ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

لى كەيفۇنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە بەرگەن ئۈچ تەكلىپى

لى كەيفۇنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە بەرگەن ئۈچ تەكلىپى

ۋاقتى: 2016-06-25 ئاۋاتلىقى: 509 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەربىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئېھتىياجلىق بولغان شىركەت مەدەنىيىتى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى خېرىدارنى يۇقىرى ئورۇنغا قويغان، بىرقەدەر مۇقىم، تېز سۈرئەتتە ئىشقا كىرىشىپ ئايلىنالايدىغان  يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى شىركەت قۇرۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەزى ئىشلارنى قىلىدۇ، ئۆزى باشلامچى بولۇپ شىركەتنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەممىمىز بىلىمىز، ھەربىر شىركەتنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان جايلىرى بولىدۇ، بەزى شىركەتلەردە خوجايىن باشلامچىلىق رولىنى ئوينىسا بەزى شىركەتلەردە مەھسۇلات دىرېكتورىنىڭ باشلامچىلىق رولى چوڭ بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزى شىركەتلەردە ئىنژېنېرنىڭ رولى بەكرەك مۇھىم بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىدە ئەڭ ياخشىسى شىركەت قۇرغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم چىقارغۇچى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. مەسىلەن: شىركەتتە يىغىن ئاچقاندا باشقىلار ماڭا سىزمۇ قاتنىشىڭ دەپ تۇرۇۋالىدۇ، مەن سىز قاتناشقاندىكىن بولدى، قانداق مەسىلە بولسا مەندىن ئايرىم سوراڭ، دەپ جاۋاب بېرىمەن. مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنۇمدا مەن CEO، خوجايىن، ئەمما باشقا باشلىقلارنىڭ غوجىسى ئەمەس. مېنىڭ قىلالايدىغان ئىشىم مۇشۇنچىلىك.
ئىگىلىك تىكلىگەن ۋاقىتتا قانداق قىلىپ بىر ياخشى قوشۇن بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلىگە قارىتا، مېنىڭ مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپىم بار.
بىرىنچى، ئەڭ دەسلەپ ئىش باشلىغاندا ئۆزىڭىز يالغۇز باشلىماڭ. ئەڭ ياخشىسى بىر-ئىككى پىكىر بىرلىكىڭلار بار، بىر-بىرىڭلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلىيالايدىغانلار بىلەن بىرلىكتە باشلاڭ. چۈنكى سىلەر تونۇشقىلى نەچچە يىل بولغان، بىر-بىرىڭلارغا ئىشىنىسىلەر، ئىككى ئىگىلىك تىكلىگۈچى يۈز قىزارتىشىپ قالىدىغان ئوسال ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نىشان، مەقسىتىڭلارنىڭ ئوخشاش بولۇشىمۇ بەك مۇھىم.
ئىككىنچىسى، بىرلىكتە ئىش باشلىغان بىر-ئىككى ئادەمدىن باشقا يەنە دەسلەپكى ئون ئادەممۇ بەك مۇھىم. جوبىس بۇرۇن مۇنداق دېگەن: «بىر شىركەت مۇۋەپپەقىيەت قازىنالامدۇ يوق، بۇنىڭغا باھا بېرىشتە شىركەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئون خادىمىنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئون كىشىنىڭ يولى بىرمۇ ئەمەس، ئوخشاش ئارزۇسى بارمۇ يوق، شۇنىڭغا قارايمىز.» چۈنكى مۇشۇ ئون ئادەم شىركەتنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىلەر، ئۇلار شىركەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ھەم شىركەتنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ. مېنىڭچە بولسا بۇ ئون ئادەمنى چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاڭ. كۆپ سوئال سوراپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىڭ. ئاز ھەم ساز بولسۇن.
ئەڭ ئاخىرقى بىر نۇقتا، جۇڭگودىكى نۇرغۇن شىركەتلەردە ھەممە ئادەمنىڭ پاي ھوقۇقى بولمايدۇ. مەنچە بولسا شىركىتىڭىزدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئازراق بولسىمۇ شىركەتنىڭ پاي ھوقۇقى بولسۇن. ئەگەر زادىلا ئەمەلگە ئاشۇرالمىسىڭىز، ئەڭ دەسلەپكى ئون ئادەمدە چوقۇم پاي ھوقۇقى بولسۇن. چۈنكى شىركەتتىكى ئادەتتىكى خىزمەتچىلەردىمۇ پاي ھوقۇقى بولسا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەڭ ئاخىرقى مەسئۇلىيەتنىڭ ئۆز زىممىسىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن شىركەتنىڭ مەنپەئەتىنى بىرلەشتۈرگەندە ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر قانداق بىر ئادەم بىر ئىش قىلماقچى بولسا، ئەڭ ناچار ئەھۋالنىڭ نېمىلىكىنى ئويلىشىشى، كۈچىنىڭ بارىچە شۇ ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆڭلىمىزدە يەنىلا تەييارلىق بولۇشى كېرەك. ھەر قانداق بىر ئىشتا ئەڭ ناچار ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەگەر كۆرۈلمىسە ئىشىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىڭ.

ئۇنداقتا، ئەڭ ناچار ئەھۋال دېگەن نېمە؟ قېنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى