىننەت بۇيۇمىنى تۈزەشتۈرۈش: بۇ خىل كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار بولۇپ، ئادەتتە ئىچ مىجەز كېلىدۇ ، ھېسسىياتىنى ئالدىراپ ئاشكارىلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئىش قىلغاندا ئەستايىدىل. يىغىن، كەچلىك ئولتۇرۇش ياكى تانسا بولسا، ھەممە كىشىلەر تاراپ بولغاندا ئەڭ ئاخىرىدا قىلىپ مەيداننى يىغىشتۇرىدىغانلار دائىم شۇلار بولىدۇ.

6. مۈرىسىنى قىسىش: بۇ خىل ھەرىكەت بەرىبىرلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر كۆپىنچە قىزغىن ۋە سەمىمىي بولۇپ، تەسەۋۋۇر كۈچىگە باي، تۇرمۇش يارىتىدۇ ۋە تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدۇ. ئۇلار قوغلىشىدىغان ئەڭ چوڭ بەخت تۇرمۇشنىڭ ئىناقلىقى ۋە ئازادە مۇھىتتۇر.

7. ئاغزىنى ئېيتىش ۋە بۇرنىنى چىمداش: ئاغزىنى ئېيتىپ بۇرنىنى چىمداشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر ئادەتتە باشقىلارنى مازاق قىلىدىغان ھەم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدىغانلاردۇر. بۇنداق كىشىلەر باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ، باشقىلار نېمىش قىلسا ئۇمۇ شۇنى قىلىشى مۇمكىن، بىر نەرسە سېتىۋالغاندا دائىم بىر قارارغا كېلەلمەيدۇ.

8. بېشىنى دائىم تۆۋەن سېلىۋېلىش: ئېھتىياتچانلار، ھەددىدىن زىيادە جىددىي، يېنىك ئىشلارنى ياقتۇرمايدۇ، تىرىشچان بولۇپ، دوست تۇتۇشتىمۇ بەك ئېھتىياتچان بولىدۇ.

9. ئېڭىكىنى يۆلەش: مۇلازىمەت كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، خاتالىقنى ياقتۇرمايدۇ، خىزمەتتىكى بوشاڭ ھەمكارلىشىش ئوبيېكتلىرىدىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ.

10. ئىككى قولىنى قوشتۇرۇش: ئىشلارغا نىسبەتەن خاس قارىشىنى ساقلايدۇ، كىشىلەرگە سوغۇق تەسىر بېرىدۇ، ئاسان زىيان تارتىدىغان تۈرگە تەۋە، ئازراق مەنمەنچىلىك بار.

11. چېچىنى ئويناش: بۇ ھېسسىياتچان ۋە دائىم تىت-تىت بولىدىغان كىشىلەردۇر، مودىغا بەك سەزگۈر، لېكىن بەزىدە قىزغىن بەزىدە سوغۇق بولىدۇ.


12. قولىنى ئاغزىغا سېلىۋېلىش: سەزگۈر تىپقا تەۋە بولۇپ، سىر ساقلايدىغانلاردۇر، دائىم ئاغزىدا نوچىلىق قىلىدۇ، لېكىن كۆڭلى يۇمشاق.

13. قولى بىلەن بېلىكىنى تۇتۇش: مۇتەئەسسىپ، ئانچە ئەقىللىق ئەمەس كىشىلەر، چۈنكى بۇلار ئالدىراپ باشقىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلمايدۇ، زىيان تارتىش مۇمكىنچىلىكى بار.

14. بىرەر نەرسىگە يۆلىنىش: باغرى قاتتىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە ئېلاستىكىلىقى بار، ئۆزى تىرىشىدىغان تۈرگە تەۋە.

15. ھەممە ئەتراپقا قاراش: ئىجتىمائىي ئالاقىسى ياخشى، خۇشال تۈرگە تەۋە، ماسلىشىشچانلىقى بار، ھەممە ئىشقا قىزىقىدۇ، كىشىگە روشەن ئۆز خاھىشى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ.

16. بېشىنى چايقاش: بۇنداق كىشىلەر ئۆزىگە بەك ئىشىنىدۇ، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەپ قارايدۇ. ئىجتىمائىي سورۇنلاردا ئۆزىنى كۆرسىتەلەيدۇ، خىزمەتكە بولغان بوشاشماسلىقى باشقىلارنىڭ مەدھىيەسىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى