ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى خادىمغا بەرگەن مائاشنى تۇتۇپ قالسا قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى خادىمغا بەرگەن مائاشنى تۇتۇپ قالسا قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟

ۋاقتى: 2015-06-10 ئاۋاتلىقى: 533 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى خادىمغا بەرگەن مائاشنى تۇتۇپ قالسا قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟

جاۋاب: ئوقۇرمەن يالقۇن ئەپەندى بىر ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى تەرىپىدىن چەتئەلگە ئەۋەتىلىپ تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى بىلەن چەتئەلدىكى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئىمزالىغان كېلىشىمدە، چەتئەلدىكى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ ئۇنىڭغا بېرىدىغان مائاشى 16000 يۈەنئاي ئىدى، لېكىن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ ئۇنىڭغا پەقەت 4000 يۈەنئاي بويىچە بەردى، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتىنىڭ قىلغىنى قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟

بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئەسلىدىكى بەلگىلىمە ئانچە ئېنىق ئەمەس ئىدى. لېكىن «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا بۇ توغرىلىق ئېنىق بەلگىلىمە بار: "ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىدىغان ئىدارە ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمى بويىچە ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىگە بەرگەن ئەمگەك ھەققىنى تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ."

شۇڭا. كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئەمگەك توختام قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، يالقۇن ئەپەندىنىڭ شىركىتىنىڭ بۇ قىلمىشى شۈبھىسىزكى قانۇنغا خىلاپ. گەرچە «ئەمگەك توختام قانۇنى» ھازىر كۈچكە ئىگە بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. يالقۇن ئەپەندى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئىدارىسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئەمگەك نازارەت تارماقلىرىغا بېرىپ پاش قىلسا بولىدۇ.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى